پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسەئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان ئون خىل

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-17 22:02 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرۇدىغان ئون خىل ئوقۇتقۇچىلار 1. مۇۋاپىق قاتتىق تۇتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ خىل

ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرۇدىغان ئون خىل ئوقۇتقۇچىلار

 

 
1. مۇۋاپىق قاتتىق تۇتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار  
بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلار سىنىپنى رىتىملىق، تەرتىپلىك باشقۇرىدۇ، ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىدۇ. بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان باسقۇچتا تۇرغاچقا، بۇنداق ياكى ئۇنداق كەمچىلىك ۋە خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ، شۇڭا چوقۇم ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەت ئۆلچىمى بويىچە ئۇلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇش ھەم ئۇلارنىڭ بۇنداق كەمچىلىك-خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارغا كەمچىلىك، خاتالىقلىرىنى تۈزۈتۈۋېلىشكە ۋاقىت ۋە پۇرسەت بېرىش كېرەك، ئۇلارنى قارا-قويۇق تەنقىتلەپ، جازالاشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
2. ئانىغا ئوخشاش كۆيۈنىدىغان ئوقۇتقۇچىلار
بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ياش ئايال ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالا تەربىيىلەش تەجرىبىسى ۋە كەچۈرمىشى بولۇپ، بىر بالىنى چوڭ قىلىشنىڭ جاپالىقلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش ۋە سەۋرچانلىق قىلالايدۇ. ئوقۇغۇچىلار قەلب سۆزلىرىنى ۋە كۆڭۈلسىزلىكلىرىنى بۇنداق ئوقۇتقۇچىلارغا ئېيتالايدۇ، ھەم بۇ ئوقۇتقۇچىلاردىن رازى بولغىدەك جاۋاب ۋە كۆرسەتمىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى بەك يېقىن ھېس قىلىدۇ، ھەم گېپىنى ئاڭلايدۇ.
3. پراكتىكا ئوقۇتقۇچىلار
بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلار پراكتىكا باسقۇچىدا بولغاچقا، ئۆگەنگەن مائارىپ نەزەرىيىلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئەمدى ئىشلىتىۋاتقان، تەربىيىلەش ئادەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يېشى ئوقۇغۇچىلارغا يېقىن بولۇپ، ئاكا-ھەدىلىرىدەك بىلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئوقۇغۇچىلار بىلەن چىقىشىپ كېتەلەيدۇ. ئۇلار ئۆز مەكتىپىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىدلەشكە ياكى جازالاشقا پېتىنالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىمتىھانلىرىغا مەسئۇل بولمىغاچقا، ھەم دەرس سائىتى ئاز بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك بىللە بولالايدۇ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئويناشنى خالايدۇ. شۇڭا تەبئىيلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ، كەتكەندىن كېيىنمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنى ئەسلەپ، ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ.
4. ئەپۇچان ئوقۇتقۇچىلار
بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭلى-قارنى كەڭ بولۇپ، باشقىلارنى توغرا چۈشىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەمچىلىك، خاتالىقلىرىغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى تەسىر بېرىدۇ. مەسىلەن: بىر ئوقۇغۇچى ئەدەبىيات دەرىسدە رەسىم سىزىپ ئولتۇرغان بولسا، بۇنداق ئوقۇتقۇچى ئۇ ئوقۇغۇچىغا رەسىم سىزىشقا ۋاقىت ۋە ئورۇننى خاتا تالاپ قويغىنىنى كۆرسۈتۈپ بېرىپ، مۇۋاپىق ۋاقىتلاردا، مۇۋاپىق ئورۇندا ئۆز قىزقىشىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
5. ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيىدىغان كېلىشكەن ئوقۇتقۇچىلار
كېلىشكەن ئەر ئوقۇتقۇچىلارنى، ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئۈلگىسى دەپ قارايدۇ، لېكىن ئالدىنقى شەرت ئۇلار بىلەن چىقىشالىشى كېرەك. كېلىشكەن، ھەم دەرسنى ياخشى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى، ئوقۇغۇچىلار قابىلىيىتى بار دەپ چوقۇنىدۇ.
6. مۇلايىم، چىرايلىق ئوقۇتقۇچىلار
ياش ئايال ئوقۇتقۇچى چىرايلىق ھەم كىيىمى رەتلىك، مۇلايىم بولۇپ، ئاۋازى يېقىملىق، دەرسنى جانلىق، ئىپادىلىك ئۆتىدىغان بولسا، ئوقۇغۇچىلار بۇنداق ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا ئامراق بولىدۇ.
7. قىزىقچى، يۇمۇرلۇق ئوقۇتقۇچىلار
بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى دائىم كونكىرىتنى جانلىق ۋەقەلەر ئارقىلىق باشلاپ، سىرلىق، چوڭقۇر بىلىملەرنى چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ھارغىنلىق ھېس قىلغاندا قىزىقارلىق يۇمۇرلۇق سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى جانلاندۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا ئالاھىدە ماھىر كېلىدۇ.
8. كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچىلار
بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئىقتىسادى قىيىنچىلىق بار ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە مۇھابىتى كەمچىل بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. دائىم تاماق ئالالمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيىگە باشلاپ بېرىپ، تاماق ئېتىپ بېرىدۇ، ئۆز بالىلىرىنىڭ كىيىملىرىنى ئىقتىسادى قىيىنچىلىق بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىشىگە بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن ئوقۇغۇچىلار چوڭقۇر تەسىرلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىغا چەكسىز ھۆرمەتتە بولىدۇ.
9. ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، دېگىنىنى قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار
بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولىدۇ. ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىشنى، ئاۋال ئۆزى قىلىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنى قىلىپ بولالمىغان ئىشىغا زورلىمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا ئادەم بولۇشنى ئۈگەتسە، ئۆزى ياخشى ئادەم بولۇشقا تىرىشىدۇ.
10. ھەقىقىي قابىلىيەتلىك ئوقۇتقۇچىلار
بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى بەكمۇ يۇقىرى بولۇشى ناتايىن، لېكىن ئۇلار تىرىشىپ ئۈگىنىدىغانلاردىن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىر ئىستاكان سۇ بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىدە بىر چىلەك سۇ بولۇشنى قىبلىنامە قىلغان. بۇ پەقەت بىلىم جەھەتتىلا ئەمەس، يەنە ئادىمىۋىلىكى، جەلىپكارلىق جەھەتتىمۇ كۆرۈلىدۇ.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر