![]() |
سىز ئوقۇغۇچىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى كۆپ ئامىللارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىگە باغلىق بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار، بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرىھەر قايسى ئامىللارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان تەسىرىنى ئوبدان چۈشىنىشى لازىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا تۈرلۈك ئامىلارنىڭ تەسىرىدىن خالىي بولالمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئارىسىدا چوڭ – كىچىك مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تەبىئىي. ئۇنداقتا بۇ خىل مەسىلىلەرگە قارىتا ئوقۇتقۇچى،بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرى قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك؟ ھەمىمىزگە مەلۇم، سىنىپ مۇدىرى سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى، مەكتەپ تەلىم–تەربىيە خىزمىتىنىڭ تايانچىسى. بالىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن يېتىلىشىمۇ سىنىپ مۇدىرى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە باغلىق. شۇڭا سىنىپ مۇدىرى ھەر ساھە خىزمەتلەردە ھۇشيار بولۇشى، ئۆزىنىڭ رولىنى ھەر ۋاقىت تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا سىنىپ مۇدىرى ئالدى بىلەن مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە ماھىر بولۇشى ھەمدە مەسىلە سادىر قىلغۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشى، ئالدىراپ جازالىماسلىقى ۋە كەمسىتمەسلىكى، ئىلاج بار تەربىيە ئىشلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۇنى قۇتقۇزۋېلىش تەرىپىدە بولۇشى لازىم. سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى بىر كۈنى مۇنداق بىر مەسىلىگە يولۇقۇپتۇ. ئىشخانىسىدا ئولتۇرسا سىنىپىدىكى بىر قىز ئوقۇغۇچى ئىشكىنىمۇ چەكمەستىن ئالدىغا ئوقتەك كىرىپ نېمىگىدۇر ‹‹پاڭڭىدە›› يىغلىۋېتىپتۇ. ئارقىدىن ئۇ يەنە شۇنداق تېزلىك بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ رۇخسىتىسىزلا چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى ئالدىدىكى ماتېرىيالنى تاشلاپ دەرھال سىنىپقا كىرىپتۇ. — ھۆرمەت! ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرىدىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ ئوقۇتقۇچىسىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ. — ئولتۇرۇڭلار! ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجازىتى بىلەن بالىلار ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇپتۇ، سىنىپ ئىچى سۈكۈتكە چۆمۈپتۇ. ئەمما بايىقى قىزنىڭ يىغلىشى، بۇرنىنى ‹‹شىرت–شىرت›› قىلىپ تارتىشى سىنىپنىڭ سېكونت ئىچىدىكى تىنىچلىقىنى بۇزۇپتۇ. شۇ ئەسنادا بىر ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ رۇخسىتىسىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ، سىنىپتا بولغان ئىشلارنى ئوقۇتقۇچىغا چۈشەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىسىنى گاڭگىراشتىن قۇتۇلدۇرۋالماقچى بوپتۇ. بىراق، ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ يولسىزلىقىنى رەت قىلىپ ئۇنى ئولتۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ. ئارقىدىن سىنىپ باشلىقىنى تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭدىن بايا سىنىپتا بولغان ئەھۋالنى سوراپتۇ. سىنىپ باشلىقى بولغان ئىشلارنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئەمما ئوقۇتقۇچى سىنىپ باشلىقىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ، ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بوپتۇ ھەمدە قاتتىق ئازابلىنىپتۇ. چۈنكى ئۇ سىنىپىدا مۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى زادىلا ئويلىمىغاندى. بىراق بولغۇلۇق بوپ بولغاندى، قانداق قىلغۇلۇق؟ ئوقۇتقۇچى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆتۈپ بولغان بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە بىر ئاز ئويلنىپتۇ. ئارقىدىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا ئاستىرتتىن بىرمۇ–بىر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپتۇ. شۇ ئارىدا ئۇنىڭ پۈتۈن دىققىتى ۋە نازارەتچىلىك قىلىۋاتقان بىر جۈپ كۆزى ئوتتۇرا رەتتە ئولتۇرغان، يەنە كېلىپ بىئاراملىقتىن ئۆزىنى قويىدىغانغا يەر تاپالمايۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىغا مەركەزلىشىپتۇ ھەم بۇ ئىشنى ئۇنىڭ قىلغانلىقىغا، ئىسمىنى چاقىرسىلا ئۇنىڭ بالىلار ئالدىدا ئوسال بولىدىغانلىقىنى جەزم قىپتۇ. ئەمما ئۇنى كۆپچىلىك ئالدىدا شەرمەندە قىلىشنى، ئوبرازىغا بىر ئۆمۈرلۈك داغ كەلتۈرۈشنى خالىماپتۇ. ئەكسىچە ئۇنى مۇمكىن قەدەر قۇتقۇزۋېلىش ئويىدا بولۇپ سەمىمىي قىياپەتتە: ساۋاقداشلار، سىلەر بۇ قېتىم يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنماقچى بولۇپ، پۇل ئىئانە قىلماقچى بولدۇڭلار، شۇنداقمۇ؟ — دەپتۇ. — شۇنداق، — دەپتۇ ئوقۇغۇچىلار بىردەك. — توغرا، سىلەر ئۆز رازىلىقىڭلار بىلەن شۇنداق قىلدىڭلار، بۇ قوللاشقا تېگىشلىك ئېسىل روھ! ئىشىنىشىمىز كېرەككى، مۇنداق خاسىيەتلىك ئىشلارغا يامان كۆزىنى سالىدىغان قولى ئەگرى بالا سىنىپىمىزدا ئەسلا يوق! شۇڭا سىلەر بايىقى پۇل توغرىلىق بولغان چاقچاققا، يەنە كېلىپ ئاشۇ 20 نەچچە يۈەن پۇلنىڭ ئىشىغا ئارتۇقچە باش قاتۇرماي ئۆگىنىشىڭلارنى قىلىڭلار، — دەپتۇ. ئوقۇتقۇچى بۇ ئىشنى ئەنە شۇ خىل ھۆكۈم بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، سىنىپ ئىچىدە ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇرۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بايىقى گۇمانلىق ئوقۇغۇچىمۇ خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ئۆگىنىشىنى قىپتۇ. ئەمما ئۆگىنىش تۈگەپ ھەممە ئوقۇغۇچى ئائىلىسىگە قايتقاندا، بايىقى ئوقۇغۇچى ئۇدۇل ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىشخانىسى ئالدىغا كەپتۇ ۋە ئىشكنى ئاستا چېكىپتۇ: — كىرىڭ. ئۇ ئاستا كىرىپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئالدىدا گويا جىنايەتچىدەك بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇپتۇ. ئوقۇتقۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە ئۇنى ئورۇندۇقتا ئۇلتۇرۇشقا تەكلىپ قىپتۇ ھەم ئارقىدىن مۇلايىم تەلەپپۇزدا: — بالىلار ئائىلىسىگە قايتقىلى نىكەم، سەن تېخىچە قايتماپسەنغۇ؟ — دەپتۇ. ئۇ جاۋاب بېرىش ئورنىغا ‹‹پاڭڭىدە›› يىغلىۋېتىپتۇ. ئارقىدىن: بۈگۈن سىنىپىمىزدا پۇل ئوغىرلاشتەك بىر چاكىنا ئەھۋال يۈز بەردى. بۇنىڭ بىلەن ‹‹ئالغان بىر گۇناھ، ئالمىغان مىڭ گۇناھ›› دېگەندەك ئوقۇغۇچىلار بىر–بىرىدىن گۇمان قىلىشتى. نەتىجىدە ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى ئىشەنچ، تىنچلىق بۇزۇلدى. بۇ ئىشقا قارىتا سىز ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئىزھات بېرىپ، كەيپىياتنى تىنچلاندۇردىڭىز. ئەمما مەن يەنىلا بىئارام بولدۇم، ئازابلاندىم ... راستىمنى دېسەم، ئىلگىرى مەن قولغا كەلگەننى ئالاتتىم. لېكىن ئۇ نادان چاغلىرىمدىكى ئىشلار ئىدى. ئادەم نادان چاغلىرىدا نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى بىلىپ–بىلمەي قىلىپ تاشلايدۇ. بىراق ئادەم ئەقىل تاپقاندىمۇ نادان چاغلىرىدىكى بەزى ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىشقا يەنىلا مەجبۇر بولىدىكەن. ئەمما ئادەم بۇ ۋاقىتتا نومۇس، ئازاب كۈچىدىن قاتتىق قىينىلىدىكەن. مانا مەن نەچچە سائەتتىن بېرى، شۇ قەدەر ئازابلىنىۋاتىمەن. ئەمما مېنىڭ مۇنداق ئازابقا قېلىشىم يەنىلا ئاتا–ئانامنىڭ يوقلۇقىدىن، قىيىنچىلىقىمغا ياردەمدە بولىدىغان بىرەر تۇغقىنىمنىڭ بولمىغانلىدىقىدىن بولدى. مانا مەن بىر ساۋاقدىشىمدىن ئارىيەت ئېلىپ تۇرغان ئازغىنا پۇلنى قايتۇرۇشقا قۇربىم يەتمەي ئاخىرى پۇل ئوغىرلاپ بۇ ئازابقا قالدىم. دېمەك، مەن شۇ تاپتا ھەممە سىرىمنى سىزگە دېدىم. ئەمدى سىز مېنى قانداق جازالىسىڭىز ھەقلىق، — دەپتۇ ۋە يەنىلا مىشىلداپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچى كۈچلۈك تەلەپپۇزدا : — ياق، ياق! مەن سېنى ھەرگىزمۇ جازالىمايمەن. ئەگەر جازالاشقا توغرا كەلسە ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى جازالايمەن. چۈنكى مەن نەچچە يىلدىن بېرى، سېنىڭ سىنىپ مۇدىرىڭ بولۇپ تۇرۇقلۇق، سېنىڭ ئەھۋالىڭنى چۈشىنىپ كېتەلمەپتىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىبلەيمەن! ... مېنى كەچۈرسەڭ، كۆز ياشلىرىڭنى توختىتىپ، بۇ پۇلنى قەرزىڭگە بېرىۋەتكىن، — دەپ يېنىدىن ئەللىك يۈەن پۇلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ. ئۇ ئۇقۇتقۇچىسى بەرگەن پۇلنى مىڭ تەستە ئېلىپ، گويا قايتا تۇغۇلغان غۇبارسىز بوۋاقتەك ناھايىتى يىنىك قەدەم بىلەن ئىشخانىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. دېمەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ، شۇنداقلا كەڭ ھەر مىللەت ياش–ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىر مۇرەككەپ جەريان. ئەمما ئىللىق مۇئامىلە بۇ خىل مۇرەككەپ جەرياننى ئۆزگەرتىشتىكى بىردىنبىر ئەڭگۈشتەر ھېسابلىنىدۇ.
|