![]() |
بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا يازغان خېتىمۇئەللىم! ماڭا نېمىنى ئۆگىنىشنى ئەمەس، قانداق ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىڭ، ماڭا «سەن چوقۇم تەپەككۈر قىل» دېمەي، قانداق تەپەككۈر قىلىشنى ئۆگىتىڭ ، شۇندىلا نوقۇل ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرۈشتىن خالىي بولۇپ ، ئەقىل - بۇلىقىمنى ئاچالايسىز. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا مېنى دۈشكەللىمەڭ ، ئەگەر ساۋاقداشلىرىم مېنى يەكلىسە ياكى كۆزگە ئىلمىسا ، ئۆزۈمنى نەگە قويۇشنى بىلمەي ، ھەتتا قورقۇنچاق بولۇپ قالىمەن ، ئەگەر سىز مېنى ئايرىم يەردە سەمىمىي تەنقىدلىسىڭىز ، مەن پىكرىڭىزنى ئىنتايىن خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن . مېنىڭ ئارتۇقچىلىقىمغا ئەھمىيەت بېرىڭ ، قابىلىيىتىمنى ئېتىراپ قىلىڭ ، مۇشۇ ئاساستا تۇرغۇزۇلغان ئىشەنچ ئالغا ئىلگىرلىشىمگە ئىلھام بولىدۇ ، ماڭا ئۆزۈمنىڭ قىممىتىمنى تونۇتىدۇ . قىلغان ياخشى ئىشلىرىمنى خاتىرىلەپ قويۇڭ ، ھە دىسىلا ياخشى قىلالمىغان ئىشلىرىمغا ئېسىلىۋالماڭ . مىنىڭ مەغلۇبىيىتىمنى ئەمەس ، بەلكى مۇۋەپپەقىيىتىمنى تەكىتلىگەن چېغىڭىزدا مەن ئۆزۈمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە تولىمەن . سىز مېنىڭ خاتالىقىمنى تۈزەتمەكچى بولسىڭىز ، ماڭا «ئىنتىزامسىزلىق قىلدىڭ » دەپ تەنبىھ بەرمەكچى بولسىڭىز ، ھەرگىز تەن جازاسى بەرمەڭ ياكى كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەڭ ، بۇنداق قىلسىڭىز غورۇرۇمغا زىيان يەتكۈزۈپ، مېنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ قويىسىز. ماڭا ئىشىنىڭ ھەمدە ماڭا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ ، ئەگەر سىز ھە دىسىلا بىر ئىشنى تەكىتلەۋەرسىڭىز ، مەندە ،-مۇئەللىم ماڭا ئىشەنمەيدىغان ئوخشايدۇ ، -دېگەن تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ مېنى مەغلۇبىيەتكە قاراپ ماڭدۇرىشى مۇمكىن . دەرسنى جانلىق، قىزىقارلىق سۆزلەڭ، مېنى دەرسلىك ئىچىگە ئېلىپ كىرىڭ ، دەرسخانىدا ھەممىگە سىزلا قوماندانلىق قىلسىڭىز ئۆزۈمنى ئىپادىلىيەلمەيمەن . ھەممە ئوقۇغۇچىنى بىر كۆزدە كۆرۈڭ، قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنىلا ماختاپ ، باشقىلارغا ئېتىبارسىز قارىسىڭىز ، ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتكە زىيان يەتكۈزۈپ قويىسىز. مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
|