ئوقۇغۇچىلارنى مۇزىكا ئارقىلىق ئېستېتىك تەربىيەگە ئىگە قىلىش توغرىسىدا ئۆمەرجان تۇراپ ئىختىساسلىق، قابىلىيەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەت خادىملىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتە ئېستېتىك تەربىيەنىڭ رولى روشەن بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى مۇزىكا ئارقىلىق ئېستېتىك تەربىيەگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئەدەبىيات – سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك: .1مۇزىكا ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ھېسسىيات، سېزىمچانلىق ۋە لىرىكىلىق لەززەت ئاتا قىلىدۇ، ئوقۇتقۇچى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ زوقلىنىشىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرلاش ئۇسۇلىدىن ئاستا – ئاستا ئۆزلۈكىدىن مۇزىكا دۇنياسىغا كىرىش، ئېستېتىك ئامىللارنى ئۆزلۈكىدىن تونۇش باسقۇچىغا يېتەكلەش كېرەك. .2مۇزىكىنىڭ ئەۋزەللىكى بولسا ئوقۇغۇچىنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، ئىجتىمائىيلىقى شۇنداقلا مىللىتى، مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇزىكىدا گەۋدىلەندۈرۈشنى بىلىشىدە، ئوقۇتقۇچى ھەر بىر دەرسنى ئۆتكەندە ئوقۇغۇچىلارنى شۇ ساھەلەردە ئىزدىنەلەيدىغان، دادىل ئىجاد قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. .3غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەر بىر ئەدەبىيات – سەنئەت خادىمىنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيىتى. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئەجدادلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئېسىل سەنئەت جەۋھەرلىرىنى تونۇتۇپ، ئۇنى تېخىمۇ سىستېمىلىق ھالدا ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا سىڭدۈرۈشى، ئۇنى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. .4 ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىش، ئەمەلىي مەشىق ۋە تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئېينېشتىيىن ‹‹مېنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرىمنىڭ كۆپ قىسمى مۇزىكىنىڭ ئىلھامىدىن قولغا كەلگەن، ئۇ يەنە ئىسكىرىپكا چېلىۋېتىپ ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىشلىرىدا يۈكسەك تەپەككۇر قاينىمىغا چۆمگەن ھالدا بىلىم – تەسەۋۋۇر ئارقىلىقلا قانائەتلىنەلەيدۇ. مۇزىكا تەسەۋۋۇرۇمنى ئويغاتقانلىقى ئۈچۈنلا مېنىڭ ئىلگىرىلىشىمگە تۈرتكە بولدى›› دېگەن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئېستېتىك تەربىيە ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىشتا مۇزىكا ئارقىلىق تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. دېمەك، مۇزىكا ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش، دادىل ئىزدىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ، مۇزىكا ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ، ۋۇجۇدقا كەلگەن سەنئەت بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېستېتىكىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئەدەبىيات – سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەشتە مۇزىكا ئارقىلىق ئېستېتىكا تەربىيەسىگە ئىگە قىلىشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئاپتور: بايىنغولىن ئوبلاستلىق سەنئەت ئۆمىكىدىن شىنجاڭ گىزىتىدىن ئېلىندى. تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|