ئالىي مەكتەپلەردىكى خىزمەت تىپىش نىسبىتى تۆۋەن كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توختىتىلىشى مۇمكىن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدىن ئىگىلىنىشىچە، 21-نويابىر ئېلان قىلىنغان بىر ماتېرىيالدا، ئېلىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى ۋە نۇقتىلىق كەسىپلەرنى ئىقتىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەش يىللىق مەلۇمات تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئالدىن كونترول قىلىش، خىزمەت تىپىش نىسبىتى ئۇدا ئىككى يىل %60تىن تۈۋەن بولغان كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئازايتىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ.
|