![]() |
قابىلىيەت ۋە تالانت ـــ ئېرسىيەتتىنمۇ ياكى تەربىيەلىنىشتىنمۇ؟ بالىلاردىكى ياشاش ئىقتىدارى، ئەقلى قابىلىيىتى، تالانتى ــ ئېرسىيەتتىنمۇ ياكى تەربىيەلىنىشتىنمۇ؟! بىز دائىم تەكىتلەيدىغان بالىلارنىڭ قابىلىيەتلىك ۋە تالانتلىق بۇلۇشىنى، نوقۇل ئېرسىيەت ئامىلى ياكى ماددىي شارائىتىنىڭ ياخشى يامان بولۇشى بەلگىلىمەيدۇ. ناۋادا بىر بالىنىڭ ئەقىللىق ئىقتىدارلىق بولۇشى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەقلى بىلەن ئۆلچىنىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى بېئولوگىيەلىك دۇنياغا ئايلىنىپ، ئەقىللىق ئادەمنىڭ بالىسى ئەقىللىق، يارامسىز ئادەمنىڭ بالىسى يارامسىز، ساۋاتسىز ئوقۇمىغان دېھقاننىڭ بالىسى ئىقتىدارسىز بولۇپ قالسا بولاتتى. ئەمەلىيەتتە مۇنداق مۇتلەقلىق مەۋجۇت ئەمەس. بالىلارنىڭ تالانتى بىلەن ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇش جەريانىدىكى مۇھىتقا ماسلىشىش كۈچى، تەربىيەلىنىش شارائىتى، تەربىيەلىگۈچىنىڭ ساپاسى، ھەتتا شۇ بالا ياشىغان رايوننىڭ ئۆرۈپ ئادىتى قاتارلىق تەرەپلەرمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياخشى بولغان تەربىيەلىنىش شارائىتىدا ئەلۋەتتە بالىلارنى ياخشى، ئاق كۆڭۈل، چىچەن، زېرەك ياراملىق تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ، بىراق بۇ دېگەنلىك ھەشەمەتلىك تۇرمۇش، ياخشى تەربىيەلىنىش شارائىتى بولسىلا، بالىنى ياخشى تەربىيەلىگىلى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. مىھرىبانلىققا، شاد-خۇراملىققا، ئادالەتكە تولغان ئائىلىلا، بالىدا قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشىگە كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ ياخشى مۇھىتتۇر. شۇڭلاشقا ھەر قانداق ئاتا-ئانا بالىنى ئاق كۆڭۈل، چېچەن ھەم قابىلىيەتلىك ئادەم قىلىپ چىقىمەن دەيدىكەن: ئائىلىدە ئەر-ئايال بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، كۆيۈنىدىغان، كەڭ قورساق ئەپۇچانلىققا تولغان كۆڭۈللۈك ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىشى كېرەك. قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى: 1. تىل تەربىيەسىنى كۈچەيتىش. بالىلار چوقۇم ئانا تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان، مەقسەت مۇددىئاسىنى، ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك . 2. ئوقۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، يەنى بالىلاردا كىتاب ئۇقۇش، قانداق كىتابلارنى تاللاپ ئوقۇش، ئوقۇپ چۈشىنىش، بۇ خىل قابىلىيەت تەكرار كۆپ قېتىم ئوقۇش، ئوقۇش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئادەتتە ئۇقۇش ئۇسۇلى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولغاچقا، ئوقۇشتىن ئالىدىغان لەززەتمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. 3. قابىليەتنىڭ يېتىلىشى ــ ئالغا بېسىش سۈرئىتىنىڭ تېز-ئاستىلىغا باغلىق بولمايدۇ. بالدۇر ئالغا باسقان يەنى ئىقتىدارى بالدۇر بايقالغانلارنى، كېيىنمۇ شۇنداق قابىلىيەتلىك بولىدۇ دېگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئىزچىل، داۋاملىق تىرىشىش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئالايلۇق بېتخوۋىن، مۇزارتلارمۇ تۇغما تالانتلىقلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ داڭلىق مۇزىكانت بولالىشىدىكى سەۋەپ، ئەۋزەل مۇھىت، قالتىس قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا تەربىيەلىنىش بىلەن بىللە، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆزى ئىگىلىگەن قابىلىيەتنى نامايان قىلالىغان. 4. بالىلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنىڭ ئۆزى بىر قابىلىيەت. بىز دائىم بالىلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ بالىنىڭ مىجەزى ياخشى، ئۇچۇق-يۇرۇق ئىكەن. ئاۋۇ بالىنىڭ مىجەزى غەلىتە ئىكەن، دېگەندەك باھا بىلەن بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىش مۇھىتى، شارائىتىنى، تەھلىل قىلىمىز. توغرا بالىلارنىڭ مىجەز-خارەكتېرى تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇش، مۇھىتقا ماسلىشىش جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ. گەرچە ئېرسىيەتنىڭ تەسىرى بولغان تەقدىردىمۇ، مۇھىتنىڭ ۋە تەربىيەلىگۈچىنىڭ تەسىرىدەك زور بولمايدۇ. شۇڭا ياخشى ئۇچۇق يۇرۇق مىجەز-خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈشتە، ئەۋزەل مۇھىت بىلەن تەربىيەلىگۈچىنىڭ ساپاسىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى بەك مۇھىم. 5. بالىلارنى كۆڭۈل قويۇپ، ئاچچىقلانماي، سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيەلەش، قابىلىيەت تەربىيەسىنى ئىمكان بار بالدۇر باشلاش، يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەلىم-تەربىيەدىن بەھرىمەن قىلىش قابىلىيەت تەربىيەسىدىكى بەك مۇھىم ھالقا. 6. بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يۇشۇرۇن قابىلىيەت بىلەن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ تۇرىدىغان ئىچكى تۇيغۇسىنى بايقاش ئارقىلىق، جىسمىدا ۋە سەزگۈ ئەزالىرىدا كەمتۈكلۈك بار مېيىپ بالىلارنىمۇ قابىلىيەتلىك، ئىقتىدارلىق قىلىپ تەربىيەلەپ چىققىلى بولىدۇ.
|