بالىلار قانداق ئائىلىنى ياخشى كۆرىدۇ ؟كىشلەر ئادەتتە بالىلار نېمىنى تەلەپ قىلسا، شۇنىڭغا ئېرىشەلەيدىغان باي ئائىلىنى ياخشى كۆرىدۇ،دەپ قارايدۇ،بۇ خىل قاراش خاتا. يېقىندا ئامېرىكىلىق بىر ئالىم 20 نەچچە دۆلەتتە ھەر خىل ئىرقتىكى ئىقتىسادىي شارائىتى ئوخشىمايدىغان 10 مىڭ بالىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە بالىلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى ۋە ئائىلە كەيپىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىلىدىغانلىقى ئىسپاتلايدىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئالىم ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسگە بولغان ئەڭ مۇھىم 10 تۈرلۈك تەلىپىنى يەكۈنلەپ چىققان؛ 1.) بالا بار چاغدا ۋارقىرىماسلىق؛ 2.) ھەر بىر بالىغا ئوخشاش نەزەر بىلەن قاراش؛ 3.) بالىنىڭ ئالدىدا لەۋزىدە تۇرۇش ياكى يالغان سۆزلىمەسلىك؛ 4.) ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسدا ئۆز ئارا يول قۇيۇش،ئۆز ئارا بىر- بىرىنى ئەيىبلىمەسلىك؛ 5.) ئاتا-ئانا بىلەن ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەت يېقىن بولۇش؛ 6.) بالىنىڭ دوستلىرى كەلگەندە قىزغىنلىق بىلەن قارىشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش؛ 7.) بالىغا ئىزچىل ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئاچچقلاپ ۋارقىرىماسلىق؛ 8.) ئائىلىدە چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش كەيپىياتى بولۇش، ئائىلە ئىشلىرىنى بەلگىلىگەندە،ئائىلىدىكى ھەممەيلەننىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى بولۇش؛ 9.) ئائىلىدە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرۇش؛ 10.) بالا ئاتا-ئاننىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بولۇش. مەنبە----قانۇنىچىلىق گېزىتىدىن 2007(26-ئىيۇل)
|