پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالا

يوللانغان ۋاقتى: 2011-04-02 22:23 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالاش ئۇسۇللىرى يېڭى زېنلاندىيەدىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ھەرگىز تەن جازاسى بەرمەيدىكەن. ئەگەر بال

چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالاش ئۇسۇللىرى

 

يېڭى زېنلاندىيەدىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ھەرگىز تەن جازاسى بەرمەيدىكەن. ئەگەر بالىلىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا غەلۋە قىلسا، پەقەت باشقىلارغا چېقىلمىغان بولسا، سۇۋۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بېرىدىكەن. باشقىلارغا چېقىلغان ئەھۋالدا، بالىسنى شۇ جايدىن باشقا تىنچ، ئازادە، كەڭرى جايلارغا ئاپىرىپ ئۇنىڭ قانغۇچە غەلۋە قىلىۋىلىشغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بالىنىڭ غەلۋە قىلىشى ياكى بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەلۇم مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئىكەن.

ياپونىيەدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەگەر بالىسى ئاممىۋى سورۇنلاردا خاتالىق سادىر قىلسا، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بالىسىنى جازالىمايدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاممىۋى سورۇنلاردا بالىسىنى تەنقىتلەش ئەنئەنىۋى قائىدە-يۇسن، ئەدەپ-ئەخلاققا مۇناسىپ كەلمەيدىغان ھەمدە بالىسىنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەنلىك ھېسابلىنىدىكەن، شۇڭا كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار ئۆيىگە قايىتقاندىن كېيىن، بالىسىنىڭ ئىپادىسگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بارىدىكەن ياكى بىر قىسىم جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىكەن. مەسىلەن، بالىنىڭ سىرتقا چىقىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىرەر ۋاق ئاچ قويۇش ياكى مۇۋاپىق تەن جازاسى بېرىش قاتارلىقلار.

كورېيە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ يېڭى تاكتىكىسى بالىنىڭ يانفونىنى مۇسادىرە قىلىش مۇمكىن ئىكەن. ھازىر يانفون ئاللىقاچان كورېيە ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان شەخسىي بۇيۇمىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەگەر يانفونىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇلار يەككە-يېگانە، ياردەمچىسىز قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدىكەن، شۇڭا ئاتا-ئانىلار گەپ ئاڭلىمايدىغان، كەپسىز بالىلارنىڭ يانفونىنى مۇسادىرە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى جازالايدىكەن. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدىكەن.

ئامېرىكا ئائىلە باشلىقلىرى ۋاقىت بەلگىلەپ ئايرىۋېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىكەن. بالىلار ئۆيدە گەپ ئاڭلىمىسا، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ، ئۇنى يالغۇز قويىدىكەن. بەلگىلەنگەن ۋاقىت تۇشقاندا بالىسىنى ئاچىقىپ ئۇلارغا قايىل قىلىش تەربىيىسى ئىشلەپ، خاتالىقىنى ئۆزگەرتىشكە نازارەتچىلىك قىلىدىكەن. ئامېرىكا قانۇنىدا بەلگىلىنىشچە، كىچىك بالىلار چوقۇم ھەر ۋاقىت چوڭلارنىڭ قوغدىشى ۋە ھەمراھلىقىدا بولۇشى كېرەك ئىكەن. بالىلار بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئاممىۋى تونۇشقا ئىگە بولۇپ، بالىنى ئاممىدىن ئايرىۋېتىش ئۇلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. بۇ ئىش ئۇلارغا كەپسىزلىكنىڭ كۆپچىلىك تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردىكەن.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(1)
100%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر