پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بىزگە قانداق ئانىلار كىرەك؟

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-11 21:52 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بىزگە قانداق ئانىلار كىرەك؟ ئابدىقادىر جالالىدىن ئانا- ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئۇقۇم ئەمە

بىزگە قانداق ئانىلار كىرەك؟



ئابدىقادىر جالالىدىن
 
 


<<ئانا>>- ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئۇقۇم ئەمەس <<ئانا>>-ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بارلىق كىلىپ چىقىشنىڭ سىمۋولى .ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدەدۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئانىدىن ئاپرىدە بۇلىدۇ ۋە ئانىغا باغلانغان ھالدا ياشايدۇ،ئاخىرىيەنە ئانىغا قايتىدۇ. دىمەك ،مەۋجۇدات ئانىدىن تۇغۇلىدۇ. ئانىدا ياشايدۇ ،ئانىغا قايتىدۇ،ئانامەنا بۇلىقى ،ئۇيغۇرلار دۇنيا ھەققىدە تەسەۋۋۇرلىرىنى <<ئانام >>ئۇقىمىدىنخالىكى ھالدا ئېلىپ بارالمايدۇ،ئۇلار ئۈچۈن ئانا -ئالام،ئانا- بىلىم ،ۋەتەپەككۇرغا سەلتەنەتبېغىشلايدىغان مۇقەددەس سۇبسىتانسىيە ،مىنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتىقاد ۋەتەپەككۇر تارىخىنى <<ئانا>>ئۇقۇمىدىن مۇستەسنا ھالدا يۇرۇتقىلى بولمايدۇ ھەم يازغىلى بولمايدۇ.ئۇيغۇرلار <<ئانا>>نى سۇپەت قىلىپ پۇتۇن بىر ۋەتەننىڭ ئوبرازىنى سىزىپ چىقىدۇ .ئانائۇيغۇر پەلسەپىسىنىڭ كىندىكى.<<ئانا >>دىگەن ئۇقۇمنىڭ مەنا قاتلىمى مۇنداقبولسا كىرەك. ئانا-ھاياتنىڭ كىيىنكى ھالقىلىرىنى تۇغقۇچى.بۇ جەھەتتە <<ئانا>>ئۇقۇمىبارچە شەيئىگە ئورتاق بۇلۇپ .بىر تۈپ ياۋا ئوتمۇ ئانا،ئۇمۇ ئۆز ۋۇجۇدىدا كىيىنكى نەسلىنىيىتىلدۈرىدۇ.مېكيانمۇ ئانا.ئۇمۇ چۇجىلىرىنى ئەگە شتۇرۇپ تاپقان-تەرگەنلىرىنى شۇلارغابىرىدۇ،بىزدىمۇ <<ئانا>>ئۇقۇمىنى پەقەت تۇغۇپ قويغۇچىدىنلا ئىبارەت دەپچۇشىنىدىغانلار تالاي بىز بۇنى بىئولوگىيلىك ئانىلىق دەپ ئاتىساقمۇ بۇلىدۇ،ۋاھالەنكىئىنسان بۇنداق ئانىلىق بىلەن <<ئىنسان>>بۇلۇش شەرىپىنى ئۇتىيەلمەيدۇ، <<ئانا>>يەنە مىھرى -مۇھەببەت تۇپرىقى ياكى ئۇن تۇنسىز بەدەل ،بۇ يەنىلاھەممەمىللەتتە ئورتاق. ئەگەر تەڭرى ئىنسانلارغا <<مىھرى>>دىن ئىبارەت بۇ گۇزەلتەبىئەتنى بەرمىگەن بولسا ،ئانىلار ئۆز پەرزەنىتلىرىنىڭ تۇگىمەس جەبرى-جاپاسى تۇپەيلىئۇلارنى تۇنجىقتۇرۋەتكەن بۇلاتتى ،ئانىلار ئۆز پەرزەنىتلىرى ئالدىدا دەل مۇھەببەت تۇپەيلىئۆمۇرلۇك مالاي .مۇھەببەت بۇ خىل مالايلىققا شۇنداق قىممەت ئاتا قىلغانكى ،ئانا دەل مۇھەببەتئارقىلىق تۇلىگەن بەدەللىرىنى ئۇلۇغۋار مەنىگە ئېرىشتۇرەلىگەن .ئەگەر دۇنيادا ئانامىھرىدىن ئىبارەت ئىپتىدائى مۇھەببەت بولمىسا دۇنيا قاباھەت بىلەن تولغان كوھىقاپقائايلانغان بۇلاتتى .شۇنىڭدەك ئانا مىھرىدىن بەھرىمەن بولمىغان پەرزەنىتمۇ باغرى تاش جىنايەتماشىنىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن بۇلاتتى ،بۇگۇنكى ئۇيغۇرلارنىڭ <<ئانا >>ئۇقۇمىئەنە شۇ مۇھەببەت باسقۇچىدا ئەللەيلىنىپ ياشايدۇ،ئۇلار ئانىلارنىڭ مىھرىلىك قىياپەتلىرىنىئاق كۇڭۇللۇكلىرىنى بەرگەن قۇربانلىرىنى پەرزەنىت ئالدىدىكى پەيۋەندىلىكلىرىنى ھازائىچىدىن مىسكىن ئۈلىمىنى ناخشا قۇشاقلارغا ئايلاندۇرۇپ تىلىۋىزور ئىكرنلىرىغا ئېلىپ چىقىشتىپىلاستىنكا قىلىپ ئىشلەپ.بازارغا سېلىشتى.لېكىن ئانىلىقنىڭ تىگى-تەكتى ۋەپەرزەنىتلىكمەسئۇلىيتى ھەققىدە كىيىنكىلەرگە ئىبرەت بولىدىغان پاراسەتلەرنى ئىشلەپ چىقالمىدى.- بۇگۇنكى شائىرلار ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ يازدى .ناخشىچىلارمۇ ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ كۇيلىدى.بۇلارنىڭھەممىسى ماھىيەتتە ئانىنىڭ شەپقىتىگە بېقىندى بۇلۇپ كەتكەن مىشچان .ئەۋلاتلارنىڭ قەلىپساداسى.ئۇنداقتا.بۇنداق بىلى بوش ئەۋلاتلارنىمىنىڭ مەھسۇلى؟!بۇيەنىلامىھرى شەپقەتتىن باشقىسىقۇلىدىن كەلمەيدىغان ساددا،ئاقكۇڭۇل ئاتا-ئانىلارنىڭ مەھسۇلى.قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىكى ئانىلارئەرلىرىنىۋەئۇغۇللىرىنى جەڭگاھقا ئۇزىتىۋېتىپ ئىپتىخار قىلىشاتتى.ئۇلارئەرلىرى ۋەئۇغۇللىرىنىڭشېھىت بولغىنىنى ئاڭلىغانداكۆزلىرىنى مىت قىلمايتتى بەلكى ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئاقىلىشاتتى ھازىرقى كۇپىنچە ئانىلاربولسا باللىرىنى يىراق بىرشەھەردىكى ئالى مەكتەپكەئۇزاتقانلىرىدا ئۆرتىنىپ -يىغلاپ كىتىدۇ،قارغۇلارچە مىھىر-شەپقەت بۇلۇمسىزئەۋلاتلارنى يىتىشتۈرىدىغانبۇشۇك.ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قارىشى تەسەۋۋۇر بىلەن سۇغۇرۇلغان خەلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋىمەدىنىيتىنىڭ چوڭ-كىچىك ساھەلىرىگە نەزەر سالساق .بۇخەلىقنىڭ تەسەۋۋۇپ روھىنى ئاممىۋىمىقياستا كىڭەيتىۋەتكەن خەلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بۇلىدۇ . جۇملىدىن.ئۇيغۇرلاردىكى <<ئانا>>ئۇقۇمى تەسەۋۋۇپخائىشىداراساپۇشۇرۇلغان بۇھال مەشرەپ شىئىرلىرىدابىر قەدەر روشەن .ئەكىس ئىتىدۇ،<ئانارازى خۇدارازى،مۇھەممەت مۇستاپارازى>-دىققەت قىلىش كىرەككى ئاتالمىش ئانىلارنىڭھەممىسىنى رازى قىلغان بىلەن خۇدارازى بۇلۇپ كەتمەيدۇ-بەلكى خۇدانىڭ بۇيرىقىنى چۇشەنگەنۋەئىجراقىلغان ئانىلارنى رازى قىلغاندىلائاندىن خۇدارازى بۇلىدۇ-ئەممابۇگۇنكى ئۇيغۇرلارئانىلىقنىڭئۆلچىمىنى كۈيۈم بىلەنلاچەكلىگەن ۋەشۇ دائىردەتەلقىن قىلغان-ئانادىگەن ئۇقۇمنىڭ يەنەبىرمەنىسىمۇباربۇنى ئانىلىقنىڭ تاكامۇل ئىپادىسى دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ،ئانىلىق-پەرزەنىتكەبولغانمىھىر-مۇھەببەتنى ئىتىقاديۇكسەكلىكىگەكۇتىرەلىگەندىلاپىداگوگىك مەنىگەئىگەبۇلۇدۇ.ئانائۆزپەرزەنتىگەمەلۇمبىرئىتىقادنى چۇشەندۇرەلىگەندەۋەقۇبۇل قىلدۇرالىغاندائۇلارغاكۇيۇنگەندە-ئىتىقاتنى پىرىنسىپقىلالىغاندائۇلارنى جازالىغاندىمۇئىتىقادنى مىزان قىلالىغاندابۇنداق ئانا ئۈزىدىكى-ئانىلىقتەبىئىتىنى مۇقەددەس پەللىگەيەتكۇزەلەيدۇ.بۇنداق چاغدائانائۇزىدىكى ئىنسانى ھىسىياتنىڭۋاكالەتچىسى بۇلۇپلا قالماستىن.ئۇزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مۇقەددەسلىكنىڭمۇئەلچىسىگەئايلانغانبۇلىدۇ،-ھىكايەت بىرئايالنىڭ بىرئوغلى بارئىكەن.ئۇيىراق شەھەرگەكىتىپتۇ.بۇئارىدائۇنىڭۋەتىنى ياۋنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپتۇ.ئايال ئۆزئوغلىنىڭ دىرىگىنى قىلسائوغلىنىڭ سوداقىلىپ يۇرگىنى مەلۇم بۇپتۇ.غەزەپلەنگەن ئانائوغلىنى ئىزدەپ تېپىپتۇۋەھېچبىر ئىككىلەنمەستىنئوغلىنى قەتلى قىلىپتۇ.كىيىن ئۇقسائوغلى-ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يۇلىدا سودا قىلغانىكەن.بۇنىڭدىنئۇكۇنگەن ئانا ئوغلىنىڭ روھىغا دۇئا قىپتۇ.ۋە -ئوغلىنىڭ بۇرچىنى ئۈستىگە ئاپتۇ.شائىرئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ <<ئۇلۇغ ئاناھىققىدەچۆچەك >>دىگەن-ئەسىرىدىمۇياۋغاتەسلىم بۇلۇپ ئۇلارغا مالايلىق قىلغان ئوغلىنى ئۆزقۇلى بىلەن قەتىلى قىلغان بىر ئانا-تەسۋىرلەنگەن .بۇنداق تىما ھەر بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدىن كۆپلەپ تېپىلىدۇ.ئانا بىر ئىنسان بۇلۇشسۈپىتى بىلەن پەرزەنتىنى تۇلىمۇ سۈيىدۇ .دۇنيادا بالىسىنى سۆيمەيدىغان ئانا بولمىساكىرەك لېكىن-بۇسۆيگۈنى شەخسىيەتتىن ھالقىغان ئالىيجاناپ سۆيگۈگە ئايلاندۇرغان ئانىلارھەممە يەردە ئۇچراۋەرمەيدۇ.تۇمارىس ئانىلىق پەزىلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان تارىخى ئانىلارنىڭبىرى.كەيخىسراۋماساگىتلارنىڭ -ۋەتىنىگەبېسىپ كىرگەندە تۇمارىس ئوغلىنى جەڭگە ئەۋەتىدۇ. ئارقىسىدىن ئۈزى بېرىپ كىيخىسراۋنى -مەغلۇپ قىلىدۇ،ۋە ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىلەنئوغلىنىڭ قىساسىنى ئالىدۇ.بۇنداق ھەيۋەتلىك سىمالارنى بۇگۇنكى دەۋىر بىلەن سېلىشتۇرغاندا،ئانىلاردابۇلۇشقا تىگىشلىك روھنىڭ قانداق بۇلىشى،كىرەكلىكى ھەققىدە قايتا ئويلىنىمىز .ئانىلارداباتۇرلۇق بۇلىشى بىلەن بىرگە زامانغا لايىقپ پاراسەت،ئەخلاقى چىركىنلىككەقارشى تەقۋالىقبۇلىشى كىرەك بولماقتا.
ئۇيغۇرلاردا<<بالاڭنى ئايىساڭ بالاغا قالىسەن>>دىگەن گەپ بار.ۋاپاسىز بالىلار-ئانىلىقنىنۇقۇل كۈيىنىشدەچۇشەنگەن ئاتا-ئانىنىڭ قېشىدا ئۈنگەن شۇمبۇيا.
ئاددىي ئانىلار ۋەمەشھۇرئانىلارنىڭ ھەممىسى ئانا ،ئانىنىڭ ئاددىيلىقىدابەزىدە ئالەمچەھىكمەت بۇلىدۇ.ئەسلىدە ئانىلارنىڭ بىر تامچە سۈت ھەققى ئۆمۈرلۈك ۋاپاغا ئەرزىيدۇ ،لېكىنبارلىق سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەتلا ئىنسانلار ئۆزپەرزەنىتلىرىنى ئىتىقاد ۋە دۇنياقاراش بىلەن تەربىيلەشنى بىلىدۇ،مانا بۇ ئىنساننىڭ جاپاسى ۋە شان شەرىپى .شۇنداق بولغاچقا ئانىلىق-سۈت بىرىش ۋە مىھىرئاتا قىلىشلا ئەمەس ،بەلكى پەرزەنىتلىرىنى خاتىرجەمسىز مۇھىتتا تىز پكمەي ياشىيالايدىغانقىلىش.باللىرىمىز مەدىنىيەت ۋە ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋىردە ياشاۋاتىدۇ .بۇنداقۋاقىتتا بىزگە مىھرى -شەپقەتنى غەپلەت بۈشىكىگە ئايلاندۇرۋالغان ئانىلار كىرەك ئەمەس.بەلكى ئۇنى يۇكسەك ئىتىقاد ئىستىراتىگىيسىگەئايلاندۇرىدىغان مىللىتى ۋە ۋەتىنىنى ئويلايدىغان باتۇر قەھرىمان ۋە پادىشاھ تۇغالايدىغانئانىلار كىرەك........................................
ئانا ،مەن سىنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۇ قەرزدار.


مەنبە : جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ2004-يىللىق 2-سانىنىڭ 23-،24-بىتىدىن ئىلىندى.

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر