![]() |
پەرزەنتتىمۇ كۆڭۈل بارلىقىنى ئۇنتۇمىغايسىز ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى تەتىلگە ئازلا قالغانىدى. ئاپامنىڭ ئالدىغا قۇرۇق قول قايتىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. تۇرمۇش پۇلۇمدىن تېجىگەن ئازغىنە پۇلغا سوۋغات ئېلىش نىيىتىدە بازار ئارىلاپ يۈرۈپ، ئەرزان ھەم سۈپەتلىك، چىرايلىق سومكىدىن بىرنى سېتىۋالدىم. سېتىۋالغىنىم داڭلىق ماركىلىق سومكىلاردىن بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ئاپامنىڭ كونا سومكىسىدىن خېلى ياخشى ئىدى. مۇھىمى، بۇ مېنىڭ ئاپامغا بولغان كىچىككىنە كۆڭلۈم ئىدى. ... يۇرتۇمغا كېتىۋاتىمەن، ئۆيگە ئاز قالغانسېرى ھاياجانلىنىۋاتىمەن. ئۆيۈمنى، ئاتا - ئانامنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتىمەن. ئاپامغا ئالغان سوۋغىتىمنى ئۇنىڭغا قانداق ئۇسۇلدا بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن، ئاپامنىڭ «پۇلنى بۇزۇپ نېمە قىلاتتىڭىز؟ ماڭا ئالغۇچە، ئۆزىڭىزگە ئالسىڭىز بولماسمىدى» دەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن. ياق، يەنىلا سوۋغىتىمدىن ئۇنىڭ خۇش بولۇشىدىن ئۈمىدلىنىۋاتىمەن... مەنزىلگە يەتتىم. ئۆيگە كىرسەم، ئۆيدىكىلەر جەم بولۇپ مېنى ساقلاۋاتقان ئىكەن، ئۆيدە ھامماممۇ بار ئىكەن. تولىمۇ قىزغىن كۆرۈشۈپ، داستىخانغا ئولتۇرۇپ تاماقلاندۇق، تاماقتىن كېيىن سوۋغىتىمنى ئاپامغا سۇندۇم، ئويلىغىنىمدەكلا ئاپام بەكلا خۇشال ب−ولدى، سومكىنى ئېسىپ كۆرۈپ باقتى، ئۇنىڭ چىرايىدىن سوۋغىتىمنى ناھايىتى ياقتۇرغىنى، خۇشال بولغىنى چىقىپ تۇراتتى. ـــ ھەدە، قىزىڭ بەك ئەقىللىق چوڭ بولدى جۇمۇ، ساڭا سوۋغات ئەكىلىشنى ئۇنتۇمىغىنىنى قارا! ئەكىلە مەن بىر ئېسىپ باقاي، ـــ دېدى ھاممام كۈلۈپ تۇرۇپ. ـــ ھەدە، بۇ سومكا ماڭا بەكرەك ياراشتى، قىزىڭ چوڭ شەھەردە ئوقۇۋاتقاندىن كېيىن، ساڭا بۇنداق سومكىلارنى يەنە ئەكېلىپ بېرىدۇ، بۇنى ماڭا بېرىۋەتكىن، −− دېدى كەسكىنلا. ــ ھەدە-سىڭىل ئوتتۇرىسىدا سېنىڭ-مېنىڭ دېيىش كېتەمدۇ؟ قاچان سەندىن بىر نەرسەمنى ئايىغان؟ سەن ئىشلەتسەڭ مەن ئىشلەتكەنگە ئوخشاش، ياقتۇرغان بولساڭ ئىشلەتكىن، ـــ دەپلا ئاپام سومكىنى ھاممامغا بېرىۋەتتى. شۇ ھامان كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى. خۇش بولغان ھاممام سومكىنى ئېسىپ ئۆيدىن چىقتى، ئۇ چىقىۋاتقاچ مېنى ئەركىلىتىپمۇ، ئاپامغا ئەركىلەپمۇ ئۈلگۈردى. ئاپام ئۇ سومكىنى سىڭلىسىغا مەردلەرچە بېرىۋەتكەندە يېنىدا قاراپ تۇرغان قىزىنىڭ كۆڭلىگە كەلگىنىنى تۇيمىغانمىدۇ؟ ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدۇ، بۇ قىل سىغماس ھەقىقەت، شەخسىيەتسىز بۇ مۇھەببەتكە تەبىئەتتىكى جىمى جانلىق گۇۋاھ. لېكىن، ئاتا - ئانىلارنىڭ بەزىدە ئويلاشمايلا چىقارغان قارارلىرى پەرزەنتلەرنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتقاندىن باشقا، پەرزەنت بولغۇچىنى ئىككىنچى قېتىم ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىۋېتىدىكەن. ئۆتكەندە بىر يېقىن دوستۇم ئاپىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن خېلى بالدۇرلا پارچە - پۇرات پۇللىرىنى يىغىپ، ئاپىسى ياقتۇرىدىغان ئەتىردىن بىرنى ئالدى. نەچچە كۈندىن كېيىن دوستۇمدىن ئۇ كۈنى قانداق بولغانلىقىنى، ئاپىسىنىڭ خۇشاللىقىدا نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى سورىسام، ئۇ يىغلىۋەتتى ۋە «ئەسلىدە ئاپامغا سوۋغات ئالمىسام بولۇپتىكەن، ئۇ كۈنى ئاپام ‹پۇلنى بۇزۇپ نېمە قىلاتتىڭىز؟ سىز يا مائاشلىق بولمىسىڭىز؟› دەپ خاپا بولۇپ سوۋغاتنى قولىغا ئېلىپمۇ قويمىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئاپامغا ھەرگىز سوۋغات ئالمايمەن...» دېدى. پەرزەنت بولغۇچى ئاتا-ئانىسىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە تۇشلۇق بەدەل تۆلەيدۇ، جاپا چېكىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا بېغىشلىغانلىرى ئالدىدا ھېچ نەرسە ئەمەس. لېكىن بۇمۇ پەرزەنتنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى، ھۆرمىتىنى ئىپادىلەشتىكى بىر ئۇسۇلدۇر. پەرزەنت بولغۇچى شۇ ئاددىي سوۋغىنى تەييارلاش ئۈچۈن، خېلى بالدۇرلا تەييارلىق قىلىدۇ، شۇ باھانىدە پۇل تېجەشنى، يىغىشنى، ئاتا-ئانىنى خۇشال قىلىشنى ئۆگىنىدۇ، ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا سوۋغا تەييارلايدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتلەرنىڭ كۆزىگە ئەمەس، كۆڭلىگە باقسا. يەنە شۇنىمۇ تىلغا ئېلىش زۆرۈركى، ئەگەر پەرزەنتىڭىزنىڭ كۆڭۈل ئىپادىلىشى چەكتىن ئاشقان يوغانچىلىق، ئابرۇيپەرەسلىك بىلەن مەزمۇنلانسا، ئەلۋەتتە، ئۇنداق كۆڭۈلنى رەت قىلىشقا، رەنجىشكە، ھەتتا بالىڭىزغا تەنبىھ بېرىشكە ھەقلىقسىز. ئەمما، لايىقىدا تەييارلانغان مۇۋاپىق سوۋغاتنى قوبۇل قىلغايسىز، قەدىرلىگەيسىز، مۇھىمى، پەرزەنتىڭىزدىمۇ كۆڭۈل بارلىقىنى ئۇنتۇمىغايسىز.
|