پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ئاپا، ماڭا ئۇۋال قىلدىڭىز

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-07 00:32 مەنبەسى: «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىر ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەن خۇشال – خۇرام يۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا چىرايىمدىن ھەمىشە كۈلكە كەتمەيدۇ. ئەمما، شۇ قېتىم مەن يىغلىدىم.
تەلەي +1

ئاپا، ماڭا ئۇۋال قىلدىڭىز

 

تاۋشى (باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى)

 

       مەن خۇشال – خۇرام يۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا چىرايىمدىن ھەمىشە كۈلكە كەتمەيدۇ. ئەمما، شۇ قېتىم مەن يىغلىدىم.

      ئۇ كۈنى ھاۋا ئۇچۇق بولۇپ، قۇياش ئەتراپقا نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىۋاتاتتى. مەكتەپتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېتىۋېتىپ ئەما بىر بوۋاينىڭ ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ ئاستا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ يوغان بىر تاشنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى، ئېھتىيات قىلمىسا پۇتلىشپ يىقىلىپ چۈشەتتى. مەن ئىختىيارسىز: ‹‹بوۋا، دىققەت قىلىڭ!›› دېگىنىمچە يۈگۈرۈپ بېرىپ، بوۋاينى قولتۇقلاپ تۇتۇۋالدىم. مەن ۋاقىتنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئۇنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويدۇم.

      ئۆيگە قايتقاندا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى. ئاپام مېنى كۆرۈپ خاپا بولغان ھالدا: ‹‹ئەمدى قايتىپ كەلدىڭمۇ، ھەقاچان ساۋاقداشلىرىڭ بىلەن ئويناپ كەلگەنسەن؟›› دېدى. مەن چۈشەندۈرەي دەپ ئېغىزىمنى ئېچىشىمغا ئاپام بىر كاچات سېلىپ: ‹‹كېلەر قېتىم يەنە كەچ قايتىپ كەلسەڭ تاماق يوق›› دېدى.

      ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلىقىمدىن كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش ئاقتى. ئاپا، مېنى چۈشەنمەيدىكەنسىز، مەن ئارىمىزدا ئۆزئارا چۈشىنىشنىڭ بولۇشىنى، ئىشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئاندىن يەكۈن چىقىرىشىڭىزنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.

      شۇ قېتىم، مەن يىغلىدىم ھەم كۆڭلۈم يېرىم بولدى.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغرىمۇ [ 2012-01-07 01:11:16 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئۈرۈمچىدە 81 قانۇنسىز تەربىيەلەش مەركىزى ئەمەلدىن [ 2012-01-07 01:08:05 ]
[تارىخى بىلىملەر] خەلقىمىزنىڭ نادىر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى قۇتقۇزۇش ئى [ 2012-01-07 01:05:25 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلاردىكى ئادەت خاراكتېرلىك قۇسۇش كېسەللىكى [ 2012-01-07 01:03:55 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] دۇمچەك بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم [ 2012-01-07 01:02:14 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] چەت ئەللەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بايراملىرى [ 2012-01-07 01:00:26 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلار ۋە ئالتە خىل يېمەكلىك [ 2012-01-07 00:56:32 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] بالىلارنى چۈشىنىش بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا [ 2012-01-07 00:53:25 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] دادامغا سۆز [ 2012-01-07 00:36:47 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئاپا، ماڭا ئۇۋال قىلدىڭىز [ 2012-01-07 00:32:04 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر