بۇيولدا ماڭغىنىم _ ماڭغان! يازغۇچىسى : ئابدۇللا ئېلى مەنجەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت بىر يېزىسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن ، بۇ يەردە شەھەرلەرنىڭكىدەك ئەلا ئوقۇتۇش مۇھىىتى يوق ،، شارائىتىمىز ناچار بولسىمۇ ، تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئىشلەشكەتوغرا كېلىدۇ . مېنىڭ تۇرمۇشۇم ئۆزۈم بىلمىگەن ئاساستا قېلىپلىشىپ قالغان . ئەتىگەندە چېيىمنى ئىچىپ ، باشلىقىمنىڭ يوقلىمىسىدىن ئۆتۈشۈم كېرەك . يوقلىما ئەكتىپلىرىدىن بولالمىسام ، ئاي ئاخىرىدىكى مائاشىم ھەسسىلەپ تۇتۇلىدۇ . كېيىن دەرس تەييارلاپ دەرسكە كىرىمەن ، ھەددىدىن زىيادە يۈكلەنگەن ، ھەپتىسىگە ئۈچ خىل دەرس تەييارلىقتا 20 سائەت دەرسنورمىسى مېنى خېلىلا چارچاتسىمۇ ، ئەغرىپ قېلىشقا رۇخسەت يوق ، چۈنكى بىزنىڭمەكتەپتە 1200 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 30 نەپەر ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتكەچكە بىز ئۆزىمىزدەتۆمۈر ئەدەمدەك جاسارەت يېتىلدۈرۈشىمىز زۆرۈر . چۈشتە كىرىپ تاماق ئېتىپ يەپ بولغۇچە ، بىر قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ جېدەللىرىنى بىرتەرەپ قىلىپ ئۈلگۈرىمەن . كەچتە دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەنبىرگە بولۇشۇم كېرەك ، كەچلىك ئۆگىنىش ۋاقىتلىرى تېخىمۇ مۇھىم. كەچتە سىنىپقا كىرىپبالىلارغا قاراپ تۇرۇشۇم كېرەك ، بولمىسا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قارىشىچە ئۆگىنىش ئۈنۈمىبولمايدۇ، ئاخشىمىچۇ تېخى ، ئاخشىمى سائەت توققۇزدىن ئونغىچە ئوقۇغۇچىلارغا بىرسائەت ياتاق يىغىنى ئېچىپ ، مۇقىملىق، بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئىشلەيمەن . مەكتىپىمىزنىئوقۇتۇش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنى بىرلەشتۈرۈشتە ئۈلگە ياراتتى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ ئەمگىكىمىز بەزىدە نەچچە ئون كۈنگە سوزۇلۇپ كېتىدۇ ، ئەتىياز ۋاقىتلىرىشال مايسىسى كۆچۈرسەك ، كۈزدە پاختا تېرىپ كىرىم توپلايمىز ، كىرىم توپلانمىسا ، ماشىنىلارتوختاپ قالىدۇ . ئەمگەك جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى راۋۇرۇس ئىشلەتمىسەك ، تۆمۈر ۋەزىپەئورۇندالمايدۇ . ۋەزىپىدىن سىرت << يېزا باشلىقى >> ، << شۇجى >>لارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىمۇ تەبىئىي ھالدا بىزنىڭ ھەقسىز پەرۋىشىمىزنى كۈتۈپياتىدۇ . شۇنداق ئېيتالايمەنكى ، مەكتىپىمىزدىكى جىسمانىي ئەمگەكنىڭ كۆپلۈكىدىن دېھقانپەرزەنتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مەكتىپىمىزگە قانداق كىرگەن بولسا ، يېشىنىڭ ئازراقچوڭايغانلىقى ، بويىنىڭ سەل ئۆسكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا شۇ پېتى چىقىپ كېتىدۇ . سىنىپىمىزدىن بىرەر ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە مېڭىپ قالسا ، مۇكاپات ۋە نەتىجە تالىشىپكېتىمىز ، چۈنكى بۇ ئەھۋال مەكتىپىمىزگە نىسبەتەن بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ . مەن « ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى » ، « ئون مېتىر يىراقتا تۇرۇپ سالام بېرىشكە ئەرزىيدىغانكىشىلەر» دەپ تەرىپلىنىدىغان مۇئەللىم بولۇپ باشقا خىزمەتداشلىرىمغا ئوخشاش قىسمەتتەياشاۋاتىمەن . لېكىن ، كەڭ كەتكەن دالىلاردىن ، سايلاردىكى يانتاقلاردىن ، قورۇقباسقان چىرايلاردىن ، قاداق باسقان قوللاردىن ، كىرلەشكەن شاپاق دوپپىلاردىن ، تەلمۈرۈپ قاراشقان سەبىي كۆزلەردىن ھايات ھەقىقەتلىرىنى ئۆگىنىپ كەلمەكتىمەن ، مېنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن ، ماڭا ئەقىل ئۆگەتكەن ، دۇنيانى تونۇتقان سەھرا مۇھىتىدىن ئىلھامۋە ئەنداز ئېلىپ ، ئەقىل دۇردانىلىرىم ۋە ھېسسىيات تامچىلىرىمنى خاتىرەمگە پۈتۈپئۆزۈمگە مەلھەم قىلىپ كېلىۋاتىمەن . ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ يولنى ئۆزۈم تاللىغان ، گەرچە شارائىت ماڭا ناچارراق بىلىنسىمۇبۇ يولدا نەپىسىم توختىغۇچە ماڭىمەن ! ھايات گۈزەل ، گەپ _ بۇ گۈزەللىكنى ساقلاپ قالالايدىغان ۋە ئۇنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرالايدىغانقۇدرەتنىڭ بار - يوقلۇقىدا . مەن ھاياتنىڭ داۋانلىرىدا ، مەغلۇبىيەتنىڭ بوسۇغۇسىدا دائىم ئۆزۈمگە مەرھۇم شائىرىمىزل . مۇتەللىپنىڭ مۇنۇ بىر كۇپلېت شېئىرىنى خىتاب قىلىپ تۇرىمەن : « يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ ، ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ . يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ ، ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب . » ( << شىنجاڭ ياشلىرى >> ژۇرنىلىنىڭ 2000 - يىللىق 11 - سانىدىن ئېلىندى )
|