قانداق قىلغاندا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى مۇستەقىل ئىشلەش ئىقتىدارىنى
يىتىلدۇرگىلى بولىدۇ؟
ھازىر 21-ئەسىر ۋەزىيەت ئۇچقاندەك تەرەققى قىلۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتتە كىشلەر ۋاقىت دىمەك پۇل دىمەكتۇر. ۋاقىت ھەممىدىن قىممەت دەپ قاراپ باي، مۇقىم ، خاتىرجەم ياشايدىغان ۋەزىيەت بەرپا قىلش ئۈچۈن ھەممە كىشلەر ئىزدەنمەكتە. لىكىن بەزى ئۇقۇتقۇچىلار بۇ تەلەپتىن بەكمۇ يىراقتا. ھازىر ئۇقۇغۇچىلارنىڭمۇ ۋەزىپىسمۇ ئىغىر. بۇرۇن ئاساسلىق پەنلەردىنلا تاپشۇرۇق بىرلەتتى. لىكىن يىقىنقى يىللاردىن بىرى ھەممە پەنلەردىن ئاساسەن تاپشۇرۇق بىرىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئەتىگەندە كىلىپ تازلىق قىلىدۇ. 8 سائەت دەرىس ئوقۇيدۇ. شۇ كۈنى ئوقۇلغان دەرىسلەردىن تاپشۇرۇق بىرىلىدۇ. تاپشۇرۇقنىڭ ھەممىسى كۆپ، سالمىقى ئىغىر بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار بىر- بىردىن كۆچۈرۈپ ئىشلەيدۇ. بەزىدە خىزمەت تەكشۈرۈشلەر بولغاندا ئانچە قىتىم، مانچە قىتىم دەپ سانالغان بولغاچقا بەزىدە ئىشلەپ بەرسەكمۇ يازغىلى خوشياقماي ئىشلىمەيدۇ. دەرىستە ياخشى بالىلار ئالدىن ئىشلەپ بولسا ، باشقىلار شۇنىڭدىن كۆچۈرۈپ ئىشلەپ قويىدۇ- بۇ توغرا ئادەتمۇ؟ تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ۋاختىدا ئىشلەش ئىختىدارىنى يىتىلدۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك؟ تاپشۇرۇقىنى ئازراق ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كىلىدىغان، ئويلاندۇردىغان، مۇلاھىزە يۇرگۈزىدىغان مەزمۇنلاردىن تاپشۇرۇق بىرىلسە، كۆچۈرمەي مۇستەقىل ئىشلىسە ، ئۇقۇتقۇچىلارمۇ بالىلارغا تەكشۈرتمەي جاپا تارتسىمۇ ئۆزى تەكشۈرۈپ تۈزەتسە، ياخشى بولغان تەرەپلىرىنى ماختاپ، كەم قالغان تەرەپلىرى بولۇپ قالسا كۆرسۈتۈپ بەرسە، ئۇقۇغۇچىلارمۇ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىزدەنسە ئۇقۇغۇچىلاردا ھەقىقى بىلىمگە ئىگە ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. بەزىدە ئۇقۇغۇچىدەك نىمىنى ، ئوقۇغۇچى دىگەن ئوسال نىمە؟ دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمىدا بەزىدە جىم بولۇپ قالىمەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىمۇ خىلى ۋەزىنىلىك سۇئاللارنى سورايدىغان، ئەمەلى بىلىم ئىلىشقا تىرىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بار. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارغا ئەمەلى كۈچىمىز ئارقىلىق ئۈلگە بولىشىمىز ، مەدەت بىرىپ توغىرا يولغا باشىلىشىمىز كىرەك. چۈنكى كۈن ئۆتكۈزۈش كويىدا بولىدىغان، تاپشۇرۇقىنى مۇستەقىل ئىشلىمەيدىغانلارنىڭ سانى ئاز بىر قىسىم ساۋاقداشلاردۇر. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|