مۇش يېزامەركىزى مەكتەپنىڭ 2010- 2011-ئوقۇش يىلى ئاتا-ئانىلار مەكتىۋىنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسسە ماتىريالى بىز بۇ ئوقۇش يىلىدا مەكتىۋىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە تىخىمۇ ياخشى بولغان يۈكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋە تەربىلەنگۈچىلەرنى غايىلىك، ئەخلاقلىلىق، مەدىنيەتلىك، ئەدەپلىك، ئنتىزامچان بىر ئەۋلات ئىز باسارلاردىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئائىلە، مەكتەپ، جەميەت تەربىيسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتىۋىمىزنىڭ خىزمەتلىرىگە نىسبەتەن ماسلىششنى قولغا كەلتۈرۈپ مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقو-ئوقوتۇش تەلىم - تەربىيەسۈپتىنى يۇقرى كۆتۈرۈش مەخسىتىدە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئشلەپ كەلدۇق: (1)مۇشۇ يىل ئچدە 1-ماۋسۇمدا 1قىتىم 2-ماۋسۇمدا1قىتىم ئاتا-ئانىلاريىغىنى چاقىرلىپ ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۈگۈنۈش ئەھۋالىدىن ۋە مائارىپقا ئالاقىدار قانۇن نىزاملار يەتكۈزلۈپ ئۇلارنىڭ مەكتەپ خىزمىتىگەبولغان پىكىر -تەكلىپلىرى قوبۇل قىلىندى ۋە خىزمەتلەرداۋامىدا تۈزىتىلىپ مىڭىلدى . (2)مۇشۇ يىلدا 1-ماۋسۇمدا 2قىتىم 2-ماۋسۇمدا 2 قىتىم ئاتا-ئانىلارنى يىغىپ مەخسۇس تىمىدىكى ئاتا-ئانىلارغا دەرس تەييارلاپ ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپقا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈردۇق . (3)مۇشۇ ئوقۇش يىلىدا 2قىتىم ئاتا-ئانىلارغا مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقو-ئوقوتۇش تەلىم -تەربىيە خىزمىتىگە نىسبەتەن قىممەتلىك بولغان پىكىر -تەكلىپلىرىنى ئىلىپ كىيىنكى خىزمەتلەرنىڭ تىخىمۇ ياخشى بولىشىغائاساس سالدۇق . (4) مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى قەرەرلىك ۋە قەرەرسىز ھالدا جەميەت تەكشۈرۈش پائالىتىگە تەشكىللەپ، مائارىپقا ئالاقدار قانۇن-نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەميەتتىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئىگەللەش پائالىتىگە تەشكىللىدۇق، مەكتىۋىمىزنى مۇستەھكەم بازاقىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق . (5) بۇ يىلدا ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلار بىلەن، مەكتەپ مۇدىرى ئاتا-ئانىلاربىلەن ئۈچ قىتىم ھۆددە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىىننى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ قىلىشنىڭ ئالدى ئىلىندى، ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقى ئاتىزىمچىلاردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن ئائىلە مەكتەپ، جەمىيەتنىڭ بىردەك ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ مائارىپ بازىسىىنىڭ پاكلىقىنى قوغداش ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى . (6) مۇشۇ يىلدائىككى قىتىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ياردەم قىلش ئاتا ئانىلارنىڭ ئىتىز-ئىرىق ئىشلىرىغا تەتىل ۋە دەمئىلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ياردەملىشىش ئەھۋالىغا نىسبەتەن نازارەت قىلىش ئىشلىرىغا تەشكىللەپ ئوقۇغۇچىلاردا گۈزەل ئەخلاق پەزىلەت يتىلدۈرۈشكە ئاساس سىلىندى . مۇش يىزا مەركىزى مەكتەپ 2011- يىلى 7-ئاينىڭ 2- كۈنى تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|