ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كىم تەربىيىلەيدۇ؟
‹‹ئوقۇتقۇچى ئۇلۇغ ئىنسان ،ئون قەدەم يىراقلىقتىن سالام بىرىشكە ئەرزىيدىغان كىشى›› بۇ خەلقىمىزنىڭ بىز ئوقۇتقۇچىلارغا بەرگەن باھاسى.توغرا ئارىمىزدا ھەقىقەتەن شۇنداق ‹‹ئون قەدەم يىراقلىقتىن سالام بىرىشكە ئەرزىيدىغان››ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار،لىكىن شۇ ئۇلۇغ ئىنسان ئاتالغان ئوقۇتقۇچىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭمۇ شۇنداق باھاسىغا ئىرىشەلەمدۇ؟ئۇلار توغۇرلۇق پەرزەنتلىرى زادى نىمە دەيدۇ؟ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ،يولداشلىرىنىڭ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن باھاسى زادى قانچىلىك؟
بىر سائەتلىك دەرسنى دەپ ئۆز قىزىنىڭ بەختىنى ۋەيران قىلغان ئوقۇتقۇچى ئانا
بۇ ماۋزۇنى كۆرۈپ بەلكىم ھەيران بولغانسىز،بىراق ھەيران بولماڭ،بۇ بىر ئەمەلىيەت.
ئوقۇتقۇچىنىڭ قىزى قاتتىق ئاغرىپ قالدى،ئۇ ‹‹بەلكىم ئوڭشىلىپ قالار›› دىگەن ئوي بىلەن يالغۇز قىزىنى ئانىسىنىڭ قاراپ تۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ،ئۆزى دەرسكە كىرىپ كەتتى...
4-سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىغا قىزىنىڭ قىززىپ بولالمايۋاتقانلىق خەۋىرى يەتكۈزۈلدى،ئوقۇتقۇچى جىددىلەشتى،بىراق دەرستىن چۈشۈشكە ئازلا قالغانىدى.ئوقۇتقۇچى نىمىلا بولمىسۇن دەرسىنى ئۆتۈپ بولۇپ ئۆيىگە بارماقچى بولدى.....
ئوقۇتقۇچى دەرستىن چۈشۈپ ئۆيىگە بارغاندا قىزىنى ئانىسى ئاللىبۇرۇن دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەتكەنىدى،قىز ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىلمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆمۈرلۈك مىيىپ بولۇپ ئورنىدىن تۇرالماي يىتىپ قالدى.......(شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى)
ئوقۇتقۇچى ئانىنىڭ ئازاپلىق نىداسى:بالا مىھرىگە بىر قىنىۋالسام دەيمەن......
ئۇ بىر ئوقۇتقۇچى.توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بالىلىق بولدى.ئانا قائىدە بويىچە تۇغۇپ 3ئاي(105 كۈن)ئارام ئالدى،ھەم خىزمەتكە چىقتى.ئانىنىڭ ئىشلەيدىغان مەكتىپى ئۆيىدىن يىراق بولغاچقا ئامالسىز بالىسىنى مەكتەپكە ئىلىپ چىقىپ خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى.بىراق خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىدىن مەكتەپتە تۇرۇپ ھەتتا بالىسىنى ئىمىتىشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىدى.(ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يازىدىغان ،تولدۇرىدىغان خاتىرىلىرى تولىلىقىدىن جىننىس دۇنيا رىكورتى يارىتاي دەپ قالدى.....) ئانا ئاخىرى 4ئايلىققىمۇ تولمىغان بالىسىنى يىراق سەھرادىكى ئانىسىنىڭ يىنىغا ئاپىرىۋىتىشكە مەجبۇر بولدى.ئەتىگەن كەچتە بالىسىنى ئىمىتىشكە ئاران-ئاران ۋاقىت چىقىرالىدى.شۇنداق قىلىپ بالا 4ياشقا كىرگەندە ئانا ئىككىنچى بالىسىغا قورساق كۆتۈردى.ئاي –كۈنى يىقىنلاشقاندا ئانا مۇنداق دېدى: چوڭ بالام ئاللىبۇرۇن 4ياشقا كىردى،بىراق ئۇنى تا ھازىرغىچە قانغۇدەك بىقىپ باقمىدىم،ئىككىنچى بالامنى باققاچ چوڭ بالامنىمۇ بىر قانغۇدەك بىقىۋالسام ،مىھرىگە بىر قىنىۋالسام دەيمەن.....
مەكتەپ مۇدىرى:مەكتەپ يەسلى ئەمەس ....
ئەر-ئايال ھەرئىككىسى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن باشقا ناھىيىلەردىن بۇ يەرگە كەلگەن،ھەم توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي پەرزەنتلىك بولغان،ئانا بالىسنى باقالماي ناھايىتى قىينالدى،ھەم قان يىغلاپ تۇرۇپ ئەمدىلا ئۈچ ئايلىق بولغان بالىسنى باشقا ناھىيىدىكى ئانىسىنىڭ يىنىغا ئاپىرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى.بالا ئۈچ ياشقا كىرگەندە ئانا بالىسىنىڭ بارغانسىرى ئۆزىدىن ياتسىرايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى ۋە بالىسىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيىگە قايتۇرۇپ كەلدى.ئۆيگە بىرقانچە قىتىم بالا باققۇچى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ بىراق كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا ئامال يوق،بالىسىنى ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان مەكتەپكە ئىلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.بىراق بۇ ئىش ھە دىگەندىلا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى ھەم ئۇ ئوقۇتقۇچىنى چاقىرىپ تازا تەربىيە ئىشلىدى دىمىسىمۇ‹‹ مەكتەپ يەسلى ئەمەس››تە؟ ئوقۇتقۇچى ئانا ئاخىرى بالىسىنى باشقا ناھىيىدىكى ئانىسىنىڭ يىنىغا ئاپىرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى.
تەربىيە كۆرمىگەن بالا باققۇچى ساق بالىنى مىيىپ قىلدى...
ئوقۇتقۇچى ئانا يەڭگىگەندىن كىيىن ، بالىسىنى بىقىپ بىرىدىغان تۇغقىنى بولمىغانلىقتىن (ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن) بالىسىنى يىزىدىن تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن بىر قىزنى تەكلىپ قىلىپ باقتۇردى.
بىر كۈنى ئانا ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلگەندە بالىسىنىڭ يىغلاپ كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى،ھەم بالا باققۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈپ ھىچقانداق جاۋاپ ئالالمىدى.بىراق بالىنى كىچىچە بىرئاز ياخشىلىنىپ قالغاندەك ھىس قىلغان ئانا ئەتىسى يەنىلا ئىشقا كەتتى....
ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتۈپ كەتتى،بالا نىمىشقىدۇر ئۆمىلىگەندە بىر پۇتىنى ئىگەلمەيتتى،ئانا بالىسنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا باردى:بالا كۆرپىگە بۆلەنگەندە پۇتى قاتتىق تارتىۋىتىلگەنلىكتىن پۇتى چىقىپ كەتكەن،ۋاقتىدا ئىلىپ كىلىنمىگەچكە بالىنىڭ پۇتى مايماق تۇتۇپ قالغان ،ھازىر بالا كىچىك بولغاچقا ئوپراتىسىيە قىلىشقا بولمايدۇ...
مەكتەپلەرگە چىقىپ كۆرىدىغان بولساق ،نۇرغۇن ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىسىنى سۆرەپ بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتۈپ،بىر تەرەپتىن بالىسىنى بىقىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.
ياشانغانلار يىتىلەپ ،كۆتۈرۈپ كىتىۋاتقان بالىلارنىڭ كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى سورىسىڭىز ئوقۇتقۇچى بالىسىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئاڭلايسىز.
ئاخشىمى يەسلى ئالدىدا تۇرۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەكىتىشىنى كۈتىۋاتقان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلىرى......
بالا ئاتا-ئانىنىڭ،ۋەتەننىڭ دۆلەتنىڭ......
ئوقۇتقۇچى مەكتەپتە باشقىلارنىڭ ،خەلقنىڭ بالىلىرىنى تەربىيىلەيدۇ.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ ياشانغان ئاتا-ئانىلىرى(ھايات بولسا)،تەربىيە كۆرمىگەن بالا باققۇچىلار تەربىيىلەيدۇ.
ھازىر گەرچە يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلىۋاتقان بولسىمۇ لىكىن بالىڭىز ئەڭ ئاز دىگەندە تۆت ياشقا كىرگەن بولسا ئاندىن يەسلىگە كىرەلەيدۇ.بالىنى تۆت ياشقىچە قانداق تەربىيلەش كىرەك؟
ئوقۇتقۇچى ئانىلار ئۆزى بىقىپ چوڭ قىلغان بالىنىڭ پىسخىكىسى ساغلام ،تىمەن چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ،مانا مۇشۇنداق ھىچقانداق تەربىيە كۆرمىگەن ،بالىنى ئوڭشاپ بۆلەشنىمۇ بىلمەيدىغان بالا باققۇچىلار تەربىيىلىگەن بالىنىڭ كىيىنلىكىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ.ئۇلار رىملىقلارنىڭ بالىسىنى تەربىيىلەشنى باشقىلارغا تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلىدۇ،تىخى بۇنى باشقىلارغا سۆزلەيدۇ.بىراق...
ھالا بىزگە كەلگەندە بىز بىر تۈركۈم تەربىيە كۆرمىگەن بالا باققۇچىلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولارمىزمۇ؟
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەرزرنتلىرىنى كىم تەربىيىلەيدۇ؟؟؟
|