پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

تەتىل مەزگىلىدە ئاتا-ئانىلار ئاسا

يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-19 12:46 مەنبەسى: ئاپتورى: نازىنىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
تەتىل مەزگىلىدە ئاتا-ئانىلار ئاسان سەل قارايدىغان نۇقتىلار

تەتىل مەزگىلىدە بالىلارنى قانداق تەربىيەلەشتە ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك.
1. بالىلارنى كېلەر مەۋسۇملۇق بىلىملەرنى ئالدىن ئۆگىنىشكە زورلاش. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە زورلىغاندا، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا بالىلاردا دەرس ۋاقتىدا يېڭىلىق ھېس قىلماسلىق، دىققىتىنى يىغالماسلىق مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە ئۆگىتىدىغان بىلىملەرنى ئاتا-ئانىلار ئالدىراپ بالىلىرىغا ئالدىن ئۆگەتمەسلىك، بولۇپمۇ تەتىلدە ئۇلارنى يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە قىستىماسلىق كېرەك.
2. بالىلارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ھەددىدىن ئارتۇق ئارىلىشىۋىلىش. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تەتىلدە ھەر خىل ياسىنىشلىرىنى ياقتۇرمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئەنسىرگۈدەك يېرى يوق، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدىكى توغرا تەرەپنى كۆپرەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ئازىراق غەيرىي كىيىنىشنى تۇتقا قىلىپ، ئۇلارغا زەربە بەرمەسلىكى كېرەك. بالىلارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە بەكلا ئارىلىشىۋالغانلىق بالىلارنىڭ يېغىرىنى تاتىلىغانلىق بولۇپ، بالىلار ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
3. دائىم بالىلىرىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بالىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش. نېمىشقا دائىم بالىڭىزنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بالىلار بىلەن سېلىشتۇرماي، ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بالىلار بىلەن سېلىشتۇرىسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟ تەتىل  - ئالاھىدە ۋاقىت، بالىلارنىڭ ئۆيدىكى ۋاقتى ئۇزاقراق بولغاچقا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەن بولۇشتەك كۆڭۈلسىز ئىشلار ئارقىلىق بالىلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەندە، بالىلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. ياخشى بالا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ نەتىجىسى.
4. ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش يالغۇز بالىلارغا يۈكلىنىپ قېلىش. بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەينىكى، كىتاب ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش ئادىتى يوق ئائىلىلەردە ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان بالىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش قىيىنغا توختايدۇ. بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى دورىشى ئۇلارنىڭ تەبىئىتى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەرىكىتى ئۇلارغا نىسبەتەن ئىككى بىسلىق پىچاق، سىز بۇنى چۈشىنەمسىز؟ شۇڭا ئاتا-ئانىلار ھەر ۋاقىت ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىنىڭ بالىلارغا قالدۇرىدىغان تەسىرىنى ئويلىشى كېرەك.
5. ئاتا-ئانىلار ۋەدىسىدە تۇرۇش. ئىلىم-پەن شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سىز قارشى تەرەپكە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلغان ياكى قىلمىغىنىڭىز قارشى تەرەپنىڭ سىزگە بەرگەن باھاسىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. ۋەدە چوڭ، كىچىك، ئىلگىرى-كېيىن دەپ ئايرىلمايدۇ، گەپ ئىجرا قىلىشتا، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ۋەدە بېرىشتىن ئاۋۋال قايتا-قايتا ئويلىنىش، ۋەدە بەرگەنىكەن، چوقۇم ئەمەل قىلىشى كېرەك.
مەنبە:جۇڭگو مائارىپ گېزىتى

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

نازىنىننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كۆزىڭىزنى ئاسرايمەن دىسىڭىز، ئىكر [ 2011-03-20 01:32:49 ]
[ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى] يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئېي [ 2011-03-20 01:22:34 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئابدۇخالىق ئۇيغۇر [ 2011-03-20 00:51:21 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] تەتىل مەزگىلىدە ئاتا-ئانىلار ئاسا [ 2011-03-19 12:46:11 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئاتا-ئانىلار توغرىسىدا [ 2011-03-19 12:28:29 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئەقىللىق بىر پەرزەنىتنىڭ ئانىسىنى [ 2011-03-19 11:44:39 ]
[ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى] ئوقۇتقۇچى [ 2011-03-18 13:51:20 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] تور سۈرىتىنى تېزلەشتۈرۈشنى ئۈگىنۋ [ 2011-03-18 02:05:36 ]
[ماتىماتىكا] شىنجاڭ تولۇقسىزغا كىرىش ماتىماتىك [ 2011-03-18 00:31:20 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئىمت [ 2011-03-18 00:02:55 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
نازىنىن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-03-14 20:03 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-04-15 13:04
تەۋسىيەلەر