ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىت
يوللانغان ۋاقتى: 2011-02-07 14:23 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كېرەك؟ دەرس ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان ۋە مۇكەممەللىشىۋاتقان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنى
ئوقۇتقۇچىلار قانداق ئوبراز يارىتىشى كېرەك؟
دەرس ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان ۋە مۇكەممەللىشىۋاتقان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كۈنسېرى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا ماسلاشقان ئوقۇتقۇچىلار ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن، مېنىڭچە ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
1. ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلالايدىغان پىسىخىك ساپا بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس مەزمۇنىنى يەتكۈزۈشتە ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشى، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
2. ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىكى نوقۇل ھالدىكى بىلىم يەتكۈزگۈچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرغۇچىغا ئايلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغايدىغان ھەر خىل ئىقتىدار ۋە ئاكتىپ خاراكتېرنىڭ يېتىلدۈرگۈچىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئىزدىنىش، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئاساس سېلىشى كېرەك.
3. ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلىيەلەيدىغان «ماھىرلار»دىن بولۇشى، بۇرۇنقى قېلىپقا سېلىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتەلمەيدىغان نەزەرىيەچىلەرنى تەربىيەلەشتىن، ھازىرقى دەۋردىكى ئۆزگىرىشكە ئاكتىپ تاقابىل تۇرالايدىغان، كونكرېت ئەھۋالغا كونكرېت لايىھە، تەدبىر قوللىنالايدىغان تالانت ئىگىلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
4 .دەرسخانا مۇھىتىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى دەرسنى بىر خىل ئۇسۇلدا ئۆتۈۋەرمەستىن، ھەر خىل شەكىلدە ئۆتىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ قانداق مەزمۇنغا قىزىقىدىغانلىقىنى، قانداق بىلىملەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىگىلەپ،« كېسەلگە قارىتا دورا بېرىش»ى، دەرسنى ھەرگىزمۇ بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈنلا ئۆتمەسلىكى كېرەك.
5 . يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ۋە يېڭى دەرسلىككە يۈزلىنىش، ئىلغار تېخنىكىلار بىلەن تونۇشۇش ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتتۇر. ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرماي، بۇرۇنقىدەك «ئۆزى سۆزلەپ ئۆزى ئۆگىنىدىغان» ھالەتتە كېتىۋەرسە، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ جانلىق بولۇش، ئوبرازلىق بولۇش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنمەيدۇ. ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئۆز كەسپىنى، ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈشى، سەۋرچان بولۇشى، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماسلىقى، ئۆزىنى داۋاملىق تەربىيەلىشى، ۋەتەنگە، مىللەتكە يۈز كېلەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
تەھىرلىگۇچى:admin
|
------分隔线----------------------------