زوراۋانلىق - تېررورلۇق شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولالمايدۇ! كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاپتونوم رايونىمىزدا شۇنداقلا ئېلىمىزدە مىللىي مۇناسىۋەت ئىنتايىن مۇھىم سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى — ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى . يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق – تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى قەبىھ بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتتى. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەركەز يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايون تېزدىن ھەرىكەتلىنىپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇزاق تارىخىي جەرياندا قۇيۇق ئالاقە قىلىپ ، بىر – بىرىگە تايىنىپ خوشاللىقتىمۇ ، قايغۇدىمۇ بىللە بولۇپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ ، چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھىر – مۇھەببەت ئورنىتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولدى . ۋەتەننىڭ بىرلىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالىي مەنپەئىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى— ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىم كاپالىتى . زوراۋان – تېررورچىلار زوراۋانلىق – تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى بۇزدى، ئۇلارنىڭ تۈپ مەقسىتى شىنجاڭدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش، شىنجاڭنى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىپ چىقىش. شۇڭا بىزنىڭ چوقۇم بۇنى سەگەكلىك بىلەن چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيمىزنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹مۇقىملىق بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى›› دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، دۈشمەنگە نەپرەت ياغدۇرۇپ، كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، بىرلىكتە دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ھەقىقىي ياخشى قوغدىشىمىزنىڭ ئىنتايىن زۆرۇر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم. شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ، يېرى كەڭ ، بايلىقى مول ، قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان ، كۆپ دىنلىق چېگرا رايون . بۇ رايوندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ . بۇ رايوندا ھەر مىللەت خەلقى جاپا–مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ، شىنجاڭنىڭ تارىخى تەرەققىياتىدا ئۆچمەس ، شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى . تارىخ شۇنى قايتا – قايتا ئىسپاتلىدىكى، ئىناقلىق، مۇقىملىق بولغاندىلا، جەمئىيەت تەرەققىي قىلىدۇ. شىنجاڭدا تىنچلىق، مۇقىملىقنى بۇزىدىغان، ۋەتەننى پارچىلايدىغان ھەرقانداق قىلمىش ئېقىمغا قارشى يول تۇتقانلىق، ئەلرايىغا ياقمايدۇ، ھامان مەغلۇپ بولىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىگۇناھ ئاممىغا زىيان يەتكۈزۈدىغان، دۆلەتنى پارچىلايدىغان ھەرقانداق زوراۋانلىق – تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن تولىمۇ بىزار. زوراۋانلىق – تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئىسلاھات–ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان ، بولۇپمۇ يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئورتاق تىرىشىپ ، رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشى ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئورتاق كۈچ قوشۇپ ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى . ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ئالاقىسى كۈنسايىن قويۇقلشىپ ، مىللەتلەر ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ، ھەممە ئىناق بولغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ ، رايونىمىزنىڭ ھەر ساھە تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى . ھازىر شىنجاڭ مەركەزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشى بىلەن كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشتەك يېڭى تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويۇپ، گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ چوڭ قەدەم تاشلىماقتا، تۈرلۈك ئىشلار گۈللەپ راۋاجلانماقتا، ھەممەيلەن تەرەققىياتقا، مۇقىملىققا ئىنتىلمەكتە، ھەر مىللەت خەلق شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە تەلپۈنمەكتە ۋە ئىشەنچى تولۇپ تاشماقتا. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، بىز چوقۇم شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق بولۇۋاتقان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، يۇرت – ماكانىمىزنى بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ھەرقانداق كىشى رەزىل جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەرگىز يول قويمايدۇ. ئىتتىپاقلىق—كۈچ دېمەكتۇر ، غەلبە دېمەكتۇر . نۆۋەتتە ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ نىشانى . بۇ ئورتاق نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ، ھەر مىللەت خەلقى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا يامان تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ ، بىر نىيەت ، بىر مەقسەدتە ئورتاق تىرىشىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ ، ئىناق ، گۈللەنگەن شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىزنىڭ ئىنتايىن تەخىرسىز ۋە شەرەپلىك ۋەزىپە ئىكەنلىكنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم . ئەمما، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەدىرلىگەن نەرسىلەرنى زوراۋان – تېررورچىلار كۆزىگە قادالغان مىخ، تاپىنىغا سانجىلغان تىكەن ھېسابلاۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىيكى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى قانچە تېز ۋە ئىستىقبالى قانچە گۈزەل بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇنى شۇنچە قەدىرلەيدۇ، ۋەتەننى شۇنچە قىزغىن سۆيىدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي سىياسىتىنى تېخىمۇ ھىمايە قىلىدۇ، بارلىق بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە تېخىمۇ قارشى تۇرىدۇ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش سۇيىقەستى ئىشقا ئاشمايدۇ. بۇ دەل زوراۋان – تېررورچىلار خالىمايدىغان، تەن بەرمەيدىغان ئىش. شۇڭا ئۇلار ھەمىشە مىللەتلەر ئارىسىغا زىددىيەت سېلىش پۇرسىتى كۈتىدۇ، بارلىق ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ، ماجىرا تېرىپ، شىنجاڭنى مالىمان قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ، ھەتتا زوراۋانلىق – تېررورلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. «ئەسكىلىكنى كۆپ قىلغان ئادەم بېشىنى يەيدۇ»، دۇنيادا ھەر قانداق دىن بىگۇناھلارنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈشنى تەرغىب قىلمايدۇ، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بىگۇناھلارنى ئۆلتۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ، بىگۇناھ ئاممىنى خالىغانچە ئۆلتۈرگەن ۋە ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلغان زوراۋانلار جەزمەن قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا تارتىلىدۇ! ئىشىنىمەنكى، ھەرقانداق زوراۋانلىق – تېررورلۇق ھەرىكىتى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، قۇرۇلۇش، تەرەققىيات قەدىمىنى توسىيالمايدۇ،شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەقىياتىغا توسالغۇ بولالمايدۇ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى قاتتىق ئىرادىسى ۋە قەتئىي ئىشەنچىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ.
|