![]() |
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «روژدېستۋا» نومۇسسىزلىقى پەرھات مۇھەممەتئىمىن ئادەتتە جەمئىيەتتە تۈرلۈك تۈمەن ھادىسىلەر پەيدا بولىدۇ. بەزىلىرى شۇ جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي قېنىدىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنىڭ سەۋەبىدىن شەكىللەنسە ، بەزىلىرى شۇ جەمئىيەت ئىچىدىكى قىسمەن ئادەملەرنىڭ ھېچنىمىدىن نومۇس قىلماي دوراش ياكى قارىغۇلارچە دۈم چۈشۈپ ئۆزىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەڭ مۇھىمى ئېتىقادىنى ئۇنتۇشى بەدىلىگە شەكىللىنىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر قانداق جەمئىيەتتە ھەم ئىجابىي ئۆزگىرىشىلەر شۇنداقلا سەلبىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەر ۋاقىت تەڭ شەكىللىنىشى تەبىئىي ئەھۋال. ئەمما بىز بۇ يەردە مۇنداق بىرخىل ئۆزگىرىشنى ئىنتايىن چېكىدىن ئاشقان نومۇسسىزلىق دەپ قارايمىز. ۋە بۇنداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا كۈچ چىقارغان ۋە قاتناشقان كىشىلەرنى ماھىيەتتە ھەقىقىي تۈگەشكەن ۋە چوڭ خىيانەت قىلغان ، ئەڭ بىچارە، نومۇس ئېڭى يوق ئاجىز كىشىلەر دەپ قارايمىز. يەنى بۇنىڭ تەبىرى شۇكى بۇنداق بىچارە سۈپەت نومۇسسىزلارنىڭ پەيدا بولىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئۆزىنىڭ ۋە ئەتراپىدىكى ئۆز قوۋمىنىڭ ئېتىقادىدىن خەۋەرسىزلىكى ياكى ئېتىقادىنى ھېچنىمىگە تەڭ قىلمايدىغان چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ياكى بولمىسا ئېتىقادنى گويا بىر نەرسىگە ئوخشىتىپ ئۆزىگە ھەقىقىي يېتەكچى قىلمايدىغان خىيانەتكارلىقى سەۋەب بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئادىمى خىسلىتنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولىدىغان ھەقىقىي مەنبە-چىن ئېتىقاد يوق بولغاچقا ، ئۇلاردا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرىدىغان ۋە يىرگەندۈرىدىغان نامۇۋاپىق پائالىيەت ۋە خىيانەتنىڭ كۆرۈلۈشى تەبىئىي بولىدۇ. ئەمدى باشقىلار يۇقىرىقىدەك پوزىتسىيەنى كۆرۈپ مېنى دەرھال سەل ئاشقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ ياكى باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلىدىغان ئىبارىلەرنى ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن بېشىدا چۈشەنچە بېرەيكى ، مەن بۇ يەردە قانداقتۇر ئاشقۇنلۇق ياكى باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چۈشەكەش نىيىتى بىلەن ئەتەي گەپ قىلىۋاتمايمەن. پەقەت جەمئىيتىمىزدىكى مۇشۇنداق ئىنتايىن بىنورمال ھادىسە سۈپىتىدە پەيدا بولۇۋاتقان چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بىر ھادىسىگە نىسبەتەن پىكىر قىلىۋاتىمەن. شۇڭلاشقا مېنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتىۋاتقىنىم دەل ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە ئەدەپ كىتىۋاتقان روژدېستۋا قىزغىنلىقى بولۇپ ،بۇ ھال ،بۇخىل قىزىقىش مېنى تەبىئىيلا بۇ ھەقتە ئۆزۈمنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەشكە سەۋەب بولدى خالاس. ئېلىمىزنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان سىياسىتى ئىنتايىن ئادىل ۋە باراۋەر بولۇپ، ئېلىمىزدە كۆپ مىللەت ۋە كۆپ خىل ئېتىقاد شەكلىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، بۇنى ھەم مەن ياخشى چۈشىنىمەن. ئەمدى بۇ خىل سىياسەت ۋە قانۇننىڭ شەكىللىنىشىدىكى تۈپ نەزەرىيىۋىي ئاساس شۇكى -بىزنىڭ دۆلىتىمىز بىرىنچىدىن قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان چوڭ دۆلەت، ئىككىنجىدىن دۆلىتىمىزدە كۆپ مىللەت ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت شۇنداقلا ئېتىقاد شەكلنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۈچىنچىدىن ئېلىمىزنىڭ سىياسى پىروگراممىلىرى ۋە تۈزۈلمىلىرى تامامەن ئاممىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تۆتىنچىدىن ئېلىمىز چوقۇم مەدەنىي بولغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ ھەممە مىللەت ۋە بارلىق پۇقرالارنىڭ بۇ دۆلەتتە ئىنتايىن باراۋەر ھالەتتىكى پۇقرالىق ۋە گىراژدانلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بەشىنجىدىن يېڭى دەۋرىدە مەدەنىيلىشىش ۋە تەرەققىي قىلىش تامامەن ئادەمنى ئاساس قىلىش ۋە ئىلمىي تەرەققىيات كۆز قارىشىنى تىكلەش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ. بىز مۇشۇ نۇقتىلاردىن مۇنداق بىر يەكۈنگە كېلىمىز، ئادەتتە بىزنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىمىز ۋە پائالىيتىمىز پەقەت مۇشۇ خىل ئۆلچەم ۋە لىنىيەگە زىت كەلمىسىلا ، بىزنىڭ بارلىق ھادىسىلەر ۋە مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر قىلىش ئەركىنلىىمىز ۋە ھوقۇقىمىز دەل ئېلىمىزنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ۋە قوغدىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئەمدى ھەممىگە ئايان بىر خىل ھەقىقەت بار. يەنى بىر جەمئىيەتتىكى ئاۋامنىڭ ھاكىمىيەت ئىرادىسىگە ماس كېلىشتە ئەڭ مۇھىم بولغان بىر ئاساسلىق نېگىزلىك شەرت شۇكى- ئۇ چوقۇم دۆلەت قانۇن - پەرمانلىرىغا ۋە تۈزۈلمە سىياسەتلىرىگە ياخشى بويسۇنۇش ۋە ئىتائەت قىلىش ئەڭ مۇھىم. يەنى قانۇنىي ئاڭ. بۇ يەردە قانۇنىي ئاڭنى يېتەكلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئەخلاق ، ئەمدى بۇ خىل ئەخلاقنىڭ يېتىلىش مەنبەسى بولسا دەل ئېتىقاد. شۇ ۋەجىدىن بىر مىللەتنىڭ ئىتىقادى چوقۇمكى ھەر قانداق مۇھىم بىر ئىشنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ ئالدىنقى شەرت. دېمەك ئېتىقاد ئۇقۇمىنى ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈش ۋە بۇنىڭدىن تايماسلىق ماھىيەتتە تېنچ بولغان بىر ئەلنىڭ ئەڭ چوڭ تۈۋرۈكى .شۇنداق بولغانىكەن، بىز بۇ ئىتىقاد مەسىلىسىگە ئىنتايىن سەزگۈ ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك. يەنى ھەممىنى پەقەت يۈزەكى چۈشەنمەستىن ،بەلكى ،ئۇنىڭ تەگ مەنبەلىرىگە ۋە يىلتىزىغا تولىمۇ ئەھمىيەت بىرىش ۋە ھەقىقى تايماي ئەمەل قىلىش كىرەك. مەن يۇقۇردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن روژدېستۋا ئۇقۇمى بولسا ، بىزنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە ئەمەلىيىتىمىزدە شەكىللەنگەن ئېتىقادىمىزغا كەلتۈرۈلگەن چوڭ بىر ھاقارەت ۋە يۈكسەك ئېتىقاد ئاساسىغا ئىگە بىر ئەل ئىچىدىن چىققان ھازىرقى زامان ۋارىسلىرىنىڭ ئىدىيەسىدىكى قوبۇل قىلغۇسىز بىرخىل ئېچىنىشلىق ھال. ئەمدى ھەممىگە مەلۇم بولغايكى كەمىنە بۇ يەردە قانداقتۇر بىر دەۋەت سۈپىتىدە بىرەر ئىشنى چۆكۈرۈپ ياكى ئۇنى ئىنكار قىلىپ باشقا بىر مەقسەتكە يەتمەكچى ئەمەس ، پەقەت ماركىسىزىملىق تارىخ ۋە ئېتىقاد قارىشىنىڭ ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسى مەزمۇنى ئېتىقاد- بىر مىللەتتە ئۇزاق تارىخى كەچمىشنىڭ ۋە ئۇ يىتىلدۈرگەن قاراشنىڭ ئەڭ چوڭ ئاساسى ۋە ھەقىقى دۇنياغا مۇئامىلە قىلىشتىكى ئۆزگىچە شەكلى. ئۇ بىر كۈندە پەيدا بولغان ياكى بىر قانچە كۈندە يوقىلىدىغان ھادىسە ئەمەس دىگەن قارىشىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان خەلقىمىز ئېتىقادىغا نىسبەتەن بارلىققا كېلىۋاتقان خىرىسنىڭ ھەقىقىي كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىرخىل تەنقىدىي پوزىتسىيە، شۇڭا ماڭا ھەر قانداق كىشىنىڭ بىرەر نام ياكى تون پىچىشى تامامەن ھاجەتسىز، ھەم ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۇنداق قىلىشى چېكىدىن ئاشقان بىمەنىلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق. شۇڭا مەن بۇ يەرد بۇنى كۆرگەن دوستلىرىمىزغا تەكىتلەيمەنكى ، تتمىغا قاراپلا دىققەتنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىغا قاراتماي ، ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان پىكىر مەزمۇنى ۋە بۇخىل ھادىسە ئەھۋالىغا نەزەر سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تېمىغا كىرىشتىن بۇرۇن مۇنداق تېما ھەققىدە ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن. ئەسلىدە ھازىرقى جەمئىيىتىمزدىكى قىسمەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەدەپ كېتىۋاتقان ئاتالمىش روژدېستۋا قىزغىنلىقىغا قارىتا قاتتىق پاكىت ئاساسى ۋە بۇنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدىكى مەزمۇنلاردا چوڭقۇرراق بىر تەتقىق سۈپىتىدىكى ئەمگەكنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى بەك ئۈمىد قىلغان ئىدىم. ھەم بۇ مۇنبىرىمىزدىكى ئەڭ يىقىن بىر قانچە قېرىندىشىمىزنىڭ تەلىپى ئىدى. ئەمما ئىشلارنىڭ ئالدىراشلىقى ۋە بەزى بىر شەرت-شارائىتنىڭ تازا ماس كەلمەسلىكى ،قىسقىسى بىۋاستە كىرىپ ماتىرىيال توپلاشنىڭ يىتەرسىز بولۇشى سەۋەبىدىن ، مەسلىگە ئومۇمىي جەھەتتە ھېس قىلغان قاراشلىرىمنى ئىزاھلاش بىلەن چەكلىنىپ قالدىم، (ئەمما مەن بۇ جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇرراق ئىزدىنىمەن).شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇنى توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەم تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن بۇخىل ھادىسنىڭ تەسىرى ۋە ئېنىقلىمىسى ھەققىدە ئاددىي بولسىمۇ ئورتاقلاشماقچىمەن. -1 « روژدېستۋا » ئۇقۇمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھېچقانداق بىر تارىخىدا كۆرۈلگەن ياكى ئىشلىتىلگەن ئۇقۇم ئەمەس، بۇخىل ئاتاق ھەم مىللىتىمىزنىڭ ھېچقانداق بىر ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بۇلۇپمۇ ئاتالمىش « روژدېستۋا » بايرىمى ۋە تەبرىكلەش دېگەندەك ھادىسلەرمۇ چېكىدىن ئاشقان خاتا ھالەتتىكى تەسىرى ئېغىر پىتنە پاسات ياكى تەسىرى ناچار ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ پەقەت ھەقىقىي بىر ئېتىقاد ئاساسىغا ئىگە خەلق ئۈچۈن پەيدا بولغان يېڭىچە نومۇسسىزلىق قىلمىشى خالاس. تارىخ بېتىنى ۋاراقلايدىغان بولساق بىزنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىمىز ۋە تونىشىمىز شۇنداقلا ئەخلاق قارىشىمىز ، شۇنداقلا جەمئىيەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تۈزۈلمىمىز مىڭ يىللار مابەينىدە ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ۋە ئىسلام دىنىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى بويىچە شەكىللەنگەن ۋە شۇ بويىچە بۈگۈنگە قەدەر يىتىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن بىز بۇ يەردە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۆپ سانلىق خەلقنىڭ ئېتىقادى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بۇنداق ئېتىقاد توقۇنىشىغا سەۋەب بولىدىغان، يات قىلمىشىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ياكى ئۇنىڭ ۋارىيانتلىرىنى خاتىرلەشنىڭ ھېچقانداق زۆرۆرىيىتى يوق ۋە قەتئىي يولى يوق. ئوبدان ئەسلەيدىغان بولساق، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 100يىل بۇرۇن شىۋىتىسيە مىسسىئونىرلىرىنىڭ شۇنچە قاتتىق كۈچىشىمۇ قەتئىي كۈچ كۆرسىتەلمىگەن. ئەكسىچە مەغلۇپ بولغان. بۇ خىل مەسىلە پەقەت شۇنىڭدەك تەكرار مەغلۇبىيەتتىن باشقا ئىش ئەمەس. ھەم ۋىجدان كۆزىمىز بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساقمۇ ، بۇنداق ئۆز ئىختىيارىم دەپلا ئۆز ئەجدادلىرى مىڭ يىللار مابەينىدە بېسىپ كەلگەن يولدىن تېيىش نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ئۇ پەقەت نومۇسسىزلارچە ئۆزىگە ۋە ئۆزلۈكىگە قىلىنغان خىيانەت سانىلىدۇ . -2 بۇخىل قىلمىش بىلەن قانداق ئادەملەر مەشغۇل ؟ نىمە ئۈچۈن بۇخىل قىلمىش ۋە قىزىقىش شەكىللەندى؟ مەن بۇ جەھەتتە چۇڭقۇرراق تەكشۈرۈپ چىقالمىغاچقا بۇنىڭ ئاساسى سەۋەبىنى تۇلۇق ئىزاھلاپ كېتەلمەسلىكىم مۇمكىن. ئەمما مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بۇنىڭدا بەزىلىرى مەنپەئەت دەپ تاللىسا ، بەزىلىرى شۇخىل ئەل ۋە كىشىلەرگە زىيادە چوقۇنۇش ۋە ئۇنىڭ پوقىنىمۇ ئالتۇن ھەسەل دەپ سۈمۈرۈش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى تازا ئويلاپ يىتەلمەسلىك سەۋەبىدىن تاللىغان، ئەڭ مۇھىمى شۇ قىزغىنلىق يېتىلگەن ئەقىدە ،ئىدىيە ، شۇنداقلا قەلب، قاراڭغۇ بولغان بىر خىل مۇھىتتا يىتىلگەن ئادەملەر مەشغۇل دەپ قارايمەن. ئەمدى شەكىللىنىش سەۋەبىگە كەلسەك ، بۇ ئىشلارغا جەمئىيەت ئىنكاسىنىڭ سۇسلىشىشى ، ئەۋلاتلارنى يىتەكلەشنىڭ بىر پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ۋە ئەجدادلارنىڭ قارىشى بويىچە يېتەكلەنمەسلىكى ، شۇنداقلا پەرزەنتكە ھامىيلىق قىلغۇچىنىڭ تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكى، شۇنداقلا ئىلىم بىلەن ئۆزىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشنىڭ يېتەرسىز بولۇشى، شۇنداقلا، ھەقىقىي ئىتىقاد تونۇشىنىڭ يىتىلمەسلىكى سەۋەبىدىن كىڭىيىۋاتقان دەپ قارايمەن، ئەمدى ئارتۇق بولسىمۇ سوراش لازىمكى- بۇ يەردە مۇشۇنداق تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر نىمە ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلمىدى؟ھەم تونۇپ يەتمىدى؟ بۇ ئىشتا بىزدىكى نومۇس ۋە ئېتىقاد تونۇشى زادى نەگە كەتتى؟ ئەجىبا سىز نېمە دەپ كۆزىڭىزنى قارىغۇلارچە ئېتىۋېلىپ ئىشەك سۈپەت بولۇپ قالدىڭىز؟ -3ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىش كىرەك. ئەمما ئۆز ئىختىيارىم دېگەن ئۇقۇمنى ئادەمنى تىرەپ تۇرىدىغان ئېتىقاد ئۇقۇمىغا ئارىلاشتۇرماسلىق كىرەك.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەركىنلىك دېگەنلىك ئۆز ئىختىيارىم دېگەن تار مەنىلىك گەپ ئەمەس. خەنزۇ خەلقى نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە كۇڭزى ئېتىقادىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەن. يېڭى دەۋىرىدىكى ئېلىمىزگە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلمىسىدا يىتەكچىلىك قىلىنىۋاتقان ئېتىقاد بولسا ،ماركىىسزىم، لېنىنىزىم، ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسى شۇنداقلا يېقىنقى زامان دىڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيىسى شۇنداقلا ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيىسى بىلەن ئىلمىي تەرەققىيات قارشى. زاڭزۇ خەلقنىڭ ئېتىقادى بولسا لاما دىنى ۋە ئۇنىڭ قارىشى، ھىندىلارنىڭ بۇددا دىنى، ھېچقانداق دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ھەم بار، ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئېتىقادى بولسا ئىسلام دىنى. رۇسلارنىڭ بولسا كاتولىك دىنى قارمىقىدىكى پىراۋىسلىيە دىنى. ئىنگىلىزلار شۇنداقلا ياۋروپادىكى كۆپ مىللەتنىڭ ئېتىقادى خىرىستىيان دىنى .. دېمەك ھەممە مىللەت ۋە تەشكىلات ۋە ئەلنىڭ ئېتىقادى بار. بۇ ھەممىزگە ئايان بولغان بىر ھەقىقەت. بۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىك. ھەم بۇخىل ئەركىنلىك قەتئىي ھۆرمەت قىلىنىشى بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمدى بىر خىل جەمئىيەت ۋە شۇ جەمئىيەتتىكى ئاۋام شۇ خىل ئېتىقادنىڭ قاتتىق يېتەكلىشى بىلەن بۈگۈنگە ئۇلاشقان. بولمىسا بۇنى ئىتىقاد دىمىسىمۇ بۇلىدۇ. ئىتىقادنىڭ ئەڭ چوڭ مەنىسى ئىشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش دىگەنلىك بولغاچ، ئۇ شەكسىز ئىشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئېلىمىز خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىنغان ھەقىقى تەرەققىياتىنى كۆرۈشتە خالىغانچە كرزس خاراكتېرلىك پائالىيەت ۋە ئۇقۇملارنىڭ ھەر قانداق بىر يىرىگە يېقىن كەلمەسلىكىمىز كېرەك ھەمدە ھەقىقى مەيدانىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. بۇ خىل ھادىسىنى ھەم ئېلىمىز سىياسەت قانۇنلىرى شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ئەخلاق، ئېتىقاد ئۆلچەملىرى تامامەن قوللايدۇ. شۇڭلاشقا « روژدېستۋا» بايرىمى ۋە خاتىرىلىرى دېگەنلىك بىر خىل يېڭىچە نومۇسسىزلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس.
|