پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسەئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئىجادچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-28 17:42 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىجادچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئىجادچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم دائىرىسى بىر قەدەر كەڭرى، دەرسخانا مەزمۇنىدىن سىرت، ئۇلار

 

ئىجادچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

 

ئىجادچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم دائىرىسى بىر قەدەر كەڭرى، دەرسخانا مەزمۇنىدىن سىرت، ئۇلار دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋە مەزمۇنلارغا تېخىمۇ قىزىقىدۇ، نامەلۇم دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئادەتتە بىلىم قۇرۇلمىسى جەھەتتە يەككە ئەمەس، مۇۋاپىق چوڭقۇرلۇققا ۋە كەڭلىككە ئىگە. ئۇلار مۇئەللىم  سۆزلىگەن ۋە كىتاب- ماتېرىياللاردىكى بىلىملەرگە قارىتا تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتۇپ قوبۇل قىلىدۇ. دائىم بىر قىسىم غەيرى مەسلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا مۇئەللىم جاۋاب بېرەلمىسە، شۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ.
ئىجادچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئادەتتە بىر قەدەر كۈچلۈك. ئۇلار گەرچە بىر كۆرۈپلا مەڭگۈلۈك ئەستە ساقلىيالمىسىمۇ ئەمما دائىم بىر قىسىم ئۇچۇر- سىگناللارنى ئەستە ساقلايدۇ ھەمدە بۇ ئۇچۇر سىگناللارنى ئوخشاش بولمىغان رولغا ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىپ سىستېمىلىق ھالدا تەشكىللەپ، كېيىن ئىشلىتىش ئۈچۈن تاييارلاپ قويىدۇ. بار بولغان كۆز قاراش ۋە يېڭى بىلىملەرنى يىغىنچاقلاپ قويغاندا خاتىردىكى نەرسىلەر ئاسانلا قالايمىقانلىشىپ كەتمەيدۇ ھەم ئاسانلا ئۇنتۇپ كىتىلمەيدۇ. بىز مۇھتاج بولغاندا، بۇ ئۇچۇرلار ئىچىدە ئەكىس ئېتىپ ئىلھام تۇيۇقسىز ئىپادىلەنگەن ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىدۇ.
ئىجادچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارى ئادەتتە بىر قەدەر ئۆتكۈر بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ دۇنيانى تونۇش، ئوبرازلىق سېزىمغا ئېرىشىشدىكى مۇھىم يول كۆزىتىش ئىقتىدارىدۇر. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، كىشىنىڭ %90-%80 بولغان بىلىم ئۇچۇرى كۆز بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق كەلگەن. تەدىرجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنى ياراتقۇچى دارۋىن مۇنداق دېگەن: «مەندە ئالاھىدە بولغان چۈشىنىش ئىقتىدارى يوق، ھالقىپ كەتكەن دەرىجىدىكى ئەقىل- پاراسەتمۇ يوق، پەقەت بىردەملىك ئىچىدە كۆزدىن غايىپ بولۇپ كېتىدىغان شەيئىلەرنى كۆزىتىش باشقىلاردىن ئۈستۈن بولۇشى مۇمكىن.». بۇ خىل تىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەر قانداق ئىشقا نىسبەتەن تەپسىلى تەھلىل قىلىشى ناتايىن، ئۇلار قىزىقىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ بولۇپمۇ مەسىلىنىڭ يېشىمىگە بەكرەك دىققەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىزقىدىغان نەرسىلىرى ئىنتايىن كۆپ، بولۇپمۇ ئادەتتىكى كىشىلەر قىيىن دەپ ھېسابلىغان ئىشلارغا بەكرەك دىققەت قىلىدۇ.
ئىجادچانلىققا ئىگە ئوقۇغۇچىلار دىققەت نەزىرىنى ئۇزۇنغا داۋاملاشتۇرالايدۇ. خىزمەت، ئويۇن، ئۆگىنىش ۋاقتىدا ئۇزۇن ۋاقىت پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ سىرتقى تەسىرلەرگە ئۇچرىمايدۇ بەزىدە ھەتتا ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنىمۇ بىلمەي قالىدۇ.
ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، دىققەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارى زۆرۈر بولغان بىلىملەرگە ئېرىشىش پۇختا ۋاسىتىسدۇر.
ئىجادچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى مول بولىدۇ. دائىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە رېئاللىققا ماس بولمىغان تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ھەتتا كۆڭلى جايىدا ئەمەس ھالەتنى ئىپادىلەپ قويىدۇ. ئۇ ئۇنىڭ ئۆز تەسەۋۋۇر تەتقىقاتىغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىدۇر. ئۇلار يەنە ئوخشاش بولمىغان شەيئىلەرنى قايتىدىن رەتكە تىزىپ گورۇپپىلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىر شەيئىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى تېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ. دائىم بەلگىلەنگەن ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئۇلار دائىم بىر نۇقتىدىن كېڭەيتىشنى باشلاپ، تەسەۋۋۇرنى ئەركىن، ئازادە قويىۋېتىپ بۇ تەپەككۇر نۇقتىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ. بىردىن مىڭنى پەرەز قىلىدۇ، بىرنى ئاڭلاپ يۈزنى پەملەيدۇ. بىرى ئارقىلىق كۆپنى بىلىدۇ ھەتتا، ئىجادىي ئىلھامىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
ئىجادچانلىق ئىگە ئوقۇغۇچى يەنە ئۆزى قول سىلىپ ئىشلەپ، جۇش ئۇرۇپ تۇرغان زېھنى كۈچىنى ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزى ۋاقىتتا قۇرۇق خىيالغا تايىنىپ چىقىرىلغان يېڭى نۇقتىلارنى دەرھال ئەمەلىيىلەشتۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلار  ئۆيدىكى تام سائىتىنى بۇزۇۋەتسە، بۇمۇ ئانچە غەلىتىلىك ئەمەس. خىزمەت ياكى پىلان ئورۇنلانغاندىن كېيىن ئۇلار يەنىلا رازى بولمايدۇ. كاللىسىدا يەنە يېڭى مەسىلىلەرنى، يېڭى پىلان، يېڭى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئويلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئىجادچانلىققا ئىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئەركىنلىكى» ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. غەلبە قازىنىشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

مەنبە:شىنجاڭ مائارىپ ژۇرنىلى

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر