ئوقۇغۇچىلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن
ئەسئەت ئىمىنجان
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى پەن ئوقۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئۇلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەل قىلىش قىيىن بولغان مەركىزىي نۇقتىلارنىڭ بىرى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم: . 1 ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەشكە يېتەكلىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى ئالاھىدىلىك بويىچە يېتەكلەشكە ماھىر بولۇشى لازىم. 2. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە نىشانىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش بىلەن بىللە، ئۇلاردا بىر – بىرى بىلەن ھەمكارلاشقان، ئىتتىپاقلاشقان ئاساستا توغرا يۆنىلىش بويىچە بەسلىشىدىغان، مۇسابىقىلىشىپ ئۆگىنىدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈشى لازىم. . 3 ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە پايدىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشى لازىم. . 4 ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتە، مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى لازىم. . 5 ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا قەلب جەھەتتىن كۆيۈنۈپ، ئۇلارغا توغرا يېتەكلەش ئۇسۇلى قوللىنىپ، توغرا باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم.
|