پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

داستىخان ئۈستىدىكى تەربىيەنىڭ قىممىتى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-24 15:27 مەنبەسى: رادىئو تورى ئاپتورى: ئالىپتىكىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇلار پەرزەنتلىرى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئائىلە تەربىيەسىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتىدۇ، ھەتتا داستىخان ئۈستىدىمۇ پەرزەنتلىرىگە ئائىلە تەربىيەسى بې

داستىخان ئۈستىدىكى تەربىيەنىڭ قىممىتى

ئەنگلىيەلىكلەر ئائىلە تەربىيەسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار پەرزەنتلىرى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئائىلە تەربىيەسىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتىدۇ، ھەتتا داستىخان ئۈستىدىمۇ پەرزەنتلىرىگە ئائىلە تەربىيەسى بېرىدۇ، بۇنداق قىلىش ئەنگلىيەدە بىر خىل ئەنئەنىگە ئايلانغان. «داستىخان ئۈستىدىكى تەربىيە» تاماق يېيىش قائىدە-يوسۇنلىرى، تاماق يېيىش ئادىتى، مۇھىت ئاسراش ئېڭى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەنگلىيەدە بالىلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە تاماققا ئولتۇرغاندا ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارغا تاماق يېيىش قائىدە - يوسۇنلىرىنى، مەسىلەن: ئۇماچنى قانداق ئىچىش، تاماقنى قانداق يېيىش، مېھمانلار بىلەن تاماق يېگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش، تاماق ۋاقتىدا قانداق كىيىنىش، داستىخان ئۈستىدە مېھمانلار بىلەن قانداق پاراڭلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىشكە باشلايدۇ. ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ نەزەرىدىكى «ئەدەپسىز بالا» يېتەرلىك تەربىيە كۆرمىگەن بالا بولۇپ، ئۇلار بۇنداق بالىلارنى جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، چوڭ بولغاندىمۇ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا «داستىخان ئۈستىدىكى تەربىيە» نى بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىدۇ. شۇڭا، ئەنگلىيەلىك بالىلار گۈدەك چېغىدىن باشلاپلا مۆتىۋەرلەرچە تاماق يېيىشنى، ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ داستىخان راسلاشنى، مېھمانلار بىلەن ئۆز لايىقىدا بىرگە تاماق يېيىشنى بىلىدۇ. داستىخان ئۈستىدىكى تەربىيە بالىلارنى چېنىقتۇرۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ، بۇ يەنە ئاتا - ئانىلارنىڭ ئائىلە يۈكىنى يېنىكلىتىش بىلەن بىللە، بالىلاردا ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ.

ھەر بىر بالىنىڭ ئۆزىگە خاس تاماق يېيىش ئادىتى بولىدۇ. شۇڭا ئەنگلىيەلىك ئاتا-ئانىلار «تاماق يېيىش ئادىتى»نى «داستىخان ئۈستىدىكى تەربىيە»گە كىرگۈزگەن. بالىلىرى تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرغان كۈندىن باشلاپ ئۇلار بالىلىرىنى تاماقنى ئۆزى يېيىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تاماقنى ئۆزى يېيىشىنى ئۇلاردا مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندا ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولالايدىغان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا پايدىلىق، دەپ قارايدۇ. نۇرغۇن بالىنىڭ تاماق تاللايدىغان يامان ئادىتى بولىدۇ، ئەنگلىيەلىك ئاتا - ئانىلار بالىلىرىدا بۇنداق يامان ئادەتنىڭ بولۇشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. ئۇلار بالىلىرىغا ھەر بىر خىل تاماقنىڭ پايدىلىق تەرىپى ۋە تەمىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماي، ئۇلارغا يەنە باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئەتراپلىق ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئەنگلىيەلىك ئاتا-ئانىلار بالىلاردا مۇھىت ئاسىراش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە تولىمۇ ئەھىمىيەت بېرىدۇ. ئەنگلىيەدىكى ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان تاماق قاچىلىرىنى ئىشلەتمەيدۇ، شۇنداقلا سۇلياۋ بىلەن ئورالغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالمايدۇ. بالىلار ئاشخانىدىكى ئەخلەتلەرنى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە تۈرلەرگە بۆلۈپ سۇلياۋ خالتىلارغا سالىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، داستىخان ئۈستىدە ئاتا-ئانىلار بالىلارغا سۇ تېجەش، توك تېجەش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنى تېجەشلىك بولۇشقا يېتەكلەيدۇ.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

ئالىپتىكىننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىڭىزدا ئىقتىساد ئېڭىنى يېتىلدۈرەلىدىڭىزمۇ؟ [ 2011-11-24 15:29:02 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] داستىخان ئۈستىدىكى تەربىيەنىڭ قىممىتى [ 2011-11-24 15:27:41 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئالى مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا [ 2011-11-24 15:26:10 ]
[باشقا رەسىملەر] پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ھەجىۋىي رەسىملىرى [ 2011-11-24 15:21:36 ]
[تارىخى بىلىملەر] تارىختا دىيارىمىزدا ئۆتكەن 8 ئۇيغۇر تارخانبەگ [ 2011-11-12 01:00:39 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] يەسلىدىكى "تەجرىبە"، "تەتقىقات" ۋە ئەدەپ [ 2011-11-12 00:59:20 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] توربەتچىلىك ھەققىدە پاراڭ [ 2011-11-12 00:55:35 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] بالىلاردىكى خەت ئوقۇش توسالغۇسى ھەققىدە ئومۇمىي ب [ 2011-11-12 00:45:46 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] 10ياشقا تولمىغان بالىلار پەرھىز تۇتۇشقا تېگىلشىك ي [ 2011-11-12 00:40:46 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بىز قانداق ئاتا-ئانا ؟؟ [ 2011-11-12 00:39:43 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-10-02 17:10
تەۋسىيەلەر