ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدە ئائىلە تەربىيىسى بولسا بىر ئائىلىدىكى ئاتا-ئانا بولغۇچى ۋە باشقا قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر پەرزەنتلەرگە قارىتا ئېلىپ بارىدىغان تەربىيىنى كۆرسىتىدۇ. ئائىلە تەربىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئائىلە ئۇيغۇر جەمئيتىنىڭ ئەڭ كىچىك ۋە ئاساسىي ھۈجەيرىسى، يېڭى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش بۆشۈكى سۈپىتىدە، ئۇنىڭدىكى تەربىيە مەزمۇنلىرى ئادەم بولۇش تەلىپى ۋە ئۆلچەملىرىدىن تارتىپ تاكى كەسپىي بىلىم، كەسپىي ئەخلاق،جامائەت ئەخلاقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇرلار ئائىلە دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەخلاق تەربىيىسىنى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتىكى ئەڭ ئاساسىي ۋە تۈپ شەكىل دەپ ئائىلىنى ئەخلاق، بىلىم، ماھارەت، كەسىپ ۋە يوسۇن ئۆگۈنىدىغان ئەڭ مۇھىم مەكتەپ تەرىقىسىدە تونۇپ، ئەۋلادلارنى ئەجدادلار يەكۈنلىگەن ھاياتىي تەجرىبىلەر ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەملەر ئارقىلىق تەربىيىلەپ، مۇنداق ئەنئەنىنى تارىخى ۋارىسچانلىققا ئىگە قىلغان. پەرزەنت توغۇلۇپلا ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئائىلىدىن تەلىم-تەربىيە ئېلىپ، سەبىي قەلبىنى ھاياتلىق ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن تولدۇرىدۇ. شۇڭا پەرزەنتنىڭ قانداق ئائىلىدە چوڭ بولۇشى، قانداق تەربىيە ئېلىشى شۇ پەرزەنتنىڭ چوڭ بولۇپ ئادەم بولىشى ۋە كېيىنكى تەغدىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئائىلە تەربىيىسىنى پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ بىرىنچى مەكتىپى. پەرزەنتلەر سەبىي ھىس-تۇيغۇلىرىنىڭ يېتىلىش بۆشۈكى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ئائىلە تەربىيىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بولۇپ، ئىلگىركى زامانلاردا ئاتا-ئانىلار ئۆيلىرىدە بالىلىرىغا دىنىي، ئەخلاقىي، ئەقلىي تەربىيىسىنى مۇكەممەل بەرگەندىن سىرت، چەۋەندازلىق، جانبازلىق، ئوقيا ئېتىش، ئات مېنىشتەك ماھارەتلەرنى تولۇق ئىگىلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات داۋامىدا ئۆزىگە خاس تەلىم-تەربىيە ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مەسىلەن: كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزنىڭ تەلىم-تەربىيە ھەققىدىكى مەزمۇنلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، 11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن پەيلاسوپ ، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ناملىق قامۇسىدا: ئوغۇلنى بىكار بوش يۈرمە سەن قويۇپ، بىكارچى بولۇر ئۇ لاغايلاپ يۈرۈپ. تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبى قىز-ئوغۇل، ئاڭا تەربىيىچى سەن ئۆزەڭلا بول.① دەپ بايان قىلىش ئارقىلىق پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى قەدىمكى كۆز-قاراشلىرىمىزدىن ئۇچۇر بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلۇغ ئالىم، مۇتەپپەككۈر، تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›› ناملىق قامۇسىدا پەرزەنت تەربىيىسى توغرىسىدا مۇنداق بايانلارنى ئۇچرىتىمىز: ‹‹ ئەي ئوغۇل، مېنىڭ نەسىھىتىمگە قۇلاق سال، بىلىم ھېكىمەت ئىزدە، پەزىلەتلەر تىلە، ئەل ئارىسىدا بۈيۈك ئالىم بول، بىلىمىڭنى تارات، بىلىملىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەپ، سۆزىنى ئاڭلا، پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇر، چىرايلىق كىيمىڭنى ئۆزۈڭ كىي، مەززىلىك تائامىڭنى باشقىلارغا بەر، مىھمانلارنى ھۆرمەتلە، نامىڭ ئەل ئارىسىدا يېيىلسۇن››.② بۇنىڭدىن باشقا 13-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر مائارىپچى ئەھمەد يۈكنەكى ئۆزىنىڭ ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق›› يەنى ‹‹ ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى›› ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيە قائىدىلىرى، مەزمۇنى توغرىسىدا نۇرغۇن بايانلارنى، تەلىم-تەربىيە، مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئەپسانە، چۆچەك، رىۋايەت، ماقال-تەمسىللەردە پەرزەنت تەربىيىلەش ھەققىدە نۇرغۇن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ئۇچۇرلار بېرىلگەن. مەسىلەن: ‹‹ئالتۇن كۇكولىلىق قىز››، ‹‹ زۇمرەت ۋە قىممەت›› قاتارلىق چۆچەكلەردە بالىلارنى ئىشچان، تىرىشچان، ئەدەپلىك، مۇلايىم بولۇشقا، ھورۇن بولماسلىققا دەۋەت قىلىپ، ئىشچان، ئەدەپلىك بولسا، كەلگۈسىدە بەخت- سائادەتلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەربىيە بەرسە، ‹‹ يالماۋۇز ۋە باتۇر يىگىت››، ‹‹چىن تۆمۈر باتۇر›› قاتارلىق چۆچەكلەر ئارقىلىق بالىلارنى باتۇر، قورۇقماس، ياراملىق بولۇشقا تەربىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ئەل ئىچى شائىر-يازغۇچىلىرىمز، ئالىم-ئەدىپلىرىمىز قەدىمدىن تاكى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بالا تەربىيىسى، بالىنى قانداق تەربىيىلەش، بالا تەربىيىلەشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش توغرىسىدىكى كۆز-قاراشلىرى ۋە ياخشى پىكىرلىرىنى گېزىت-ژۇرنال، مەتبۇئات، كىنو-تېلىۋىزىيەلەردە ئېلان قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بالا تەربىيىلىشىدە يىتەكچىلىك رول ئوينىماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇسۇلىغا ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ياشاش شارائىتى، تۇرمۇش ئادىتى، ئىجتىمائىي يوسۇنلىرى، دىنىي ئېتىقاد ئادەتلىرى ۋە پىسخىكىسى بىۋاستە تەسىر قىلغان بولۇپ، ھەر بىر رايون ھەربىر ئائىلە-جەمەتنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر يۈرۈش پەرزەنت تەربىيىلەش قائىدىلىرى ۋە پەرھىز يوسۇنلىرى بولغان بولىدۇ. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا بالىلىرىنى چارۋىچىلىق قائىدە-يۇسۇنلىرى بىلەن تەربىيىلەشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەسىلەن: ئىلى، ئالتاي، قۇمۇلنىڭ بەزى باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىلەردە يىلقا ھەيدىيەلمەيدىغان، كالا ساغالمايدىغان بالىلار لاياقەتسىز، مەسخىرىلىك بالا بولۇپ قالىدۇ. باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىلەردە دەرەخ پۇتاشنى بىلمىگەن بالىلار دىتى يوق، ئىش قىلالمايدىغان بالا ھېسابلىنىدۇ. قەشقەر، خوتەنگە ئوخشاش ھۆنەر-كەسپ بىلەن شوغۇللىنىغان رايونلارغا نىسبەتەن بىرەر ھۆنەرنى ئۆگەنمىگەن ھەم قىلالمىغان بالىلار كەلگۈسىدە ‹‹جېنىنى باقالمايدىغان›› سانىلىپ لاياقەتسىز ئادەم ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى ئەمگەك، ھۈنەر، بىلىم، ئەخلاق-پەزىلەت، دىن، قائىدە-يوسۇن قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيىلەشكىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، بۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلۈپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. 1. ئەمگەك تەربىيىسى ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ھەربىر دەۋىر ھەربىر رايوندا بۇ خىل ياشاش ئۇسۇلى بالا تەربىيىلەشكە بىۋاستە تەسىر قىلغان بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەمگەكنىڭ ئادەم بەدىنىنى ۋە ئەقىلنى چېنىقتۇرىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا چۈشىنىپ يېتىپ، بالىلىرىنى ئىشچان، ئەمگەكچان بولۇپ چوڭ بولۇشقا، ھورۇن بولماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ ھاياتلىقنىڭ ئۇلىنى سالغۇچى ئېتىز-ئېرىقلارغا ئېلىپ چىقىپ ناننىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلدۇرۇش ئارقىلىق تۇرمۇشقا پىشۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتى يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بالا چوڭ بولسىلا دېھقاننىڭ بالىسى بولسا كەتمەننى قولىغا ئالىدىغان، ئوۋچىنىڭ بالىسى بولسا ئوقيانى قولىغا ئېلىپ چوڭ بولىدىغان ئادەت قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلاردا ئادەتتە سىرتنىڭ يەنى ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى ئەرلەر ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان بولغاچقا، ئوغۇل بالىلىرىنى ئاساسەن ئەرلەر قىلىدىغان ئىشلار يۆنىلىشىدە تەربىيىلەيدۇ. ئوغۇلبالا كىچىكىدىن تارتىپ ئويۇن ئوينىغاندىمۇ، كىچىك كەتمەن، كىچىك ئوقيالارنى ياساپ ئوينايدۇ. بۇ كەلگۈسىگە بولغان تەييارلىق ھېسابلىنىدۇ. بالا بىر ئاز چوڭ بولغاندا دادىسىغا ئەگىشىپ سىرتنىڭ ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ. بۇ جەريانىدا دادا بالىغا شۇغۇللانغان كەسىپنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆگەتكەچ بالىنى چامىسى يەتكۈدەك ئىشلارغا سالىدۇ. بۇ جەرياندا بالىسىغا ئەمگەك قائىدىسى ۋە ئەمگەك قىلغاندا چچىدام-غەيرەتلىك بولىشى لازىملىقى ھەققىدە تەربىيە بېرىدۇ. مەسىلەن: ئوغۇللارغا ئەمگەك تەربىيسى قىلغاندا ‹‹بېلى بوش››دېگەندەك سۈپەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك قىلىش غۇرۇرىنى ئۇرغۇتىدۇ. ھورۇنلۇق قىلغان بالىلارغا ‹‹ئۈچ ئوغۇل››غا ئوخشاش چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىش ۋە ‹‹ئەمگەك قىلغاننىڭ يۈزى يورۇق، ئەمگەك قىلمىغاننىڭ يۈزى چورۇق››دېگەنگە ئوخشاش ماقال-تەمسىللەر ئارقىلىق ئۇلارغا ئەمگەكنى سۆيۈش كېرەكلىكى ۋە ئەمگەك قىلسا بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقى ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ. قىزلار بولسا كۆپرەك ئائىلىدە، ئانىنىڭ تەربىيىسىدە بولىدۇ. ئانا قىزىنى كىچىكىدىن تارتىپ پاكىزە، رەتلىك بولۇشقا يېتەكلەپ، ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆگۈتىدۇ. ھەربىر ئىش قىلغاندا ئۆز قائىدىسى بىلەن رەتلىك، سىلىق قىلىشقا تەربىيلەيدۇ. قىزلارغا بولسا، ‹‹يۇيغۇچنى چىڭ سىقمىسا، بالىلىق بولغاندا بالىسى شۆلگەي بولۇپ قالىدۇ››، ‹‹چىنە-قاچىلارنى ۋاقتىدا يۇيمىسا، چىنە-قاچىلار قارغايدۇ›› دېگەندەك بىر قاتار ‹‹يامان بولىدۇ›› سۆزلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى ئىشچان، پاكىز، ئەقىللىق چوڭ بولۇشقا تەربىيىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئاتا-ئانىلارغىمۇ پەرزەنت تەربىيلەش ھەققىدە قاتتىق تەلەپ قويۇلۇپ ‹‹ئانا كۆرۈپ قىز ئال، قىر كۆرۈپ بوز ئال›› دېگەندەك ماقال-تەمسىللەر تارقىلىپ، ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارنى تەربىيلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. 2. بىلىم-ھۈنەر تەربىيىسى ئۇيغۇرلار قەدىمدىنلا ھۈنەر-كەسىپ ۋە بىلىم ئىگەللەشنىڭ ئىنسان ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلىپ يەتكەن بولۇپ قەدىمدىن تارتىپلا بىلىم ئۆگىنىشكە قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ كەلگەن ھەمدە ھۈنەر-كەسىپ ، بىلىمنىڭ كىشىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىنى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان كارىز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ بىلىم ۋە ھۈنەر-كەسىپكە ئىنىتىلىشىنىڭ نەتىجىسى. كىلاسسىك ئەسەرىمىزدىن ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› تىمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، نەسەب، تەبىقە ئايرىمىسى بايلىقتا ئەمەس، بەلكى بىلىملىك بولۇش بىلەن بىلىمسىز بولۇشتا›› دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ، بۇ جەھەتتە ئىلگىرىدىن تارتىپ پەرزەنتلەرنىڭ ئەقىل –ئىدراك بىلەن بىلىمگە تايىنىپ مەملىكەتنى (خەلقنى) باشقۇرۇپ ، خەلقنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا بالىلارنى ھۆنەر كەسىپ، بىلىم ئۆگۈنىشكە يىتەكلەيدىغان نۇرغۇن چۆچەك، ماقال-تەمسىللەر بار بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بالىلارغا تەربىيە ئېلىپ بارغان. مەسىلەن: ‹‹ئەقىللىق بالا››، ‹‹ياغاچچى بىلەن تۆمۈرچى››، ‹‹بىلىقچى بوۋاي›› دېگەندەك چۆچەكلەر، ‹‹ بىلىگى چوڭ بىرنى يېڭەر، بىلىمى چوڭ مىڭنى يېڭەر››، ‹‹ئەر كىشىگە 72خىل ھۈنەرمۇ ئازلىق قىلىدۇ›› دېگەنگە ئوخشاش ماقال-تەمسىللەر ئارقىلىق بىلىم-ھۈنەرنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىنى، مەنپەئەتدارلىق رولىنى ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن. 2. ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيىسى ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە سېستىمىلاشقان ئەخلاق ئەنئەنىسىنىڭ داۋاملىشىپ كىلىشى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيىسىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيىسى تارىختىن بۇيان مەكتەپ-مەدرىسە تەربىيىسى، ئائىلە تەربىيىسى، جەمئىيەت تەربىيىسى ۋە كەسىپ ھۆنەر تەربىيىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە قارىلىپ، كۆپ ئېتىبار بېرىشكە ئېرىشىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش يوللىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىم ئىككى خىل يولى بار. ئۇلار ئائىلە تەربىيىسى، مەكتەپ-مەدرىسە تەربىيىسى قاتارلىقلار. ئائىلە ئەخلاق تەربىيىسى ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە باشلانغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە دائىرىسىدىكى ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، ئومۇمەن بارلىق ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى ئائىلىدىن تارتىپ يىتىلدۈرۈش، ھەممە ئىشتا ئەخلاقىي ئۈلگە كۆرسىتىش، يامان قىلىق ۋە ھەرىكەتلەرنى تەنقىد قىلىش، قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مەيلى مەكتەپ-مەدرىسە تەربىيىسى كۆرگەن ئەۋلادلار بولسۇن ياكى كۆرمىگەن بالىلار بولسۇن، ھەممىسىنى ئېسىل ئەخلاقىي ئاڭغا ئىگە قىلىپ تەربىيىلىگەن. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن ‹‹قۇتادغۇبىلىك››، ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› لىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرىنى روشەن يورۇتۇپ بەرگەن. يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن چۆچەك، رىۋايەتلىرىدىمۇ كىشىلەرنى ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق بولۇشقا، سەمىيمىي، راستچىل بولۇشقا، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەشكە ئۈندەيدىغان مەزمۇنلار كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەزگىللىك ئەخلاق تەربىيىسى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئەخلاقىي تەربىيە ۋاستىسى ۋە ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ كونكىرت ئۇسۇللىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتا بويىچە بايان قىلىشقا بولىدۇ. (1) ئەقىل ئارقىلىق نەسىھەت قىلىش ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئۇيغۇر ئەخلاق سېستىمىسىنىڭ يىراق قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كاتىگورىيىلىرىدۇر. كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، ھەرىكەت-قىلىق، گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش-تۇرۇشتا ياخشى بولۇشقا ئۈندەش، يامانلىقنىڭ ھەممە تۈرلىرىدىن توسۇش ۋە ئۇنى ئەقلىي ئاساسلار ئۈستىگە تۇرغۇزۇش ـــــ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيىسىدىكى تۈپ ئۇسۇللارنىڭ بىرىدۇر. قەدىمكى ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىگە خاس ۋەسىقىلەر ئىچىدىكى ‹‹ئۈگۈتلەر››، نەۋەئى ئەسەرلىرىدىكى تەنبىھلەر، مۇھەممەد سىدىق رەشىدنىڭ ئەسەرلىرىدىكى تەۋسىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ياخشىلىق قىلىش، ئەخلاقلىق بولۇشنىڭ پايدىلىرىنى، خۇلقى يامان بولۇشنىڭ زىيانلىرىنى، ئىسپاتلار بىلەن شەرھىلەپ چۈشەندۈرگەن. بۇنىڭدا جەمئىيەتتكى بىرەر ياخشى ئەخلاق ئۈلگىسىنى مىسال تەرىقىسىدە سۆزلەش، ئۇلۇغلارنىڭ ئەخلاقىي ئۈگۈتلىرىنى، ماقال-تەمسىل ۋە ھېكىمەتلىرىنى دەلىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەيتىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا قەلب گۈزەللىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، بالىلارغا چوڭلارغا مۇئامىلە قىلغاندا، ئەدەپلىك بولۇش، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، چوڭلار ئالدىدىن توغرىسىغا ئۆتمەسلىك، چوڭلار بىر نەرسە بەرسە قوش قوللاپ ئېلىش، سۆزلىگەندە ئەدەپلىك بولۇش، چوڭلارغا گەپ قىلغاندا ‹‹سىز››، ‹‹ئۆزلىرى›› دەپ گەپ قىلىش، چوڭلار ئالدىدا ۋارقىرماسلىق، ئاچچىقلانماسلىق توغرىسىدا قايتا-قايتا تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ. ئاتا-ئانىسىغا، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-يارەنلىرىگە ۋاپادار بولۇش، راسىتچىل، سەمىيمىي بولۇش، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش، ئەدەپلىك، گۈزەل تىللارنى ئىشلىتىش، يامان ئىش، يامان سۆزلەردىن خالىي بولۇش جەھەتلەردە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. (2) پەزىلەت بىلەن مەنپەئەتنى، پەزىلەتسىزلىك بىلەن زىياننى بىرلەشتۈرۈپ ئەخلاق ئۆگىتىش. كىشىلەرنى مۇئەييەن پايدا-مەنپەئەت ئارقىلىق ياخشى ئىش قىلىشقا، ياخشى خۇلۇق يىتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش، مەلۇم زىيان ياكى يامان ئاقىۋەت(جازا) ئارقىلىق بارچە ئەخلاقسىز قىلمىشلاردىن توسۇش ــــ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئۇسۇلدۇر. بۇنداق ئۇسۇلنىڭ ماھىيىتى شۇكى كىشىلەرنىڭ پەزىلىتى ۋە پەزىلەتسىزلىكىنى ئۇلارنىڭ ئۆز مەنپەئىتى بىلەن زىچ باغلاپ، كىشىلەردە ياخشى ئىش قىلغاندا ۋە پەزىلەتلىك بولغاندا ياخشى نەتىنجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، يامان ئىش قىلغاندا ۋە پەزىلەتسىز بولغاندا زىيان تارتىدۇ، دېگەن مۇستەھكەم ئىرادىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت. بۇنداق تەربىيەلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: ‹‹يالغانچى بالا›› چۆچىكى ئارقىلىق بالىلارنى راستچىل سەمىيمىي بولۇشقا ئۈندەپ، راستچىل بولغاندا، زىيان تارتمايدىغانلىقى، يالغان ئېيتسا كۆپ زىيان تارتىدىغانلىقى ھەققىدە تەربىيە بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ‹‹راست ئېيتىپ قۇتۇلۇپتۇ، يالغان ئېيتىپ تۇتۇلۇپتۇ››،‹‹كەمتەرلىك كىشىنى ئالغا باستۇرىدۇ، مەغرۇرلۇق كىشىنى كەينىدە قالدۇرىدۇ›› دېگەندەك ماقال-تەمسىللەر، ‹‹يالغان ئېيتسسا تومۇرى قۇرۇپ قالىدۇ››، ‹‹سەت گەپ قىلسا تىلى قارىداپ قالىدۇ››، ‹‹ئالتۇن ئۇغرىلىسا، كۆزى قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ›› دېگەندەك بىر قاتار ‹‹ يامان بولىدۇ›› سۆزلىرى ئارقىلىق بالىلارنى يامان ئىشلارنى قىلشتىن، ئەدەپسىز بولۇشتىن توسۇيدۇ. (3) ئۈلگە تىكلەش ئارقىلىق تەربيىلەش كونكرېت ئۈلگە تىكلەش ئارقىلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش ـــــ ئۇيغۇرلانىڭ ئەسىرلەر مابەينىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئەخلاقىي تەربىيە ئۇسۇلىدۇر. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاتا-ئانا ۋە باشقا چوڭلار پەرزەنتلەر ۋە كىچىكلەر ئالدىدا ھەر خىل ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش، گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇش، سالام-ساھەتلەردە يوسۇنلۇق، پەزىلەتلىك بولۇش ئارقىلىق بالىلار ۋە كىچىكلەرگە مەقسەتلىك، ئەمما ئىستىخىيلىك رەۋىشتە ئەخلاقىي تەلىم-تەربىيىنى سىڭدۈرىدۇ. ھەر بىر بالا ئالدى بىلەن ئەخلاقنى ئائىلىسىدە ئاتا-ئانىسىنى دوراپ تەقلىدەن ئۆگۈنىدۇ. ھەر بىر بالىنىڭ ھەركىتىدىن شۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلگەن ئائىلە ئەخلاق مۇھىتىنىڭ كىچىك كارتىنىسىنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار بالىلار ئالدىدا ھەربىر ئىشتا ئۆزى ئۈلگە تىكلەش ئارقىلىق تەربىيە بېرىشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بالىلار ئالدىدا سۆز-ھەرىكەتكە دىققەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا، ئەدەپسىز سۆز، ئەدەپسىز قىلىقلارنى قىلشتىن ساقلىنىدۇ. ئۈلگە تىكلەپ تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا يەنە ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن: ئوغۇزخان، سادىر پالۋانغا ئوخشاش تارىخي شەخىسلەر، داستان-قىسسەلەردىكى پەرھاد-شېرىن، تاھىر-زۆھرەگە ئوخشاش قەھرىمانلار، نۇزۇگۇمغا ئوخشاش ئادالەت يولىدا قۇربان بولغانلار، يۇرتتىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر چوڭ مۆتىۋەرلەر، ئۆز جەمەتىدىكى داڭلىق كىشىلەر، تۇققانلىرىنىڭ ئىچىدىكى ياراملىق كىشىلەر قاتارلىقلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىدىن ئۆگىنىشكە، شۇلارغا ئوخشاش، ياراملىق ئادەم بولۇپ بەخت قوچۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. (4) ئىبرەت ئىلىش تەربىيىسى بېرىش بۇ خىل تەربىيە ئۇسۇلى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان بولۇپ، ئاساسەن تارىختىكى ۋە جەمىئىيەتتىكى يامان كىشىلەر، يامان ئىشلار ھەم ئۇلارنىڭ تارتقان زىيانلىرى مىسال قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقى، ئەدەپسىزلىكى، ھورۇنلىقىدىن نەپرەتلىنىدىغان، يىرگىنىدىغان، ئۇلاردەك بولماسلىقنى ئويلايدىغان قىلىپ تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا ئاساسەن، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز-ئەدەبىياتىدىكى چۆچەكلەر، رىۋايەت-داستانلار، تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي مىساللار كۆپرەك قوللىنىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىجابىي پىرسۇناژ بىلەن سەلبىي پىرسۇناژ تەڭ مەۋجۇد بولىدۇ. بۇنى ئاڭلىغۇچىلار ئىجابىي پىرسۇناژنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىقلىقى، ئاقكۆڭۈللىكى، راستچىللىقى، باتۇرلىقىدىن تەسىرلەنسە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەسەردىكى سەلبىي پىرسۇناژنىڭ سەمىيمىيەتسىزلىكى، ئەدەپسىزلىكى، قوپاللىقى، يامان نىيىتى، ھورۇن، مىشچانلىقىدىن نەپرەتلىنىپ، ھەرگىز ئۇنى دورىماسلىق ھەققىدە تەربىيە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە، كۆز ئالدىدىكى كىشىلەرنىڭ يامان قىلىقلىرى، ئەدەپسىزلىك ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشقا ئۈندەيدۇ. (5) پەرھىز-چەكلىمىلەر ئارقىلىق ئەخلاق تەربىيىسى بېرىش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەلۇم نەرسىگە چېقىلغىلى بولمايدۇ، چېقىلىپ قالسا كىشىگە زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قاراپ ئۇلارغا چېقىلمايدىغان، مەلۇم ھەرىكەتلەرنى قىلىپ سالسا ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدۇ دەپ قاراپ، ئۇنداق ھەرىكەت-قىلىقلاردىن قەتئىي ساقلىنىدىغان ئادەت بار بولۇپ، پەرھىز ئادىتىدە ئاساسلىنىدىغىنى گەرچە تەبىئەتتىن تاشقىرى كۈچلەردىن ئەيمىنىش ۋە باشقا خۇراپىي ئېتىقادلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە ئەنئەنىسىدىكى مۇھىم تەربىيە ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. دەرۋەقە، مەلۇم ئەخلاقسىزلىقنى پەقەت جامائەت پىكىرىنىڭ بىسىمى بىلەن تۈپتىن تۈگەتكىلى بولماسلىقى مۇمكىن. ناۋادا ئۇنىڭغا بىرەر سىرلىق ۋە قورقۇنچلۇق ‹‹ئاقىۋەت›› قوشۇلسا، ئەخلاقسىز قىلمىش تېزرەك تۈگىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلاردا يامان ئاقىۋەتنى سۆزلەش ئارقىلىق ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان ئەھۋال نىسبەتەن كۆپ ئۇچىرايدۇ. مەسىلەن: ‹‹ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتسا، ئۆمىرى خار-زارلىقتا ئۆتىدۇ››، ‹‹ئۇستازىنى ھۆرمەتلىمىسە، ھۆنەردە رۇناق تاپالمايدۇ››، ‹‹قۇش بالىسىنى تۇتۇپ ئوينىسا، چوڭ بولغاندا قولى تىتىرەيدىغان بولۇپ قالىدۇ››، ‹‹ناننى دەسسىسە، كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ››، ‹‹قازان بېشىدا تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ››، ‹‹سۇغا يۇندا تۆكسە يامان بولىدۇ››، ‹‹قولىنى يۇيۇپ سىلكىسە يامان بولىدۇ››، ‹‹ئۆيدە ئاغزىنى ئىسقىرتسا يامان بولىدۇ››، ‹‹چاپاننىڭ ئالدىنى ئېچىۋىتىپ كەيسە يامان بولىدۇ›› دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنىڭ يامان ئەخلاقىي قىلمىشلارنى توسۇش رولى ئادەتتىكى ۋەز-نەسىھەتلەردىن كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئاددىي ئەخلاقىي چەكلىمىلەرگە ‹‹يامان بولىدۇ›› دېيىش ئارقىلىق مەلۇم سىرلىق تۈس قوشۇپ، بالىلىرنىڭ يامان ھەرىكەت-قىلىقلارنى يېتىلدۈرۈپ قالماسلىقىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاساس بىلەن دەلىللەيدۇ. 3. ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش تەربىيىسى ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى ئائىلە ئىچىدە تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق تەربىيىلەپلا قالماي يەنە جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ‹‹بالاڭنى مەكتەپكە بەر، مەكتەپتىن ئېلىپ مەشرەپكە بەر›› دەيدىغان سۆز بولۇپ، بۇ دېگەنلىك بالا تەربىيىلەشتە پەقەت ئائىلە تەربىيىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە مەكتەپنىڭ، جەمئىيەتنىڭ تەربىيىسىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش تەربىيىسى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئوسۇل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. (1) تۈرلۈك توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراقلارغا ئېلىپ بېرىش ئۇيغۇرلار ئاساسەن توي-تۆكۈن نەزىر چىرقلارغا بېرىشتە بالىلىرىنى ئەگەشتۈرىۋالىدىغان بولۇپ، ئۇ جايغا بېرىشتىن بۇرۇن بالىلىرىغا سورۇنغا بارغاندىن كېيىن، قالايمىغان شوخلۇق قىلماسلىق، نەرسە-كېرەكلەرگە قالايمىقان تەگمەسلىك، چوڭلارغا سالام بېرىش، ئەدەپلىك سۆزلەرنى قىلىش، داستىخاندا ئەدەپلىك ئولتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيە ئىشلىگەندىن كېيىن ئاندىن ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا كىچىك بالىلار توي-تۆكۈنلەرگە بارغاندا، ئادەتتىن تاشقىرى ئەدەپلىك بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ئارقىلىق بالىلارغا باشقىلاردىن ھېيىقىدىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئادەم كۆپ جايدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا گەپ-سۆز، ھەرىكەتكە دىققەت قىلىدىغان، ئاممىۋى سورۇن ۋە مۇراسىملارغا قاتناشقاندا، تەمتىرىمەيدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار يەنە توي-تۆكۈنلەرگە بېرىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ كىيىمىنى يەڭگۈشلەپلا قالماستىن، بالىلىرىنىڭمۇ چىرايلىق، پاكىز كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ ئېلىپ بارىدۇ، بۇ ئارقىلىق بالىلار ئاممىۋى سورۇنلارغا بارغاندا، پاكىزە، رەتلىك كېيىنىپ بېرىش، يۈرۈش-تۇرۇشقا دىققەت قىلىش پىسخىكىسى يېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار توي-تۆكۈنلەرگە قاتناشقاندا، بالىلىرىغا تويغا كەلگەن تۇققانلىرىنى، دوستلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ ھەم قارىشى تەرەپكىمۇ بالىسىنى تونۇشتۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق بالا نۇرغۇن ئۇرۇق-تۇققانلار ۋە تەڭ دېمەتلىكلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار يەنە توي-تۆكۈنلەردە بالىسىنى يېنىدا تۇرغۇزۇپ توي قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىرمۇ-بىر چۈشەندۈرىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن بالىدا بىر قاتار قائىدە-يۇسۇنلارنى ھەم ئۇنىڭ تەرتىپىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى بار بولىدۇ. بالىلىرىنى توي-تۆكۈن نەزىر-چىراقلارغا بىللە ئېلىپ بېرىشنىڭ بالىلارغا ئەپكىلىدىغان ئىدىيىۋى-تەربىيە، پىسخكا، ئېستىتىكا تەربىيىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا بالىلار ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ، توي-تۆكۈنلەرگە بېرىشقا بەك ئامراق بولىدۇ. (2) تۇققان يۇقلاشقا بىللە ئېلىپ بېرىش نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بالىلىرىنى تۇققان يۇقلاشقا، مېھماندارچىلىققا بىللە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئارقىلىق بالىسىغا تۇققان، دوست-يارانلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق تۇنۇشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ھەمدە تۇققانلار ئارا يېقىن، ئىناق ئۆتۈش لازىملىقى، قەرەللىك يۇقلاپ، ھال-ئەھۋال سوراپ تۇرۇش كېرەكلىكى، ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىدىن باشقا، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-يارەنلەرگىمۇ مىھرىبان، ۋاپادار بولۇش لازىملىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. (3) ھېيت-بايرام پائالىيەتلەرگە بىللە ئېلىپ بېرىش ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن بۇيان، قۇربان ھېيت بىلەن روزى ھېيت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق بايراملىرىنڭ بىرى بولۇپ قالدى. ھەر يىلى ھېيت كەلگەندە، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ھېيت پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلارمۇ تەڭ جۆر بولۇپ، ئالاھىدە شادلىققا چۆمىدۇ. ئادەتتە ھېيت كېلىشتىن بۇرۇن ھەممە ئائىلىلەردە ھېيت تەييارلىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇغۇل دادىسىغا ئەگىشىپ ھېيت تەييارلىقى قىلسا، قىز ئانىسىغا ئەگىشىپ ھېيت تەييارلىقى قىلىدۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشنى ۋە ھېيت قائىدىسىنى ئۆگىنۋالىدۇ. ھېيت كۈنى ھېيتنىڭ تەرتىپىنى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە بىر-بىرلەپ ئېلىپ بارىدۇ. قەشقەردە بولسا، ئۇغۇللار دادىسىغا ئەگىشىپ، ھېيتگاھقا بېرىپ ساما ئوينايدۇ. قۇربان ھېيتتا دادىسى بىلەن بىللە قۇربانلىق قوي تاللايدۇ ھەم بىللە ئۆلتۈررۈشۈپ بېرىدۇ. بۇ جەرياندا دادىسى بالىسىغا نۇرغۇن قائىدە-يوسۇنلارنى ئۆگىتىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا پىشىپ-يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە بىللە ئېلىپ بېرىپ ھېيتلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرىدۇ. (4) قەبرە يۇقلاشقا بىللە ئېلىپ بېرىش ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن تارتىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئەجدادلىرىغا چوقۇنۇش، ئۇلارنىڭ تۇپراق بىشىنى يۇقلاش ئادىتى بار بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئادەت گارمونىك ھالدا داۋاملىشىپ كەلگەن. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ھەر ھەپتىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى(ئادەتتە پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى تاللىنىدۇ، رايونلار ئارا ئوخشىمايدۇ) ۋە ھېيت كۈنلىرى قەبرە بىشىغا چىقىپ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ روھىغا دۇئا قىلىدۇ. ئاساسەن ئەرلەر بارىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتىلار ئۇغۇللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بىللە ئېلىپ چىقىدۇ. بالىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە رەسمىيەت ئۆتەتكۈزىدۇ. قەبرە بىشىدا ياكى يول ئۈستىدە ئاتا- بوۋىلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق بالىلارغا ئاتا-بوۋىلىرىنى بالىسىغا پىششىق تۇنۇتىش تەربىيىسى ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەمنىڭ ھامىنى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى، شۇڭا ھاياتنى قەدىرلىشى لازىملىقى ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ. (5) مەشىرەپ پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇش مەشىرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ مەھەللە-مەھەللىلەردە چوڭ-كىچىك مەشرەپلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەمگەك شادلىقلىرىنى، تۇرمۇش قىزغىنلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە ئۇزاق يىللار داۋامىدا مەشرەپ پائالىيىتىنى كۆپ مەزمۇنلۇق شەكىلگە كەلتۈرۈپ، ئىجدىمائىي تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغان. شۇڭا مەشرەپنىڭ پەقەت كۆڭۈل ئېچىش رولى بولۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن ئىلىم-مەرىپەت، ھۆنەر-سەنئەت، قائىدە-قانۇن، ئەدەپ-ئەخلاق قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيە ئېلىپ بېرىش رولىمۇ بار. مەشرەپنىڭ مانا مۇشۇنداق ئىجابىي رولى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرىدا مەشرەپنىڭ ئكزىنىڭ بالىلىرىغىمۇ تەربىيۋى ئەھمىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، بالىلىرىنمۇ بىللە ئېلىپ بېرىپ قاتناشتۇرىدىغان سۇرۇنغا ئايلانغان. ھەمدە بۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان پائالىيەتكە ئايلىنىپ، ‹‹بالاڭنى مەكتەپكە بەر، مەكتەپتىن ئېلىپ مەشرەپكە بەر›› دەيدىغان كۆز قاراش شەكىللەنگەن. ھەمدە بالىلىرىنى مەشرەپ ئارقىلىق ئەدەپ-ئەخلاقلىق، قائىدە-يوسۇنلۇق، ئېلىم-مەرىپەتنى، ئەمگەكنى سۆيىدىغان، شەرمىي-ھايالىق بولىدىغان، تۇرمۇش بىلىمىنى كۆپەيتىدىغان، سەنئەتنى سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيلەش ئىستىكى تۇغۇلغان. پايدىلانغان ماتىرىياللار: ‹‹قۇتادغۇبىلىك››،‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››،ئەنۋەر سەمەد قورغان،‹‹ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقى››شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى 3-ئاي 1-نەشىرى،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممتئىمىن،‹‹ئائىلە›› شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى نەشىرى 2002-يىلى 1-ئاي 1-نەشىرى،ئەنۋەر تۇرسۇن ئەپەندى، ‹‹ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر››شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى نەشىرى 2007-يىلى 3-ئاي 1-نەشىرى،‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى›› 【J】2010-يىلى 1-سان،‹‹مىراس›› 2005-يىلى 1-سان،‹‹مىراس›› 2008-يىلى 5-سان.
|