بالىڭىزدا بەخت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈڭ
پەرزەنتىنىڭ بەخىتسىز بولۇپ قېلىشىنى خالايدىغان ئاتا – ئانا بولمىسا كېرەك . ئەمما كىشلەرنىڭ بالىلىرىنى بەختلىك قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغاچقا ، بالىلاردىكى بەخت تۇيغۇسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ بەختىنى ئۇلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىن ، سىنىپتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشىدىن ئىزدەيدۇ . لېكىن بالىنىڭ ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئېلىشى ، سىنىپتا بىرىنچى بولۇپ ئوقۇشى ئۇنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى قابىليىتىگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بارلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . ئىمتىھان نەتىجىسى يۇقىرى بالىلاردىكى بەخت تۇيغۇسىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى تۆۋەن بالىلاردىكى بەخت سېزىمىدىن يۇقىرى بولۇشى ناتايىن . بالىلاردا بەخت تۇيغۇسىنىڭ بولۇش – بولماسلىقى ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ۋە فىزىئولوگىيىلىك تەربىيلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
مەلۇم بىر دۆلەتتە بىر قىز ئىككى بالىسى بار بىر ئەرگە ياتلىق بوپتۇ . بۇ قىز توي قىلىپلا ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالغانلىقىدىن خورلۇق ھېس قىلسىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ بەختى ئۈچۈن تىرىشىپتۇ . ئۇ ئاۋۋال ئىككى بالىنىڭ بەختىنى ئۆزۈمنىڭ بەختى ، دەپ ھېسابلاپتۇ . ھەر كۈنى سەھەردە ئەينەككە قاراپ كۈلۈشنى مەشىق قىلىپتۇ . كۆڭلى پاراكەندە بولغاندا كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان كىتابلارنى ئوقۇپ ، ئۆزىنى خوشال تۇتۇشقا تىرىشىپتۇ ، جاپا تارتسىمۇ ۋايسىماپتۇ . ئەكىسچە ، ‹‹مەن ئۇلار ئۈچۈن قۇربان بېرىۋاتىمەن ››،دەپ ئويلىماي ، ‹‹خوشاللىقىم ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن››،دەپ ئويلاپتۇ ...بۇ ئىككى بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىنى ئەسلەپ :‹‹ئانا ، بىزنى بېقىش جەريانىدا كۆپ جاپا چەكتىڭىز ، ئەمما چېھرىڭىزدىن ئازراقمۇ ئازابنىڭ ئالامىتىنى كۆرمىدۇق. بىزگە دائىم كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلدىڭىز ، ھەر قېتىم سىزنى كۆرگەندە ، ئۆزىمىزنى بەختلىك ھېس قىلىپ كەلدۇق . رەھمەت سىزگە ! سىزنىڭ ھەر بىر ئەجرىڭىزگە ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇرىمىز››، دەپتۇ . بالىلاردا بەخت تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈشتە ئۇلارنى ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم . بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ قۇرداشلىرى ، تونۇش– بىلىش ، دوست – بۇرادەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش لازىم . بالىلار دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىش ، ئويناشتىن باشقىچە بەخت ھېس قىلىدۇ . قۇرامىغا يەتكەن كىشلەردىن ‹‹ئەڭ بەختلىك چاغلىرىڭىز قايسى ؟››دەپ سورىسىڭىزئىككىلەنمەي بالىلىق چاغلىرىدىكى غەمسىز ، ئەركىن ، بەختلىك چاغلىرىنى تىلغا ئېلىشى مۇمكىن . بالىلاردا بەخت تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈلمىسە ، چوڭ بولغاندا ئادەم يىغىلغان يەرگە بارمايدىغان ، يالغۇز يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . بۇنداق ئادەم ئۆزىنى بۇ دۇنيادا بىچارە ، بەختسىز ھېسابلاپ ، ئۆگىنىشتىن ، تۇرمۇشتىن ، خىزمەتتىن بىزار بولۇپ ئۆتىدۇ . بالىلاردا بەخت تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈشتە ئۇلارنى تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ . بالىلار جانلىقلار دۇنياسى ، ئۆسۈملۈك دۇنياسى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق دۇنيانى چۈشىنىش بىلەن بىللە بەخت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرىدۈ . بۇ جەرياندا ئۇلار تەبىئەتتىن زوقلىنىش بىلەن بىللە ، تېخى بىلمىگەن ، بىلىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن يېڭىلىقلارنىڭ كۆپلىكىنى ھېس قىلىپ ، كىشىلىك تۇرمۇشقا ، ھاياتقا تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان بولىدۇ . ئومۇمەن ، بالىلاردا بەخت تۇيغۇسىنىڭ بولۇش — بولماسلىقى ئۇلارنىڭ دۇنيا قاراش ، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ يېتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . بالىلاردىكى بەخت تۇيغۇسى ئائىلە تەربىيسى ، مەكتەپ تەربىيسى ۋە جەمئىيەت تەربىيسىدىن كېلىدۇ . بالىلاردا بەخت تۇيغۇسى قانچە بالدۇر يېتىلسە ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شۇنچە پايدىلىق . ھەر ۋاقىت ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدىغان بالىلار تۇرمۇشقا، كەلگۈسىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ . شۇڭا بالىلاردا بەخت تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم . مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
|