كېلەر يىلى ئالى مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا يېزىلارغا
مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلىدۇ مائارىپ مىنستىرلىقى 2012-يىلى ئالى مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يېزىلارغا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىش كېرەك، دېدى. يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يېڭى سىياسىتى غۇلغۇلا قوزغىدى، بەزى تاراتقۇلار ھەتتا مائارىپ مىنستىرلىقى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىتتىپاقى ئۇسۇلىنى بەك ئېتىراپ قىلىپ كەتمەيۋاتىدۇ، ئەمەلدىن قالدۇرۇشىمۇ مۇمكىن، دەپ خەۋەر بەردى. مائارىپ مىنستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2012-يىللىق ئالى مەكتەپلەر مۇستەقىل تاللاپ قوبۇل قىلىش سىناق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. مائارىپ مىنستىرلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالى مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىناق خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە 2012-يىللىق سىناق خىزمىتىگە ئېنىق، كونكىرىت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ياكى ئىمتىھان بەرگەن يېزا ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىشنى تەكىتلىدى. مائارىپ مىنستىرلىقى ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2003-يىلى ئالى مەكتەپلەر مۇستەقىل تاللاش قوبۇل قىلىش سىناق خىزمىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، مۇقىم، ئوڭۇشلۇق بولدى، مەكتەپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پائال يېتەكچىلىك رول ئوينىدى. 2012-يىللىق سىناق خىزمىتى ئۇقتۇرۇشىدا كۆپ يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئالى مەكتەپتە دەسلەپكى قەدەمدە سىناق قىلىش، تاللانغانلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش، قوبۇل قىلىش تەلىپى ۋە ئاشكارىلىق ،جەمئىيەت نازارىتىنى قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاش قاتارلىق ھەر قايسى تەرتىپ ھالقىلارغا قارىتا ئېنىق، كونكىرىت تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، سىناق ئالى مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىن ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل تاللاش نىزامنامىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلىدۇ. مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىنى بېكىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەن كەسىپلىرىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ئوقۇغۇچىلار،ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگەن رايون ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلىدۇ. 2003-يىلدىن باشلاپ، ئېلىمىز ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىقتىساسلىقلارنى تاللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، قىسمەن ئالى مەكتەپلەرنىڭ بەلگىلىك نىسبەتتە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئاسان بايقالمايدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئالى مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى بارا-بارا ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر شەكىلىنى ئۆزگەرتىپ ئالدى، بىرلىشىپ ئىمتىھان بېرىش ئىتتىپاقىمۇ شەكىللەندى. بىرلىشىپ بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتتى، دەپ قارىلىپ، جەمئىيەتتە ئىنكاس پەيدا قىلدى. مائارىپ مىنستىرلىقى ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالى مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل تاللاپ قوبۇل قىلىش ئىسلاھات سىنىقى- ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تولۇقلىمىسى بولۇپ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئاساسىدا، ئالى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇنىۋېرسال باھا سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئالى مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل باھالاش ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيە ئىمتىھانى، ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاش بىرلەشتۈرۈلگەن ئىقتىساسلىقلارنى كۆپ مەنبەلىك باھالاش، كۆپ مەنبەلىك تاللاپ قوبۇل قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىقتىساسلىقلارنى تاللاشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلالىرىنى تاللاشقا ۋە ئادىل ھەققانىي بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مائارىپ مىنستىرلىقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالى مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل تاللاش قوبۇل قىلىش سىنىقىدىكى ئوبيېكتلار ئاساسلىقى پەن جەھەتتە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئەتراپلىق يېتىلگەن ۋە يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا مائارىپ مىنستىرلىقى يەنە سىناق قىلىنغان ئالى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپنىڭ باھالىشىغا مۇستەقىل ئۆزى مەسئۇل بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئىمتىھاننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ياخشى ئىمتىھان ئىستىلىغا كاپالەتلىك قىلىشنى بەلگىلىدى. سىناق قىلىنغان قىسمەن ن ئالى مەكتەپلەر مۇستەقىل سىناقتىكى يازما ئىمتىھان قىسمىنى بىرلىشىپ ئېلىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ نورمال ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەرتىپىگە يەتكۈزىدىغان تەسىرنى ئازايتىش ئۈچۈن ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىناق ۋاقتى 2012-يىللىق چاغاندىن كېيىن قىلىپ بېكىتىلدى .
|