پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسەئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار

يوللانغان ۋاقتى: 2011-03-16 03:37 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەممىمىزگە ئايانكى،سىنىپ ئوقۇغۇچىلار بىلىم ئىگەللەيدىغان سورۇن.سىنىپ مۇھ

سىنىپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

 

ھەممىمىزگە ئايانكى،سىنىپ ئوقۇغۇچىلار بىلىم ئىگەللەيدىغان سورۇن.سىنىپ مۇھىتىنىڭ قانداق بولۇشى ئوقۇغۇچىلار ۋە پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ روھىي كەيپىياتى ۋە ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرى سىنىپ مۇھىتىنى ياخشىلاش،ياخشى سەرەمجانلاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.                             

1.سىنىپنىڭ ئومۇمىي تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك پائاليىتىنىڭ 90% تىن كۆپىرەكى سىنىپتا بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ،سىنىپنىڭ تازىلىقىنى كۈندە ئىككى قېتىم،يەنە ئەتىگەن مەشۈۇلات باشلىنىشتىن بۇرۇن ۋە چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدا سىنىپ ئىچى،سىنىپ ئەتراپىنى پاكىز تازىلاش،پار،ئورۇندۇق،ئىشىك،دىرىزىلەرنى سۈرتۈش،گۈل تەشتەكلىرىگە سۇ  قويۇش،سىنىپ ئىچىنىڭ پاكىز بولۇشىنى،سىنىپنىڭئومۇمىي مۇھىتىنى ياخشىلاشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.    

2.ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى رەتلىك قويۇلۇشى كېرەك.سىنىپ ئىچىدىكى پارتا-ئورۇندۇق رەتلىك تىزىلىشى،دىجورنىلار دەرس ئارىلىقىدا دوسكىنى پاكىز سۈرتۈ پ قويۇشى،بور،كۆرسىتىش تايىقى،دوسكا ئۆچۈرگۈچ،ھەر خىل چېرتيوژ،گىلوبۇس قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا كېرەكلىك نەرسىلەر مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك. دېرىزىلەرگە چىرايلىق گۈل تەشتەكلىرى قويۇلۇشى كېرەك.سىنىپ ئىچىدە كېرەكسىز داس،چېلەك،بۇزۇلغان تازىلىق ئەسلىھەلىرى،بوزۇلغان پارتا-ئورۇندۇق ۋە ئۇنىڭ پارچىلىرى،ئىشلىتىشكە بولمايدىغان تەشۋىقات تاختىيى،تەشۋىقات شوئارلىرى،كېرەكسىز قەغەز قاتارلىقلار بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك.               

3.سىنىپ قىرائەتخانىسىنى كۆزگە چىلىقىدىغان ئورۇنغا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. سىنىپ قىرائەتخانىسى شۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلنىپ،تۈرلۈك پەننى،ئەدەبىي كىتابلارنى،يىڭى خەۋەر،يىڭى بىلملەرنى كۆرۈپ،مەنىۋى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان سورۇن،شۇڭا سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ،ئۇلار پايدىلىنالايدىغان،ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان كىتاب،گىزىت-ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشى ۋە سېتىۋىلىشى كېرەك.                         

4. سىنىپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلەرنى ئۆگىنىشىگە پايدىلىق رەسم،جەدۋەل،شۇئارلار ۋە قائىدە-تۈزۈملەر بولۇشى كېرەك.1)سىنىپ ئىچىدە دەرس جەدىۋىلى،مەشغۇلات جەدىۋىلى ۋە دەرىستىن سىرتقى پائالىيەت جەدىۋىلى بولۇشى كېرەك.بۇ ئۈچ تۈرلۈك جەدۋەل بولغاندىلا ئوقۇغۇچىلارنى دەرسلەرگە ئالدىن تەييارلىق قىلدۇرغىلى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئۆز ۋاقتىدا تولۇق قاتناشتۇرغىلى بولىدۇ. 2)سىنىپ ئىچىدە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرگە دائىر جەدۋەل،خەرىتىلەر بولۇشى كېرەك.يەنى جۇغراپىيە دەرسى ئۆتۈلىدىغان سىنىپلاردا خەرىتە؛خىمىيە دەرسى ئۆتۈلىدىغان سىنىپلاردائېلېمىنىتلار دەۋرىي جەدۋەلى؛باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۈۋەن يىللىقلىرىدا ئېلىپبە جەدۋەلى،كەررە جەدۋەلى بولۇشى كېرەك.3)سىنىپ ئىچىدە داھىيلار،ئالىملارنىڭ رەسىملىرى،دۆلەت بايرىقى ۋەمۇتەپەككۈرلارنىڭ ئەقىليە سۆزلىرى شېئىر-قوشاقلىرى بولۇشى كېرەك.ئوقۇغۇچىلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-تۈزۈملەر،ئۆگىنىش باغچىسى ۋە قارا دوسكا گېزىتى مۇاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.سىنىپ ئىچىدە سىنىپ مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قالايمىقان رەسىم،شوئارلار بولماسلىقى كېرەك.                                                                      

دېمەك،سىنىپ مۇھىتى ئرقىلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ھەم ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ ھەمدە دەرس ئىسلاھاتىدىكى مۇھىت ئارقىلىق كەيپىيات تۇراقلاشتۇرۇپ،ئادەم تەربىيلەشتىن ئىبارەت تۈپكى مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.

 

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ بىلىم [ 2011-04-02 22:50:06 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلار يېتىلدۇرۈشكە تېگىشلىك ساپ [ 2011-04-02 22:49:25 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالارسەن [ 2011-04-02 22:48:58 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلىرىڭىز ئالدىدا ھايا بىلەن يۈ [ 2011-04-02 22:48:21 ]
[تارىخى رەسىملەر] 1943-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئۇسۇلچى قىزلار [ 2011-04-02 22:43:53 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادا قانچە مىللەت بار؟ [ 2011-04-02 22:24:32 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالا [ 2011-04-02 22:23:28 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى [ 2011-04-02 22:20:03 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] دوكتورلار ئالبۇمى-تاشپولات تېيىپ [ 2011-04-02 22:18:09 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] دوكتورلار ئالبۇمى-راھىلە داۋۇت [ 2011-04-02 22:13:42 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر