ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىدىيە–ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشتە... قەلبىنۇر تۇرسۇن ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشنى كۈچەيتىش ھەر بىر مائارىپچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى يەنىمۇ گەۋدىلەندى. ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە، جۈملىدىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مېنىڭچە: بىرىنچىدىن، مەكتەپلەردە كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، ئەخلاقلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنى ئۈلگە قىلىدۇ، شۇڭا، ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەچىلىرى ئالدى بىلەن ئۆزى ئەخلاقلىق، ساپالىق بولۇشى، سۆز – ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر تەرەپلىمە ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. مەكتەپلەردە تۈزۈلگەن ئىدىيە – ئەخلاق تۈزۈملىرى ئوقۇغۇچىلارنى توغرا بىلەن خاتانى، ھەق بىلەن ناھەقنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىيەلەيدىغان، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ياخشى ئىش قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، سىنىپ كادىرلىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سىنىپ كادىرلىرى، ئىتتىپاق كادىرلىرى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى ئىچىدىن تاللانغان بولىدۇ، باشقا ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىگە قايىل بولىدۇ ھەم قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بىلەن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى – تۆۋەنلىك پەرقى بولمىغاچقا، باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن خالىغانچە پاراڭلىشالايدۇ، پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ ھەم ئۈلگە بولالايدۇ، شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىدىكى رولىغا سەل قارىماسلىق كېرەك. تۆتىنچىدىن، مەكتەپ مەدەنىيىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ ۋاقتى مەكتەپتە ئۆتىدۇ، شۇڭا، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي مۇھىتى ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاسىتە تەسىر قىلماي قالمايدۇ. ساغلام مەكتەپ مۇھىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭا، تام گېزىتى، كۆزنەكلەرگە ئەخلاق تەربىيەسى توغرىسىدا تەشۋىقات ماقالىلىرىنى چىقىرىپ، شۇ تېمىدا ماقالە توپلاپ، تەجرىبە تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى توغرىسىدا ئويلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئەخلاق قارىشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسى ئوتتۇرىسىدا پەرق پەيدا بولىدۇ، شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا نىشانىنى يوقىتىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىش – ھەرىكىتى، ئەخلاق – پەزىلىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاساسىي ساپالار تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى مەكتەپلەردىكى ئەڭ قىزىقارلىق ، ئەڭ جانلىق ، ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، باشقا پەنلەرگە قارىغاندا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىككە ئىگە . ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە بولۇپ ، مەزمۇنىدىن تارتىپ شەكىلگىچە ، تېكىست تاللاشتىن مۇھاكىمە تېمىلىرىغىچە ئىلگىرىكى دەرسلىككە قارىغاندا، روشەن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولغان، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ھەم ھەممە ساھەلەرگە چېتىلغان. خۇرۇچ ھەر قانچە مول، تولۇق بولسىمۇ، ئاشپەز نائۇستا بولسا تاماق ئوخشىمىغاندەك، دەرسلىك ھەر قانچە سەرخىل بولسىمۇ، ئۇنى ئۆتىدىغان ئۇقۇتقۇچىدا بەلگىلىك ئىقتىدار ۋە تالانت بولمىسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ ئۇلارنى جەلپ قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. قانداق قىلغاندا نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تىل-ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قاتارئىقتىدارنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. بىرىنچى، يۇقىرى بولغان سىياسىي، ئىدىيەۋى ئەخلاق ساپاسىنى ھازىرلاش كېرەك ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىمى ھەر قانچە مول، كەسپىي ماھارىتى ھەر قانچە ئۈستۈن بولسىمۇ، ناۋادا سىياسىي، ئىدىيەۋى قارىشى تۆۋەن، ئەخلاق ساپاسى ناچار بولسا، ياراملىق ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ چىقالمايدۇ. شۇڭا تىل-ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىدىيەۋى ئەخلاق پەزىلىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى، قەتئىي، مۇستەھكەم، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىشى، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سەمىمىي، سادىق بولۇشى، توغرا جامائەت تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ، ئۇلۇغۋار غايىلىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش كېرەك. ئىككىنچى، كەسپىنى قىزغىن سۆيۈشى، مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى يۇقىرى بولۇشى كېرەك كەسپىنى سۆيمىگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالىشى ناتايىن. شۇڭا، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى جەزمەن ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈشى، كەسىپ ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. مائارىپنىڭ تەرەققىياتى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدۇ. مائارىپنىڭ سۈپىتىنى، تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسىي ئامىل بولسا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن ئىبارەت. شۇڭا، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىدە دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىستىقبالىغا مەسئۇل بولۇشتەك ئالىيجاناپ ئاڭنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، مۇئەييەن تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك تىل ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش قورالى. تىل بولمايدىكەن، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى نورمال ئىجتىمائىي ئالاقىدە قۇلايسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن ھازىرغىچە بولغان تەرەققىياتى ھەم قولغا كەلتۈرگەن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تىلنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. 11-ئەسىردە ياشىغان ئولۇغ مۇتەپەككۇر ئالىم، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «ئوقۇش، بىلىش ئۈچۈن بىردىنبىر تەرجىمان تىلدۇر. ئادەمنى ئادەم قىلغۇچى تىلدۇر» دېگەنىدى. يۇنان پەيلاسوپى دېمۇكرىتمۇ: «تازا جايىدا ئىشلىتىلگەن بىر جۈملە سۆز ئادەمگە كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ، كىشىلەرنى قايىل قىلىشتا تىلنىڭ رولى ئالتۇندىن ئېشىپ چۈشىدۇ» دېگەنىدى. كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرى بولغان بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىدە تىل ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بالىلارنىڭ تىلى تەرەققىي قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇلار ئوبيېكتىپ رېئاللىقتىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەر ئۈستىدە بەلگىلىك تونۇشقا ۋە تەجرىبىلەرگە ئىگە بولايدۇ-دە، ئەقلى ئىقتىدارى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئەدەبىيات ئۆز نۆۋىتىدە تىل سەنئىتى بولغانىكەن، ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىلىرىمۇ ئالدى بىلەن بىرلىككە كەلگەن ئەدەبىي تىل ئارقىلىق سۆزلەش ماھارىتىگە ئىگە بولۇپ، دەرسخانىغا كىرگەندە دەرس مەزمۇنىنى راۋان، قىزىقارلىق يەتكۈزۈشكە ماھىر بولۇشى، شۇ ئاساستا ئوقۇغۇچىلارنىمۇ پائال تۈردە پىكىر قاتناشتۇرۇشقا دەۋەت قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش كېرەك.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئوقۇتقۇچى يۇمۇرىستىك تىل بايلىقىغىمۇ ئىگە بولۇشى، كېتىپ بېرىپ ئۇقۇغۇچىلار چېھرىدە كۈلكە پەيدا قىلالايدىغان ھەم جىددىي كەيپىيات ھاسىل قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ھەقىقىي رەۋشتە يۇمۇرىستىك تىل، ئۆزگىچە سۆزلەش ماھارىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلىگەندىلا، ئاندىن ئەدەبىيات دەرسى تېخىمۇ جەلپكارلىققا ئىگە بولىدۇ. بۇنداق قىلالمىغاندا دەرسنىڭ جەلپكارلىقىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ. تۆتىنچى، ئوقۇتقۇچى ئۆزىدە ساغلام پىسخىك ساپانى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىمۇ باشقا كىشلەرگە ئوخشاشلا دائىم ھەر خىل ئوڭۇشسىزلىق، ئاۋارچىلىق، كۆڭۈلسىزلىكلەرگە، تاسادىپىي خاپىلىقلارغا يولۇقۇپ تۇرىدۇ. مۇبادا ئوقۇتقۇچى شۇنداق چاغدىكى كەيپىياتىنى مەكتەپكە، سىنىپقا، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا، تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش جەريانىغا باشلاپ كىرسە، تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇتۇشنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يېتىپ، ئۈنۈمىنىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئۆزىنى كونتىرول قىلالايدىغان ۋە ئۆز مىجەز-خۇلقىنى تەڭشەپ تۇرالايدىغان ساپاغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بەشىنچى، ئوقۇتقۇچى بىر قەدەر ئەتراپلىق، مول كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولۇش كېرەك بىزدە: ‹‹ ئوقۇغۇچىغا بىر چۆمۈچ سۇ بېرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا بىر چېلەك سۇ بولۇشى كېرەك›› دېگەن سۆز بار.ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىمى قانچە مول ۋە ئەتراپلىق بولسا، ئوقۇغۇچىلانىڭ بىلىم ئېلىش ئىستىكىنى شۇنچە قاندۇرالايدۇ.ھازىرقى يېڭى دەرسلىكلەردە پەنلەرنىڭ چېگرىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، پەنلەر ئۆز-ئارا بىرىكىپ كېتىۋاتىدۇ.شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپىدىلا مول بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە باشقا يېڭى بىلىملەرنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىشى، ئەدەبىيات، تارىخ، پىسخولوگىيە، پەلسەپە قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك پەنلەردىمۇ زۆرۇر بىلىمگە ئىگە بولۇشى شۇنداقلا ئۆزىدە زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بۇ مائارىپنىڭ ماھىيىتى، مەقسىتى، تۈزۈمى، مەزمۇنى، ئۇسۇلى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىدىن خەۋەردار بولغان تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك بولغان ئەڭ ئالدىنقى ساپادۇر. ئالتىنچى، بەلگىلىك يېزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى پەيدىنپەي يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرۇش تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئۆزگىچە سۆزلەش ماھارىتىگە ئىگە بولۇشى، شېئىر، ھېكايە، پوۋېست، رومانلارنى ۋە سەھنە ئەسەرلىرى قاتارلىقلارنى جانلىق، مېغىزلىق ھالدا چۈشندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇشى لازىم. ئەدەبىيات رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى بولغاچقا، ئۇمۇ رېئاللىقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بىلىمىنى يېڭىلاپ تۇرمىسا، پەن-تېخنىكا ۋە يېڭى ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەرسىز قالىدۇ. شۇڭا، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس سۆزلىگەندە نوقۇل ھالدا كىتابتىكى نەزەرىيەلەرنى سۆزلەشكە ياكى ئوقۇپ بېرىشكە ئېسىلىۋالماستىن، بەلكى، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، چۈشىنىشلىك، قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆتۈلگەن دەرسنى ئاسان چۈشىنىپ ۋە ئانالىز قىلىپ ئۆز چۈشەنچىسىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش لازىم. يەتتىنچى، ئوقۇغۇچىلارنى كۈزىتىشكە ماھىر بۇلۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى نوقۇل دەرس ۋاقتىدا كۆزىتىپلا قالماستىن بەلكى، مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش، تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ يېتەكلەشكە ماھىر بولۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى، دەپ قاراپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەمچىلىكلىرنى ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇرۇپ ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ساپاسىنى، سەنئەت قارىشىنى، ئېستېتىك ئېڭىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆگىنىشى جەھەتتە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پەرق بولسىمۇ، بىراق، ھەر بىر ئوقۇغۇچى نورمال ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە. شۇڭا، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ھەقىقىي ماسلىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىىيەت بېرىشى كېرەك. سەككىزىنچى، ھازىرقى زامان ئۇچۇر-تېخنىكا ئەسلىھەلىرىنى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلايدىغان بولۇشى كېرەك كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش زامانىۋى ئوقۇتۇش قورالىدىن ئىبارەت. ئۇ پەن-تېخنىكا ئىسلاھاتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقان ۋە تەرەققىي قىلغان، ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئوقۇتۇش قورالى ۋە ۋاستىسى بولۇپ، ئاۋاز، سۈرەت، ھەرىكەت بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش قورالىدىن پايدىلىنىپ ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندا ۋە كېڭەيتكەندە ئوقۇغۇچىلانىڭ ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىنى، بىلىم ئېلىش، ئىزدىنىش ھەۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىدۇ، بىلىمىنى موللاشتۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تونۇش، تەھلىل قىلىش، ئىقتىدارى، ھوزۇرلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى رولى زور. كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش قورالىنىڭ رولى چوڭ. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش ۋە بىلىم ئېلىش ئارزۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتەك بۇ مۇھىم ھالقىدا كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش مۇرەككەپ مەزمۇنلارنى، ئابىستراكىت ئۇقۇملارنى كونكرېتلاشتۇرىدۇ. ئوقۇتۇش جەريانىدا قوللانغان جانلىق، ئوبرازلىق رەسىملەر ياكى كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى شۇ مۇھىتنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ بىرلەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرىدۇ، تەشەببۇسكارلىق ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېس قىلىش، تونۇش ئىقتىدارىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، تېكىست مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىياتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپ تىل–ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى «ئانا سەھرايىم» دېگەن تېكىستنى ئوقۇتۇشتا، ئالدى بىلەن، ئوقۇغۇچىلارغا تېكىستنى ھېسسىياتلىق ئوقۇتۇپ، تېكىستنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئاندىن كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ۋاستىسى ئارقىلىق دەرسكە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ۋە باشقا مەزمۇنلار كۆرسىتىلىدۇ. بۇنداق رەسىملەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار سەھرانىڭ ھەقىقەتەن تەبىئىي گۈزەللىكى، سەھرا كىشلىرىنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكىنى، تولىمۇ مېھرىبان، مېھماندوستلۇقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. كۆرۈنۈشلەرنىڭ قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ تېكىستنى ياندىن ئوقۇش بىرلەشتۈرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ھەرخىل قۇشلار، سايراۋاتقان، گۈل-چېچەككە پۈركەنگەن ھاۋالىق يېزا ئېتىزلىرىدا ھارماي ئىشلەۋاتقان ئاق كۆڭۈل، ئەمگەكچان دېھقانلار نامايەن بولىدۇ. بۇ كۆرۈنۈشلەر ئوقۇغۇچىلارنى سەھرانىڭ گۈزەل مۇھىتىغا باشلاپ كىرىدۇ. دەرسلىكتىكى ھېسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكە ئۆتۈشكە شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەرسكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. ئوقۇغۇچىلانىڭ ئىدىيەۋى كەيپىياتىنى تەڭشەيدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇشتىن پايدىلىنىشنىڭ بىۋاستە ئۈنۈمى كۈچلۈك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قانۇنىيىتىگە ئىنتايىن ئۇيغۇن كېلىدۇ.
|