پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسەئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

بالىلاردا ئىتائەتمەنلىك تۇيغۇسى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-29 12:34 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇلار بۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشىنى ، ئۆزلىرىنى قوللىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدۇ

بالىلاردا ئىتائەتمەنلىك تۇيغۇسى

 

قۇربانجان توختى ئازىق

 

    نۆۋەتتە ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئۇستازلىق مېھرى - مۇھەببىتى بىلەن ئەمەس ، بەلكى باشقۇرغۇچى سالاھىيىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ، ھەۋىسى ، غايىسى بىلەن قىلچە ھېساپلاشماي ، ھەددىدىن زىيادە قاتتىق قول بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسۈتۈۋاتىدۇ . بۇ شەك-شۈبىھىسىزكى پىسخولوگىيە ، پىداگوگىكا بىلىملىرى بىلەن قوراللىنىشى يېتەرسىز ، كەسىپكە لايىق بولمىغان ئوقۇتقۇچىلاردا ساقلىنىۋاتقان ، سەلبىي خاراكتېرگە ئىگە تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلىدۇر .

    ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى فىزىئولوگىيە جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىش ، تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ تاشقى دۇنيانى چۈشىنىش ، مەسىللەرنى تەھىلىل قىلىش ، بىلىش قابىلىيىتى دەسلەپكى باسقۇچتا بولۇپ ، ئاستا - ئاستا شەكىللىنىۋاتقان ، تەرەققىي قىلىۋاتقان بولىدۇ . بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئىتائەتمەنلىك تۇيغۇسى يۇقىرى بولۇپ ، ئۇلارنى خۇددى ھەممىنى بىلىدىغان «ئەۋلىيا» ھېسابلايدۇ . ئۇلارنىڭ بۇ باسقۇچتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىھۆرمەتلەش تۇيغۇسى بەزىدە ئۆز ئاتا-ئانىلىرىغا بولغان ھۆرمەتلەشتىنمۇ ئۈستۈن بولىدۇ . يەنە بىر جەھەتتىن ، بۇ باسقۇچتىكى ئوقۇغۇچىلاردا پىسخولوگىيىلىك جەھەتتىن ئۆزلىرىدىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدار بارا-بارا ئاشكارلىنىدىغان ، كىمنىڭ قايسى تۈردە ئالاھىدىلىكى بولسا شۇ تۈرگە يۇقىرى ئىشتىياق باغلايدىغان ، شۇنىڭدا نەتىجە قازىنىشنى مەقسەت قىلىدىغان ھالەتلەر شەكىللىنىشكە باشلايدۇ . يەنى بەزى ئوقۇغۇچىلار رەسىم سىزىشقا قىزىقسا ، بەزى ئوقۇغۇچىلار مۇزىكىغا قىزىقىدۇ ، بەزىلىرى تەنتەربىيىگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىسا ، يەنە بەزىلىرى فېزىكىغا قىزىقىپ ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى رېمونت قىلىشقا ئىشتىياق باغلايدۇ .

    قىسىقىسى ، ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۆزىدە بار بولغان تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچەيدۇ . شۇڭا ئۇلار بۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشىنى ، ئۆزلىرىنى قوللىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدۇ . لېكىن ئاشۇ خىلدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بەكمۇ قاتتىق قول بولۇپ ، ئۇلارغا قىلچىمۇ تاللاش پۇرسىتى بەرمەي ، ئوقۇغۇچىلارنى نېمە دېسە شۇنى قىلىدىغان ، نېمە ئۆگەن دېسە شۇنى ئۆگىنىدىغان ، قىسقىسى ئۇلارنى ئۆز بۇيرۇقىنى شەرتسىز ئىجرا قىلىدۇرىدىغان «ماشىنا ئادەم» لەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ ، ئەركىن پىكىر قىلىشنى ، دادىل سۇئال سوراش ، ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشنى پۈتۈنلەي توسۇپ قويۇۋاتىدۇ .

    شۇڭا ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىتائەتمەنلىك تۇيغۇسىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى بوغوپ قويماسلىقى ، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ «ئەۋلىيا»سىغا ئايلىنىشى كېرەك .

مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش [ 2011-11-29 17:21:15 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ماتىماتىكىلىق فورمۇلا تەھرىرلىگۇچ (数学公式编辑器) V6 [ 2011-11-27 22:17:28 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] 几何画板 V5.0 最强中文版گىئومىتىرىيە دوسكىسى [ 2011-11-27 22:14:17 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] باشلانغۇچ ماتىماتىكا مەشىقچىسى 小学数学练习机 V35.0 [ 2011-11-27 22:09:46 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات، [ 2011-11-27 22:05:05 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ياپونىيەدىكى ئوقۇغۇچىلىرى قۇياشنىڭ قاياقتىن چىقى [ 2011-11-27 22:02:50 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلاردىمۇ خامۇشلۇق كېسىلى كۆرۈلىدۇ [ 2011-11-27 21:56:10 ]
[تارىخى بىلىملەر] كېيىنكى كۆك تۇرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ تارى [ 2011-11-27 21:52:54 ]
[تارىخى بىلىملەر] 893 -يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇقلار بىلەن قىلغان جە [ 2011-11-27 21:47:27 ]
[تارىخى بىلىملەر] قەدىمىي بۇددىزم ماكانى- كۇچانىڭ ئىسلامىلىشى توغرى [ 2011-11-27 21:42:14 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر