پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسەئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان 10 خىل ئو

يوللانغان ۋاقتى: 2011-05-19 13:11 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرۇدىغان ئون خىل ئوقۇتقۇچىلار .1 مۇۋاپىق قاتتىق تۇتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ خىل

ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرۇدىغان ئون خىل ئوقۇتقۇچىلار

 

.1 مۇۋاپىق قاتتىق تۇتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار
بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلار سىنىپنى رىتىملىق، تەرتىپلىك باشقۇرىدۇ، ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ياخشىكۆرۈشىگە ئېرىشىدۇ. بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان باسقۇچتا تۇرغاچقا، بۇنداق ياكى ئۇنداق كەمچىلىك ۋە خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ، شۇڭا چوقۇم ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەت ئۆلچىمىبويىچە ئۇلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇش ھەم ئۇلارنىڭبۇنداق كەمچىلىك-خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارغا كەمچىلىك، خاتالىقلىرىنى تۈزۈتۈۋېلىشكە ۋاقىت ۋەپۇرسەت بېرىش كېرەك، ئۇلارنى قارا-قويۇق تەنقىتلەپ، جازالاشقابولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
.2
ئانىغا ئوخشاش كۆيۈنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار
بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ياش ئايال ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالا تەربىيىلەشتەجرىبىسى ۋە كەچۈرمىشى بولۇپ، بىر بالىنى چوڭقىلىشنىڭ جاپالىقلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش ۋە سەۋرچانلىق قىلالايدۇ. ئوقۇغۇچىلار قەلب سۆزلىرىنى ۋە كۆڭۈلسىزلىكلىرىنىبۇنداق ئوقۇتقۇچىلارغا ئېيتالايدۇ، ھەم بۇ ئوقۇتقۇچىلاردىن رازىبولغىدەك جاۋاب ۋە كۆرسەتمىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا، ئۇلاربۇ ئوقۇتقۇچىلارنى بەك يېقىن ھېس قىلىدۇ، ھەم گېپىنى ئاڭلايدۇ.
.3
پراكتىكا ئوقۇتقۇچىلار
بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلار پراكتىكا باسقۇچىدا بولغاچقا، ئۆگەنگەن مائارىپ نەزەرىيىلىرىنى ئەمەلىيەتتەئەمدى ئىشلىتىۋاتقان، تەربىيىلەش ئادەتلىرىنىڭتەسىرىگە ئۇچرىمىغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يېشى ئوقۇغۇچىلارغا يېقىن بولۇپ، ئاكا-ھەدىلىرىدەك بىلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئوقۇغۇچىلار بىلەن چىقىشىپ كېتەلەيدۇ. ئۇلار ئۆز مەكتىپىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىدلەشكە ياكى جازالاشقاپېتىنالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىمتىھانلىرىغا مەسئۇل بولمىغاچقا، ھەم دەرس سائىتى ئاز بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلاربىلەن كۆپرەك بىللە بولالايدۇ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئويناشنىخالايدۇ. شۇڭا تەبئىيلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارشىئېلىشىغا ئېرىشىدۇ، كەتكەندىن كېيىنمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنى ئەسلەپ، ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ.
.4
ئەپۇچان ئوقۇتقۇچىلار
بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭلى-قارنى كەڭ بولۇپ، باشقىلارنى توغرا چۈشىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەمچىلىك، خاتالىقلىرىغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى تەسىر بېرىدۇ. مەسىلەن: بىرئوقۇغۇچى ئەدەبىيات دەرىسدە رەسىم سىزىپ ئولتۇرغان بولسا، بۇنداق ئوقۇتقۇچى ئۇ ئوقۇغۇچىغا رەسىم سىزىشقا ۋاقىت ۋە ئورۇننى خاتا تالاپ قويغىنىنى كۆرسۈتۈپ بېرىپ، مۇۋاپىق ۋاقىتلاردا، مۇۋاپىقئورۇندا ئۆز قىزقىشىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى جارىقىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
.5
ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيىدىغان كېلىشكەن ئوقۇتقۇچىلار
كېلىشكەن ئەر ئوقۇتقۇچىلارنى، ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئۈلگىسى دەپ قارايدۇ، لېكىن ئالدىنقى شەرت ئۇلار بىلەنچىقىشالىشى كېرەك. كېلىشكەن، ھەم دەرسنى ياخشىئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى، ئوقۇغۇچىلار قابىلىيىتى بار دەپ چوقۇنىدۇ.
.6
مۇلايىم، چىرايلىق ئوقۇتقۇچىلار
ياش ئايال ئوقۇتقۇچى چىرايلىق ھەم كىيىمى رەتلىك، مۇلايىم بولۇپ، ئاۋازى يېقىملىق، دەرسنى جانلىق، ئىپادىلىكئۆتىدىغان بولسا، ئوقۇغۇچىلار بۇنداق ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقائامراق بولىدۇ.
.7
قىزىقچى، يۇمۇرلۇق ئوقۇتقۇچىلار
بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى دائىم كونكىرىتنى جانلىق ۋەقەلەر ئارقىلىق باشلاپ، سىرلىق، چوڭقۇر بىلىملەرنىچۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارھارغىنلىق ھېس قىلغاندا قىزىقارلىق يۇمۇرلۇق سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى جانلاندۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە قىزغىنلىقىنىقوزغاشقا ئالاھىدە ماھىر كېلىدۇ.
.8
كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچىلار
بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئىقتىسادى قىيىنچىلىق بار ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە مۇھابىتى كەمچىل بولغان ئوقۇغۇچىلارغائالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. دائىم تاماق ئالالمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيىگەباشلاپ بېرىپ، تاماق ئېتىپ بېرىدۇ، ئۆز بالىلىرىنىڭكىيىملىرىنى ئىقتىسادى قىيىنچىلىق بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىشىگە بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن ئوقۇغۇچىلار چوڭقۇر تەسىرلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىغا چەكسىز ھۆرمەتتە بولىدۇ.
. 9
ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، دېگىنىنى قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار
بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولىدۇ. ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىشنى، ئاۋال ئۆزى قىلىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنى قىلىپبولالمىغان ئىشىغا زورلىمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا ئادەم بولۇشنى ئۈگەتسە، ئۆزى ياخشى ئادەم بولۇشقا تىرىشىدۇ.
.10
ھەقىقىي قابىلىيەتلىك ئوقۇتقۇچىلار
بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى بەكمۇ يۇقىرى بولۇشىناتايىن، لېكىن ئۇلار تىرىشىپ ئۈگىنىدىغانلاردىن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغابىر ئىستاكان سۇ بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىدە بىر چىلەكسۇ بولۇشنى قىبلىنامە قىلغان. بۇ پەقەت بىلىم جەھەتتىلا ئەمەس، يەنە ئادىمىۋىلىكى، جەلىپكارلىق جەھەتتىمۇ كۆرۈلىدۇ.

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مەشھۇر شەخىسلەر] بۈيۈك ئۇيغۇر ماتېماتىكى _ مۇھەممەت [ 2011-06-15 11:58:12 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى [ 2011-06-15 11:56:12 ]
[تارىخى بىلىملەر] لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇچقۇنلار ئى [ 2011-06-15 11:53:27 ]
[خەنزۇتىلى] باشلانغۇچ 4-يىللىق خەنزۇتىلى تەييا [ 2011-06-14 17:31:05 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئاتا-ئانىلارنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە پە [ 2011-06-14 13:31:53 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى [ 2011-06-14 13:30:23 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدە [ 2011-06-14 13:26:45 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلاردا بەلباغ مەدەنيىتى [ 2011-06-14 13:20:54 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئۇيغۇر كالىندارچىلىقى [ 2011-06-14 13:18:47 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] جىددى ئۇقتۇرۇش ۋە ئەسكەرتىش [ 2011-06-14 12:48:09 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر