مۇئامىلە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى كۆپ ئامىلنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىگە باغلىق.شۇڭا،ئوقۇتقۇچىلار،بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرلىرى ھەر قايسى ئامىللارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان تەسىرىنى ئوبدان چۈشىنىشى لازىم.چۈنكى،ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا ئوخشاش بولمىغان مەسىللەرنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى تەبىئىي.ئۇنداقتا،بۇ خىل مەسىللەرگە ئوقۇتقۇچى،بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرلىرى قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك؟ ھەممىمىزگە مەلۇم،سىنىپ مۇدىرى سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ئويۇشتۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى،مەكتەپ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ تايانچىسى.بالىلارنىڭ ئەقلىي،ئەخلاقى ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن يېتىلىشىمۇ سىنىپ مۇدىرى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگگ باغلىق.شۇڭا،سىنىپ مۇدىرى خىزمەتلەردە ھوشيار بولۇشى،ئۆزىنىڭ رولىنى ھەر ۋاقىت تولۇق جارى قىلدورۇشى كېرەك.بولۇپمۇ،ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا،سىنىپ مۇدىرى ئالدى بىلەن مەسلىنىڭ مەنبىئىنى تەكشۈرۈشكە ماھىر بولۇشى ھەمدە مەسلە سادىر قىلغۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى سوغۇققانلىق بىلەن تەتقىق قىلىشى،ئالدىراپ جازالىماسلىقى ۋە كەمسىتمەسلىكى،ئىلاجى بار تەربىيە ئىشلەش ئوسۇلىنى تاللاپ،ئۇنى قۇتقۇزۋېلىش تەرىپىدە بولۇشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرى خىزمىتىنى ئۇزاق مەزگىل ئىشلىگەن پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى مۇنداق مەسلىگە يولۇقۇپتۇ:ئىشخانىسىدا ئولتۇرسا،سىنىپىدىكى بىر قىز ئوقۇغۇچى ئىشىكنىمۇ چەكمەستىن ئالدىغا ئوقتەك كىرىپ نېمىگىدۇر«پاڭڭىدە»يىغلىۋېتىپتۇ.ئارقىدىن ئۇ يەنە شۇنداق تىزلىك بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ روخسىتىسىزلا چىقىپ كېتىپتۇ.ئوقۇتقۇچى ئالدىدىكى ماتىرىيالىنى تاشلاپ دەرھال سىنىپقا كىرىپتۇ. -ھۆرمەت! سىنىپ باشلىقىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئورنىدىن تورۇپ ئوقۇتقۇچىسىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ. ــ ئولتۇرۇڭلار! ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇپ،دېققىتىنى ئوقۇتقۇچىسىغا تىكىپتۇ.سىنىپ ئىچى سۈكۈتكە چۆمۈپتۇ.لىكىن بايقى قىزنىڭ مىشىلىدىشى سىنىپنىڭ تىنچلىقىنى بۇزۇپتۇ.شۇ ئەسنادا بىر ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ روخسىتىسزلا ئورنىدىن تۇرۇپ،سىنىپتا بولغان ئىشلارنى ئوقۇتقۇچىغا چۈشەندۈرۈپ،ئوقۇتقۇچىسىنى گاڭگىراشتىن قۇتۇلدۇرماقچى بوپتۇ.بىراق،ئوقۇتقۇچى ئۇنى ئولتۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ.ئارقىدىن سىنىپ باشلىقىنى تۇرغۇزۇپ،ئۇنىڭدىن بايا سىنىپتا بولغان ئەھۋالنى سوراپتۇ. سىنىپ باشلىقى بولغان ئىشلانى تەپسىلىي ئوتتۇر ىغا قويۇپتۇ.لېكىن،ئوقۇتقۇچى سىنىپ باشلىقىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ،ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بوپتۇ ھەمدە قاتتىق ئازابلىنىپتۇ.چۇنكى،ئۇ سىنىپىدا مۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى زادىلا ئويلىمىغانىكەن.بىراق بولغۇلۇق بوپ بولغاندا قانداق قىلغۇلۇق؟ ئوقۇتقۇچى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ،ئۆتۈپ بولغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە بىر ئاز ئويلىنىپتۇ.ئارقىدىن ھىچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە ئوقۇغۇچىلارغا كۆز يۈگۈرتۈپتۇ.شۇ ئارىدا ئۇنىڭ كۆزى بىئاراملىقتىن ئۆزىنى قۇيدىغانغا يەر تاپالمايۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىغا چۈشۈپتۇ ھەم بۇ ئىشنى ئۇنىڭ قىلغانلىقىغا،ئىسمىنى چاقىرسىلا ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئالدىدا ئوسال بولىدىغانلىقىغا جەزىم قىپتۇ.لېكىن،ئۇنى كۆپچىلىك ئالدىدا شەرمەندە قىلىشنى،ئوبرازىغا داغ كەلتۈرۈشنى خالىماپتۇ.ئەكسىچە،ئۇنى مۇمكىنقەدەر قوتقۇزۋېلىش ئويىدا سەمىمىي قىياپەتتە: ـــ ساۋاقداشلار،سىلەر بۇ قېتىم يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا پۇل ئىئانە قىلماقچى بولدۇڭلار،شۇنداقمۇ؟ـــدەپتۇ. ـــ شۇنداق،ـــ دەپتۇ ئوقۇغۇچىلار بىردەك. ـــ توغرا،سىلەر رازىلىقىڭلار بىلەن شۇنداق قىلدىڭلار،بۇ قوللاشقا تېگىشلىك ياخشى روھ!ئىشىنىشىمىز كېرەككى،مۇنداق خاسىيەتلىك ئىشلارغا يامان كۆزىنى سالىدىغان قولى ئەگرى بالا ئەسلا يوق!شۇڭا سىلەر بايىقى پۇل پۇل توغرلۇق چاخچاق ئىشىغا،يەنە كىلىپ 20نەچچە يۈەن پۇل ئىشىغا ئارتۇقچە باش قاتۇرماي ئۆگىنىشىڭلارنى قىلىڭلار،ـــ دەپتۇ. ئوقۇتقۇچى بۇ ئىشنى ئەنە شۇ خىل ھۆكۈم بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ،سىنىپ ئىچىدە ھىچ ئىش بولمىغاندەك تۇرۇپتۇ.بۇنىڭ بىلەن گۇمانلىق ئوقۇغۇچىمۇ خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ئۆگىنىشىنى قىپتۇ.لېكىن،ھەممە ئوقۇغۇچى دەرىستىن چۈشۈپ ئائىلىسىگە قايتقاندا،بايقى ئوقۇغۇچى قايتماستىن،ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىشخانىسى ئالدىغا كەپتۇ ۋە ئىشىكىنى ئاستا چېكىپتۇ: ـــ كىرىڭ. ئۇ ئاستا كىرىپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئالدىدا گويا جىنايەتچىدەك بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇپتۇ.ئوقۇتقۇچى ئونى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىپتۇ،ئارقىدىن مۇلايىم تەلەپپۇزدا: ـــ بالىلار ئائىلىسىگە قايتقىلى نىكەم،سەن تېخىچە قايتماپسەنغۇ؟ــــ دەپتۇ. ئۇ جاۋاب بېرىش ئورنىغا«پاڭڭىدە»يىغلىۋېتىپتۇ.ئارقىدىن« ـــ بۈگۈن سىنىپتا پۇل ئوغرلاشتەك چاكىنا ئىش يۈز بەردى.بۇنىڭ بىلەن«ئالغان بىر گۇناھ، ئالمىغان مىڭ گۇناھ»دېگەندەك،ئوقۇغۇچىلار بىر-بىرىدىن گۇمان قىلىشتى. نەتىجىدە، ساۋاقداشلار ئارسىدىكى ئىشەنچ،تىنىچلىق بۇزۇلدى،بۇ ئىشقا ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئىزاھات بېرىپ،كەيپىياتنى تىنچلاندۇردىڭىز،لېكىن مەن يەنىلا بىئارام بولدۇم،ئازابلاندىم،راستتىمنى دېسەم،ئىلگىرى قولۇمغا چىققاننى ئالاتتىم.لېكىن ئۇ نادان چاغلىرىمدىكى ئىشلار ئىدى.ئادەم نادان چاغلىرىدا نۇرغۇن ئىشنى بىلىپ-بىلمەي قىلىپ قۇيىدىكەن.بىراق،ئەقىل تاپقاندىمۇ نادان چاغلىرىدىكى بەزى ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن،لېكىن بۇ ۋاقىتتا نومۇس،ئازابتىن قاتتىق قىينىلىدىكەن.مانا مەن نەچچە سائەتتىن بېرى شۇ قەدەر ئازابلىنۋاتىمەن.مىنىڭ مۇنداق ئازابقا قېلىشىم يەنىلا ئاتا-ئانامنىڭ يۇقلۇقىدىن،قىيىنچىلىقىمغا ياردەمدە بولىدىغان بىرەر تۇغقىنىمنىڭ بولمىغانلىقىدىن بولدى.ساۋاقدىشىمدىن ئارىيەت ئالغان پۇلنى قايتۇرۇشقا قۇربىم يەتمەي،پۇل ئوغرىلاپ بۇ ئازابقا قالدىم.مەن شۇ تاپتا ھەممە سىرىمنى سىزگە دېدىم،سىز مىنى قانداق جازالىسىڭىز ھەقلىق،ــ دەپتۇ ۋە يەنىلا مىشىلداپ يغلاشقا باشلاپتۇ.شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچى كۈچلۈك تەلەپپۇزدا: ـــ ياق،ياق!مەن سىنى ھەرگىزمۇ جازالىمايمەن.ئەگەر جازالاشقا توغرا كەلسە،ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى جازالايمەن.چۈنكى،نەچچە يىلدىن بېرى سېىنىڭ سىنىپ مۇدىرىڭ تۇرۇغلۇق،ئەھۋالىڭنى چۈشىنىپ كېتەلمەپتىمەن.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىبلەيمەن!يېشىڭنى توختىتىپ،بۇ پۇلنى قەرىزگە بېرىۋەتكىن،ــ دەپ يېنىدىن 50يۈەن پۇلنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ. ئۇ ئوقۇتقۇچىسى بەرگەن پۇلنى تەستە ئېلىپ،يېنىك قەدەم بىلەن ئىشخانىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. دېمەك،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى مۇرەككەپ جەريان.لېكىن،ئىللىق مۇئامىلە بۇ خىل مۇرەككەپ جەرياننى ئۆزگەرتىشتىكى بىردىنبىر ئەڭگۈشتەر. تەھىرلىگۇچى:admin
|