قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ بىلىم
يوللانغان ۋاقتى: 2011-04-02 22:50 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ بالىلارنىڭ ئۆ گىنىشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى بىلىم ئېلىش، بىلىم ئۋلى
قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ
بالىلارنىڭ ئۆ گىنىشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى بىلىم ئېلىش، بىلىم ئۋلىش ئۆگەنگەن بىلىملەرنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلىپلا قالماستىن، بلكى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنىمۇبىلىپ، ئۇنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش جەرياندىن ئىبارەت. بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
1) بالىلار مول، تىپىك ۋە توغرا ھېسسىي ماتېرىياللاربىلەن تەمىنلەش كېرەك.بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشى بىر مۇرەككەپ تەپەككۈر جەريانى.ئۇلار زور مىقدارىكى ھېسسىي بىلىمگە ئىگە بولغاندىلا ،ئاندىن سېلىشتۇرۇش ، تەھلىل قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشقا ئوخشاش تەپەككۈر جەريانى ئارقىلىق بىلىم ئالالايدۇ. ئەگەر ھېسسىي ماتېرىيال يېتەرلىك بولمىسا ، توغرا بىلىم ئېلىش تەس.
2)سېلىشتۇرۇشقا ئوخشاش ۋاستىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ ، بالىلارنى توغرا بىلىم ئېلىشقا يېتەكلەش لازىم.
3)ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تىل تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشى تىل شەكلى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.شۇڭا بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ تىل تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر.
4)ئۆگەنگەن بىلىمنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بىلىمنى ئىشلىتىشئۇقۇم بىلەن قائىدىنى كونكىرىتلاشتۇرۇش جەريانىدۇر.بۇ جەريان ئارقىلىق ھەم بالىلارنىڭ ئۇقۇم بىلەن قائىدىنى چۈشىنىش دەرىجىسنى تەكشۈرگىلى ، ھەم ئۇقۇم قائىدە جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ . بىلىمنى ئىشلىتىشنىڭ شەكىللىرى كۆپ خىل بولىدۇ.مەسلەن، ئېغىزدا چۈشەندۈرۈش ، مىسا كەلتۈرۈش، يازما تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋە ئەمەلىي مەسىللەرنى ھەل قىلىش قاتارلىقلار.
5)ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ بىلىمنى سىستېمىلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشى كېرەك.بىلىمنى سىستېمىلاشتۇرۇش دېگىنىمىز ، قىسمەن بىلىملەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىپ كاللىسدا ئورگانىك سىستېما شەكىللەندۈرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بىلىم سىستىېمىلاشسا ، بىلىمنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى ھەم ئۇنى قوللىنىش ئاساسىدا يېڭى بىلىملەرنى ئىگلىگىلى بولىدۇ.
تەھىرلىگۇچى:admin
|
------分隔线----------------------------