مەنبە: دەۋر تورى (http://www.dewr.org) تەرجىمە قىلغۇچى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر 1،يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بىلەن كۆز ئۇچرىشىشى قىلىدۇ. داۋاملىق ئۇخلايدىغان بوۋاقلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئوچۇق ھالدا تۇرۇشلىرىمۇ بۇ ئانىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. 2، بوۋاقلىرى بىلەن بوۋاق تىلى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى رەسمىي ئانىدەك پاراڭلىشىدۇ. 3، بوۋاقلىرىنى ئەڭ ئاز دېگەندە ئالتە ئاي ئېمىتىدۇ. ئانا سۈتىنىڭ پايدىلىرى بىلەن بىرگە بالىنى ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلسا ئۇ دەرىجىدە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە بوۋاقلار بىلەن كۆز ئۇچرىشىشى قىلىدۇ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش، غىڭشىپ ناخشا ياكى غەزەل ئوقۇپ بېرىشكە سەل قارىمايدۇ. 4، بوۋاقلىرىنى ئەينەككە قارىتىپ بوۋاقلارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى كۆرۈشىگە ياردەمدە بولىدۇ. ئۇنى ئوينىتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆلىدۇ. 5، بوۋاقلىرىنى ئېلىپ سەيلىگە چىقىدۇ، كۆرگەن نەرسىلەرنى، ئاڭلىغان نەرسىلەرنى بوۋاققا سۆزلەپ بېرىدۇ. 6، بوۋاقلىرىغا ناخشا، غەزەللەرنى ئوقۇپ بېرىدۇ. بۇ غەزەللەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرى قۇراشتۇرۋالغان، توقۇۋالغان بالىسىغا بولغان ياخشى كۆرۈش مەزمونىدىكى غەزەللەر بولىدۇ. 7، بوۋاقلارغا كىتاپ ئوقۇپ بېرىدۇ. رەسىملەرنى كۆرسىتىدۇ، ھەممە نەرسىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرىدۇ. 8. ئۆيلىرىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كېتىشىگە پەرۋا قىلمايدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئۆيلەرنى قالايمىقان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. 9، بوۋاقلارنىڭ يەيدىغان نەرسىلەرنى تۇتىشىغا، ئۆزىنىڭ يەيدىغانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ يېيىشىگە روخسەت قىلىدۇ. 10، بوۋاقلارغا دائىم”بولمىدى، قىلالمايسەن” دېگەندەك بولمىغۇر سۆزلىكلىرىنى ئىشلەتمەيدۇ. چۈنكى بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى قىلالىشى ياكى قىلالماسلىق بولماستىن بەلكى قىلىشقا تېرىشقانلىقىدۇر. مورال دۇنياسى ژورنىلى 2010. 1، سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|