پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسەئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-14 19:54 مەنبەسى: تور دۇنياسى ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇلغان ئويلار بۈگۈن 3- سائەتلىك دەرس ئەمىلىي پائالىيەت ئاساسىدا ئۆتىلىدىغان بولغاچقا سىنىپقا كىرىپ

سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇلغان ئويلار

 

 
بۈگۈن 3- سائەتلىك دەرس ئەمىلىي پائالىيەت ئاساسىدا ئۆتىلىدىغان بولغاچقا سىنىپقا كىرىپ ،ئالدىنقى سائەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىنىم بويىچە ، كوچىلاردىكى چاپلانغان تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى ،ئىدارە -ئورگان ، سودا سارايلىرى... قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ دەرۋازا بېشىغا ئورنۇتۇلغان لوزۇنكا ، ۋىۋىسكىلاردا كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقلىرىنى تېپىپ چىقىپ ،شۇ ئاساستا تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىپ چىقشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ كوچىغا ئېلىپ چىقىپ ئەمىلىي تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتۇق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ تاپتا خوشاللىقلىرى ئىچىگە پاتماي قالغان بولۇپ ،ئۇلار  بىر تەرەپتىن كۈزەتكەچ ، بىر تەرەپتىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقلىرىنى خاتىرلەپ ماڭاتتى ۋە مەندىن ئۇ -بۇ سوئاللارنى سورايتتى ،مەنمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خوشال كەيپىياتىغا جۆر بولغاچ ئۇلارنىڭ  سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ ماڭاتتىم ، بۇ سائەتتە ئوقۇغۇچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق خېلى كۆپ ئىملا خاتالىقلىرىنى تېپىپ چىقتى . دەرس ۋاقتى توشقاندا ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كىرىپ ، چۈشتە ئۆيگە قايتاشىدا كىچىك سودا دۇكانلىرىنىڭ ئىشىك بېشىغا ئېسىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۈزۈتۈپ ، ئۇچرىغان ئىملا خاتالىقلىرىنى خاتىرلەپ قويۇش تاپشۇرىقىنى بەردىم .چۈشتىن كېيىنكى 6- سائەتلىك دەرس ۋاقتى سىنىپقا كىرىپ ، ئوقۇغوچىلارغا ئىملا خاتالىقلىرىنى كۈزەتكىنىگە ئاساسەن يېزىپ چىققان خاتىرلىرىنى ئېلىپ ، تېپىپ چىققان ئىملا خاتالىقلىرىنى ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىلىمىزدا خەنزۇچە سۆزلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ بۇزۇپ ئىشلىتىلىۋاتقان  قانداق سۆزلەر بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ، شۇ ئاساستا ئىملا خاتالىقلىرى ۋە ئارىلاش سۆزلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ئۇيغۇر تىل -يېزىقىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرىنى سۆزلەپ بېقىشنى ئورۇنلاشتۇردۇم ، بۇ ۋاقىتتا سىنىپ ھەيئىتى قول كۆتۈردى ، مەن ئۇنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدىم ، << خانىم ،  بۇ دەرسنى ئۇكامغا 1- سائەتتە ئۆتۈپ بوپتۇ ،  ئۇكامنىڭ سىنىپىدىكى بالىلار نى خانىم سىرتقا ئەچىقماپتۇ ، ئۆزەڭلار كۈزۈتۈپ كېلىڭلار دەپ تاپشۇرۇق بېرىپتىكەن ، باللا كۈزەتكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېرىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن خانىم  ئۆزەڭلارنىڭ كۈزەتكىنى بويىچە  تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىڭلار دەپتۇ >> دېدى  تۇيۇقسىزلا ، مەن بۇ ئوقۇغۇچىنى بۈگۈنكى دەرسكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ دەپ ئويلىغاچقا ، بۇنداق دېيىشىنى كۈتمىگەن ئىدىم ، شۇڭا دەماللىققا نېمە دېيىشنى بىلمەي قالدىم ، << خانىم ، قالغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ دەرسنى سىز ئۆتكەندەك ئۆتۈپ بەرسە بولمامدۇ ، ھەممە دەرسنى سىز ئۆتۈپ بەرگەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى >> دېدى يەنە بىر ئوقۇغۇچى تۇيۇقسىزلا ،<<  ھەممە ئوقۇتقۇچىلار سىلەرگە ماڭا ئوخشاشلا كۆيىنىدۇ ، مەندىن ياخشى ئۆتۈپ بېرىدۇ ،    ش      ئوقۇتقۇچى بۇ  دەرسنى  ئۆ تۈشتىن  بۇرۇن بالىلارغا ئۆزەڭلار ئىملا خاتالىقلىرىنى كۈزۈتۈپ كېلىڭلار دەپ تاپشۇرۇق بېرىپتىغۇ ؟  مەن سىلەرگە ئۇنداق تاپشۇرۇق بەرمىگەچكە ئۆزەم ئەچىقتىم ، بولدى ئۆزىمىزنى دەرسگە كېلەيلى  >> دېدىم مەن << خانىم ،ھەممە ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى ئوخشاش ئۆتمەيدۇ ،  ش  خانىم سىنىپقا كىرىپلا ، مىجەزىم يوق دەپ بىرنەچچىمىزنى  غولىنى تۇتقىلى قويىدۇ ، قالغانلارغا  قايسى پەننىڭ تاپشۇرىقىنى ئىشلەپ بولالمىغان بولساڭلار شۇ پەننىڭ تاپشۇرىقىنى ئىشلەڭلار دەپ قويىدۇ ،ئۈچ -تۆت دەرسنى قوشۇپ بىرلا سۆزلەيدۇ ، يا چۈشەنمەيمىز ، بالىلار سىنىپتا بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ، ئويناپ كەتسە  مېنىڭ سەن نېمىلەرگە ئاغزىمنى ئۇپراتقۇم يوق ، دەپ سىنىپ ھەيئىتىنى  بالىلارنى باشقۇرغىلى قويىدۇ ، كومپىيوتۇر  خانىم سىنىپقا كىرىپلا ،  كىتاپنى ئېلىپ ئوقۇڭلار دەپ قويۇپ پارنىڭ قېشىغا ئورۇندۇقنى قويۇپ تېلىفون بىلەن سۆزلىشىدۇ ،( ئولتۇرۇپ دەرس ئۆتۈشكە بولمايدۇ دېگەن تۈزۈم ئورنىتىلىپ  سىنىپتىكى ئارتۇق ئورۇندۇقلار يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئىككى ئوقۇغۇچىنى بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ،ئۆزى بالىلار ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى ئېلىپ ئولتۇرۇپ دەرس ئۆتىدىكەن )  يا بولمىسا تېلىفون ئويناپ ئولتۇرىدۇ ،بىز مۇشۇ ماۋسۇم كىرگەننىڭ ياقى بىرەر قېتىممۇ كومپىيوتۇرخانىغا چىقىپ دەرس تىڭشاپ باقمىدۇق .....>> دېگەندەك گەپلەرنى ياغدۇرىۋەتتى ، ئۆتمەكچى بولغان دەرسىممۇ قېپ قالدى ، ئوقۇغۇچىلارنى جىملىمەكچى بولدۇم - يۇ تۇرۇپلا بۇ ئويۇمدىن ۋاز كېچىپ قالدىم ، گەرچە ئۇلار كىچىك بولسىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق تەپەككۈرگە ، سۆزلەش ھوقۇقىغا ئىگە - دە ، مەن  بۇ گەپلەرنى سىنىپتا سۆزلىگىلى قويمىغان بىلەن ئائىلىسىگە بارغاندا ئاتا - ئانىلىرىغا چوقۇم دەيدۇ ، ئاتا -ئانىلار بالىلاردىن ئاڭلىغانلىرىنى يەنە باشقىلارغا ئېيتىدۇ ،شۇڭا ئۇلارنىڭ سەبىي قەلبىدىكى يۈرەك سادالىرىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدۇم،<<  بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قالغاندا بىرەر  قېتىم ئولتۇرۇپ قالسىمۇ قالغاندۇ ؟ ھەمىشە ئولتۇرىۋالمايدىغاندۇ؟ بۇنى توغرا چۈشۈنىڭلار >> دېدىم بالىلارنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ،<<  بىرەر قېتىم ئەمەس ، داۋاملىق ئاشۇنداق ، دەرس ئۆتمەي ئەدەبىيات ياكى ماتىماتىكا تاپشۇرۇق ئىشلىگىلى قويىدۇ ،ئەڭ كەپسىز ، دەرستە ناچار ئوقۇغۇچىنى كومپىيوتۇر دەرس باشلىقى قىلىپ قويدى ،ئۆزى ئولتۇرۇپ شۇ ئوقۇغۇچىنى باللا باشقۇرغىلى قويىدۇ ،يەنە تېخى پالانى ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرىپلا << قايسىڭ دەرس ۋاقتىدا ئوينايدىكەنسەن تىرنىقىمنى جىننىڭ تىرنىقىدەك ئۆستۈرۈپ يۈزۈڭنى تىرمىلايمەن دەيدۇ ، كىم پاراڭ سالسا ئۇرىدۇ ، دىلخۇمارنى ئۇردى ، ئەمدى پاراڭ سالماي خانىم دەپ شۇنداق يىغلاپ يالۋۇرۇپ كەتتى ، بەك ئىچىمىز ئاغرىپ كەتتى ،قارىڭا خانىم ، دىلخۇمارنىڭ يۈزىگە ، يۈزى ئىششىپ كېتىپتۇ >> قارىسام يۈزى ئازىراق ئىششىپ قاپتۇ ، ئىچىم شۇنداق ئېچىشتى ، كۆڭلۈمدە << ئەگەر سېنىڭ بالاڭنى  بىرەر ئوقۇتقۇچى ئۇرۇپ مۇشۇنداق قىلىپ قويسا سەن قانداق قىلار بولغىيدىڭ ؟ سېنىڭ بۇ  ئوقۇغۇچىنى ئۇرىدىغان نېمە ھەققىڭ بار ؟ ئېسىت سەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قاپسەن ، سېنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان تىرنىقىمنى جىننىڭ تىرنىقىدەك ئۆستۈرۈپ يۈزۈڭنى تىرمىلايمەن دېگەن سۆزۈڭنى بالىلار ئاتا -ئانىلىرىغا دەپ بارسا ، ئۇلار نېمىمۇ دەر ؟ مۇشۇمۇ بىر  ئادەم تەربىيلەيدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاغزىدىن چىقىدىغان سۆزمۇ ؟ سەن  شۇ سەبىيلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزەڭنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ سۆزلىدىڭمۇ ؟ >> دېگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزدۈم ۋە بىرنەچچە كۈن ئالدىدىكى دەرس تىڭشاپ كىرگەندىكى ئەھۋال كۆز ئالدىمغا كېلىپ قالدى ،بىر نەچچىمىز  دەل مۇشۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ  3- يىللىققا ئۆتىدىغان ئوچۇق دەرسىنى تىڭشىغىلى كىرگەن ئىدۇق ، دەرس باشلىنىپ خېلىغىچە ئوقۇغۇچىلار تەرتىپكە چۈشمىدى ، ئاخىرى چىدىيالماي  ئورنۇمدىن تۇرۇپ بالىلارغا << ساۋاقداشلار ، ھازىر سىنىپقا بىرنەچچە ئوقۇتقۇچىلار دەرس تىڭشاپ كىردۇق ، سىلەر مۇشۇنداق تەرتىپسىزلىك قىلساڭلار قانداق بولىدۇ ؟ >> دېگەندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇغۇچىلار دەرسكە  دىققەت قىلىشتى ،  دەرس ئۆتۈش جەريانىدا بىچارە ئوقۇتقۇچى بالىلارنى تەرتىپكە چاقىرىپ چىقىراپ ھالى قالمىدى ،ھەتتا بىزنىڭ كۆزىمىزگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، بىر ئوقۇغۇچىنى دۈشكەللەپ كەتتى ،دەرس ۋاقتى توشۇپ  بولغۇچە ئاران چىداپ ئولتۇردۇم .<<ئوچۇق دەرس ئۆتكەندىكى ھالى شۇ تۇرسا، ئادەتتە ئۆتكەن دەرسى قانداق بولار ؟ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر سائەتلىك دەرستىكى تەرتىبىنى ساقلاپ، جايىدا تەشكىللىيەلمىسە ، 6- يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرسكە كىرگەندە قانداق قىلىدىغاندۇ ؟ مۇشۇنداق دەرس ئۆتسە دەرس ئۈنۈمىگە قانداقمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ؟ >>دېگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزدۈم ،ئىچىم بىر خىل ئاچچىق بولۇپ قالدى.
      بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپ بويىچە ئۆتىلىدىغان مۇھاكىمىلىق دەرس تىڭشىغىلى ئوندىن ئارتۇقراق ئوقۇتقۇچىلار يىغىلىپ سىنىپ ئالدىغا باردۇق .( مەكتەپ بويىچە مۇھاكىمىلىق دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسمى ،دەرس ئۆتىدىغان چىسلا ، قايسى سىنىپقا  قانچىنچى سائەتتە دەرس ئۆتىدىغانلىقى ... قاتارلىقلار جەدىۋەللەشتۈرۈپ ئىشخانىلارغا چاپلاپ قويۇلغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنتۇپ قالمىسۇن دەپ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئەسكەرتىپ قويىلىدۇ )  سىنىپ ئىچىگە قارىساق  دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ ،ئوقۇغۇچىلار بەخارامان ھالدا ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ ، ئوقۇتقۇچىنىڭ  ئوچۇق دەرس ئۆتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتقان - ئېيتمىغانلىقىنى ئوقۇغۇچىلاردىن سورۇدۇم ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەۋىرى يوقكەن ،دەرس ۋاقتى توشۇشقا بىر نەچچە مىنۇتلا قالدى ، مەن جىددىيلىشىپ ئۇ سىنىپ بۇ سىنىپقا كىرىپ قاراپ باقسام ، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى مەلۇم بىر سىنىپتا  غېمىدە يوق ئىشىككە ئارقىسىنى قىلىپ  چېچىنى تاراپ ئولتۇرۇپتۇ ، ئوقۇغۇچىلار سىنىپ ئىچىدە ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ ، شۇنداق غەزىۋىم كەلدى ،<< سىز پالانى سىنىپقا  مۇھاكىمىلىق دەرس ئۆتەتتىڭىزغۇ؟ ئوقۇتقۇچىلار سىنىپتا سىزنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ ، سىز غېمىڭىزدە يوق ئولتۇرىسىزا ؟ >> دېدىم ئاۋازىمنى يۇقۇرىراق چىقىرىپ ، << ئۆتەتتىم شۇ ، سەل مىجەازىم يوق ، خوشياقماي قالدى ، تەييارلىقمۇ قىلىپ بولالمىدىم >> دېدى ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ،<<  ئۇنداق ئادەم دەرسنى بۈگۈن ئۆتەلمەيمەن دەپ ئىلمىي بۆلۈمنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويسىڭىز بولمامدۇ ؟ ئوقۇتقۇچىلارنى گالۋاڭ قىلىپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغۇچە ، >> دېدىم ، قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى ، تىللىۋەتكۈم كېلىپ كەتتى .ئۇنىڭغىچە دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى ،مەن ئارقامغا بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتىم.ھېلىقى سىنىپقا كىرىپ ، ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇھاكىمىلىق  دەرس ئۆتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتىم ، ئوقۇتقۇچىلار قاتتىق خاپا بولۇپ سىنىپتىن يېنىپ چىقتى . ھېلىقى ئوقۇتقۇچى دەرس ۋاقتى توشۇپ ئارىدىن ئالتە مىنىۇتتەك ۋاقىت ئۆتكەندە ئاندىن دەرسكە كىردى ،ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى مەكتەپ خاتىرسىگە ئېلىندى ، لېكىن خاتىرگە ئېلىنغان بىلەن ، بەرىبىر بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئارقىغا قايتۇرغىلى بولمايدۇ - دە ، دەرس تىڭشاش ئۈچۈن كىرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلىمىساقمۇ ، شۇ ئوقۇتقۇچى كېچىكىپ كىرگەن سىنىپتىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالتە مىنىۇتتىن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە سىنىپتىكى 40 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەچچە مىنۇتلۇق ۋاقتىغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ ؟ 16 يىللىق خىزمەت سىتاژىغا ئىگە بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپ بويىچە ئۆتىلىدىغان مۇھاكىمىلىق دەرسكە تۇتقان پوزىتسىيىسى شۇ تۇرسا ، ئادەتتە ئۆتىدىغان دەرسكە قانداق پوزىتسىيە تۇتىدۇ ؟ خىزمەتتتە ئەستايىدىللىق دېگەن نەرسە بولمىسا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنىپ ئىچىدە ئەينەككە قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىشىچۇ ؟ <<ھەي ،  قايېرىڭ ئوقۇتقۇچى سېنىڭ  ،سەن ئۆزۈڭنىڭ خۇنۈك ئوبرازىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە قانداقمۇ ئورۇن ئالالايسەن ؟ >> دەپ ئويلۇدۇم مەن .  بىز ئوقۇتقۇچىلار كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرىنى تەربىيلەيمىز ،بىز تەربىيلىگەن ياش -ئۆسمۈرلەر كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ، مىللەتنىى تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلار ،ئۇلارنى  ئەتراپلىق تەربىيلەش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىم ھەرگىزمۇ ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ ،بىز بىر تەربىيلىگۈچى تۇرۇپ ئۆزىمىزدە تەربىيلىگۈچىگە خاس ساپا ، مېتود ، بىلىم ھازىرلىمىساق ، ، تەربىيلەنگۈچىلەرنى قانداقمۇ يارملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقالايمىز .ئوقۇغۇچىلارنى  جەلپ قىلغان ھالدا  ، دەرس ئىنتىزامىنى تەشكىللەپ تۇرۇپ ،بىر سائەتلىك دەرسنى ئەتراپلىق ، توغرا ،قىزىقارلىق ،چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ يەتكۈزۈش دەرس ئۆتكەن ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مېتودىغا باغلىق ئىش .مېتود دېگەنننى بىر ئادەم ئۈگۈتۈپ قويىدىغان نەرسە ئەمەس ،ئۇ ئوقۇتۇش  ئەمىلىيىتى جەريانىدا ئوقۇتقۇچىدا ئۆزلىكىدىن يېتىلىدۇ ، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدى يىگىرمە نەچچە يىللىق ، كەينى 7- 8 يىللىق خىزمەت سىتاژىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار ، شۇنچە يىلدىن بۇيان  ئوقۇتۇش ئۇسۇلى دېگەننى ئۆگىنىپ بولالماي ، ئوقۇغۇچىلارنى گالۋاڭ قىلىپ ، ئۆزىگىمۇ ، مىللەتكىمۇ يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە ،ئوقۇتقۇچى دېگەن شەرەپلىك نامنىڭ يۈزىنى تۆكسە ، بۇنى قانداقمۇ ئادەم تەربىيلىگۈچى دېگىلى بولىدۇ ؟ بۇنداق دېگىنىم مەن دەرسنى بەك ياخشى ئۆتىمەن ، ھەممە جەھەتتە مۇكەممەل دېگىنىم ئەمەس ، شۇنداقلا ھەممە ئوقۇتقۇچىلار غا قارىتىلغان ئەمەس ، ئارىمىزدا مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ، مائارىپ خىزمىتى ئۈچۈن جاپا - مۇشەققەتلەرگە جان پىدالىق كۆرسىتىۋاتقان ، بارلىقىنى مائارىپ خىزمىتى ئۈچۈن ئاتىغان ئوقۇتقۇچىلار ناھايتى نۇرغۇن ، ئۇلار ھاردىم - تالدىم دېمەي  مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن - تۈنسىز تۆھپە قوشىۋاتىدۇ ،يەنە يۇقاردا تىلغا ئېلىنغاندەك بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ بار ، ئۆزى مائارىپچى تۇرۇپ ئوقۇتۇشنى چۈشەنمەيدىغان ، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە چۆكمەيدىغان ، ئوقۇغۇچىلارنى  ئويۇنچۇق  ئورنىدا كۆرىدىغان ،مائارىپ سېپىگە ماس كەلمەيدىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار ، مۇشۇنداقلاردىن ھەر بىر ئۇيغۇر  مەكتەپتە ئىككى - ئۈچتىن چىقسا بىر ۋىلايەت تەۋەسىدە نەچچىسى چىقىدۇ ،ھەر بىرسى ئۆزىگە ئوخشاش ساپاسىز ئوقۇغۇچىدىن بىرنى يېتىشتۈرسە ، شۇنداق مىللەتكە يۈك بولىدىغان ئوقۇغۇچىدىن نەچچىسى چىقىدۇ ،<< كۆتۈمدە ئىشتان يوق ، ئېتىم مارجان بۈۋى >> دېگەندەك  تېخى بۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گېپىنىڭ  چوڭلىقى  ،بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنىڭ لاھىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ،<<  مېنى مانچىنچى ئورۇنغا تەكلىپ قىلماي باقسۇن قېنى ، ئانى دېيىشىمەن ، مانى دېيىشىمەن >>دەپ پوپوزا قىلىشىلىرى  ، خىزمەت باھالاشلار بولۇپ قالسا << مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلاپ ،ئۆزەم تەربىيلەۋاتقان ياش - ئۆسمۈرلەرگە كۆيۈنۈپ ، ئەتراپلىق بىلىم بېرىپ ،ساپا ، مائارىپىنىڭ تەلىۋى بويىچە دەرس ئۆتۈپ .....>> دېگەندەك يادىلىۋالغان  دەبدەبىلىك ئىبارىلەرنى شاتۇتىلاردەك ئوتتۇرىغا قويۇپ كېتىشلىرىچۇ ،تېخى ئۇلار راستىنلا بارلىقىنى  مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلىسا ، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىشتە ئەستايىدىل بولغان بولاتتى ، مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان بولاتتى ،ئۇلار بىر سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ دەرس ئۆتەلمەي ،گۇنانى بالىلارغا قويۇپ ، <<ھازىرقى بالىلار بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇيەي ،  بالىلارغا چىڭراق گەپ قىلغىلى بولمايدۇيەي ....>> دېگەندەك چويلىدا توختىماس گەپلەرنى قىلىشىدۇ ،بىرەر ئوقۇغۇچى دەرس ۋاقتىدا كەپسىزلىك قىلىپ قويسا ، سىنىپ مەسئۇلىنى چاقىرتىدۇ ،خۇددى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىر سىنىپ مەسئۇلىنىڭلا بالىسىدەك ،ئۆزى ئوقۇتقۇچى ئەمەستەك ،سىنىپ مەسئۇلى ئالغان مۇئاشنى ئۆزى ئالمايدىغاندەك ،پارتىيە -ھۆكۈمەتمۇ شۇ ئوقۇتقۇچىغا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتىدۇ ، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ دەپ مۇئاش بېرىدىغۇ ؟ ئۇلار قاچانغىچە تۆمۈر تاۋاقتىن قۇتۇلالمايدۇ ،ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق دەرس ئۆتىۋاتقىنى بىلەن ھېساپلاشماي ، << ھازىر مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتتى >> دەپ قاخشىشىدۇ ،كۆپىنچىلىرى مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتى تۆۋەن دەپ پەرزەنتلىرىنى خەنزۇ مەكتەپلەرگە بەردى ،يۇقۇرقىغا ئوخشاش بىر قىسىم ساپاسى تۆۋەن ئوقۇتقۇۇچىلار  ئوقۇتۇشقا مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتسا تۆۋەنلىمەي يۇقۇرلامتا مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتى ؟ سىز ئۆزىڭىز  مائارىپچى تۇرۇپ، 40 مىنۇتلۇق دەرس ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلالمىسىڭىز ،  ،ئۆزىڭىز دەرس ئۆتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ مىللىتىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنى ، ئۇلارغا بىلىم بېرىشتە ئەستايىدىل بولماي ئوقۇغۇچىلارنى كىچىك ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ دەپ گوللا پ كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ  كويىدا يۈرسىڭىز ،  مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈلمەيدۇ ئەلۋەتتە  ، مىللى مائارىپنى  راۋاجلاندۇرۇشنى  بىز  ئوقۇتقۇچىلار ئۈستۈمىزگە ئالمىساق ، باشقا كەسپتىكىلەر  مەكتەپلەرگە كېلىپ بىزنىڭ ئورنىمىزدا دەرس ئۆتۈپ، مىللى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ بەرمەيدۇ ،<< مائارىپنىڭ گۈللىنىشى ئوقۇتقۇچىلارغا باغلىق ، مىللەتنىڭ راۋاجلىنىشى كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان ياش -ئۆسمۈرلەرگە باغلىق >>بىز مائارىپچىلار مائارىپ ئىشلىرىدا ساختىلىق ئىشلىتىدىكەنمىز ، ئۇنداقتا مىللىتىمىزگە زىيانكەشلىك قىلغىنىمىز بولىدۇ ،بۇنى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ ،مېنىڭ بۇنى يېزىشىمدىكى مەقسىدىممۇ ، مائارىپ سېپىنى جان باقتىلىقنىڭ يولى قىلىۋالغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشى ئۈچۈن ، مەن ئويلايمەن ،ئەگەر تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ باھالىشىغا قويغان بولسا ، ئۇلار ئەڭ ئادىل باھالىغۇچى بولۇپ ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئورنىغا تەكلىپ قىلىپ قويغان بولار ئىدى ، چۈنكى ئۇلار كىچىك بولسىمۇ ياخشى -ياماننى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بار ، قايسى ئوقۇتقۇچىنى دەرس ئۆتۈشتە ئەستايىدىل ئىكەنلىكىنى ، قايسى ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ئايرىپ چىقالايدۇ ،مېنىڭ يۇقارقى ئوقۇتقۇچىلارغا ئېيتىدىغىنىم <<  سەبىيلەرنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سېلىپ قويايلى ، ئۇلار ئالدىدىكى مىللەت ئالدىدىكى ، جەمىيەت ئالدىدىكى شەرەپلىك ئوبرازىمىزغا داغ كەلتۈرمەيلى ، ئۇلار كەلگۈسىدىكى مىللىتىمىزنىڭ ئۈمۈدلىرى ، ئۇلارنى ئۆز قولىمىز بىلەن نابۇت قىلمايلى >>
مەنبە:مىسرانىم مۇنبىرى
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر