پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسەئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

بالىلارنى ئۆگىنىشنىڭ خوجايىنىغا ئ

يوللانغان ۋاقتى: 2011-04-03 05:25 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالىلارنى ئۆگىنىشنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرايلى بالىلارنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىقىدا ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار. ئادەتتە ئا

 

بالىلارنى ئۆگىنىشنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرايلى

 

 

 

بالىلارنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىقىدا ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار. ئادەتتە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدىن:‹‹بىز ھەيدەكچىلىك قىلمىغۇچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قىلمايدۇ ›› دەپ ئاغرىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەسئۇلىيەتنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۆزلىرىدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەيدۇ.
مەملىكىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق بالىلار مائارىپى مۇتەخەسسىسى چېن خىچېن ئەپەندى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا زىيادە كۆيۈنۈپ كېتىشىگە قارىتا: «ئانا بولغۇچى ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بالىلىرىغا چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ياردەمگە چاقىرىپ تۇرۇشى كېرەك» دەيدۇ. دەل مۇشۇنداق ئارتۇقچە كۆيۈنۈش بالىلارنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆگىنىشتە ئاسانلا باشقىلارغا تايىنىۋالىدىغان، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگەنمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى، بىر تەرەپتىن ھازىرقى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغۇز پەرزەنت بولغاچقا، ئۇلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغىنىنى ھېس قىلىپ بولغىچە ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بولىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇشۇنداق ئارزۇلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن بالىلار دائىم پاسسىپ ئىنكاس قايتۇرۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ-دە، ھېچقانداق ئىشنى ئىچىدىن قايناپ چىقىرىپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز, دەپ ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارنى «ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىش ئۇسۇلى»نى قوللىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتە پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ھازىرقى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى مەكتەپكە كىرە-كىرمەيلا ھەر خىل كۈچەيتىش سىنىپى، تەكرارلاش سىنىپى دېگەنگە ئوخشاش سىنىپلارغا قاتناشتۇرۇلۇپ، ئوينايدىغانغا قەتئىي ۋاقىت بەرمەيۋاتىدۇ. بۇنداق شارائىتتا يەنە ئۇلارنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇشتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟
بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرىنىڭ نەتىجىسىدىن تەڭ ھۇزۇرلىنىشنى بېلىۋېلىشى كېرەك. بولمىسا بالىلارمۇ ئۆگىنىشنىڭ غەلىبە شادلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ-دە، ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقى بارا-بارا سۇسلاپ كېتىدۇ.
ئەگەر بالىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بىلەن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تۇرغۇزۇلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ-دە، ئېغىر بولغانلىرىدا ئوقۇشتىن زېرىكىش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ.
بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەش ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. بۇ دۇنيادا ئۆز پەرزەنتىنىڭ بىرەر كەسىپنى پۇختىراق ئىگىلىۋېلىشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئاتا-ئانا بولمىسا كېرەك. بالىلارنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشتا «تەييار بېلىقنى بەرگەندىن بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەن ئەلا» دېگەن ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:
ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇشى كېرەك. بالىلارنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغانلىقىنى بالىغا بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆگىنىشنىڭ بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلىگەندە كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئەستايىدىل تەكرار قىلسىلا تاپشۇرۇقلارنى مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
بالىلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ئۆگىنىش پىلانىنى بالىلارنىڭ ئۆزلىرىگە تۈزدۈرۈش كېرەك. تۈزۈلگەن ئۆگىنىش پىلانى قانچە كونكېرت، قانچە ئىنچىكە بولسا، شۇنچە ياخشى بولىدۇ. پىلاندا ئۆگىنىش مەزمۇنى، ۋاقتى ئېنىق بەلگىلىنىشى، ئۆگىنىش رېتىمى كونترول قىلىنىش بىلەن بىرگە ماس ھالدىكى نازارەت قىلىش تەدبىرلىرىمۇ بەلگىلىنىشى كېرەك. بالىلار پىلان بويىچە ئىش قىلىپ يۇقىرىقىلارنى ئادىتىگە ئايلاندۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ دەرۋازىسى ئۇلارغا يوغان ئېچىلىدۇ.
ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق بولغان ئۆگىنىش نىشانى بەلگىلىۋېلىشىغا مەسلىھەت بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆگىنىشكە ئۈندەيدىغان تۈرتكىلىك كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك.
ئاتا-ئانا بولغۇچى ئاكتىپلىق بىلەن پەرزەنتلىرىگە ياخشى بولغان ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە بالىلىرىنىڭ قىزىقىشى، بىلىم ئېلىش ئىستىكىنى قوزغاپ، ئۇلارنى ئۆگىنىشتىن خۇشاللىق بايقاشقا يېتەكلىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشتە مۇۋاپىق رىقابەتچى تاللاپ بەسلىشىشىگە، ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە، ئۆگىنىشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئۆگىنىش ئۇسۇلى تاللىۋېلىشىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنى مەسىلىلەردىن گۇمانلىنىشقا، مەسىلىلەر ئىچىدىكى ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەپ، ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق مەسىلىلەرنى يېشىپ كۆرۈشكە جۈرئەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.
ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگىنىشتە ئىلگىرلىگەنلىكىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا ماسلىشىشى كېرەك. پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگىنشتىكى ئىپادىسىگە دىققەت قىلىپ، بىرەر ئەھۋال بايقالسىلا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىرلىكتە چارە تېپىپ چىقىپ، بىرلىكتە يېتەكلەپ تەربىيىلەشتە تەڭ كۈچ چىقىرىشى كېرەك.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مەشھۇر شەخىسلەر] بۈيۈك ئۇيغۇر ماتېماتىكى _ مۇھەممەت [ 2011-06-15 11:58:12 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى [ 2011-06-15 11:56:12 ]
[تارىخى بىلىملەر] لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇچقۇنلار ئى [ 2011-06-15 11:53:27 ]
[خەنزۇتىلى] باشلانغۇچ 4-يىللىق خەنزۇتىلى تەييا [ 2011-06-14 17:31:05 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئاتا-ئانىلارنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە پە [ 2011-06-14 13:31:53 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى [ 2011-06-14 13:30:23 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدە [ 2011-06-14 13:26:45 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلاردا بەلباغ مەدەنيىتى [ 2011-06-14 13:20:54 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئۇيغۇر كالىندارچىلىقى [ 2011-06-14 13:18:47 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] جىددى ئۇقتۇرۇش ۋە ئەسكەرتىش [ 2011-06-14 12:48:09 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر