پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

قانداق قىلغاندا بالىلاردا ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈر

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-07 22:11 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىدە ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئاتا-ئانىنىڭ پىسخىكىسى ساغلا
تەلەي +1

 

قانداق قىلغاندا بالىلاردا ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟

 

ئايبەختەم ئابدۇشۈكۈر

 

مۇتەخەسسىسلەر ئۇزاق يىل تەتقىقات قىلىش ئارقىلىق، بالىلىق دەۋرنىڭ ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئىكەنلىكىنى، ياخشى-يامان ئادەتلەرنىڭ ئاساسەن مۇشۇ مەزگىلدە شەكىللىنىدىغانلىقىنى، بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىلسە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ساغلام يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇنداقتا، بالىلاردا ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشتە قايسى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؟

ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىدە ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئاتا-ئانىنىڭ پىسخىكىسى ساغلام بولمىسا، پىسخىكىسى ساغلام پەرزەنت يېتىلدۈرەلىشى تەس. بەزى ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بالىلىرىنىڭ رايىغا بېقىپ، نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە قاراپ چوڭ قىلىدۇ. بۇنداق قىلىنسا بالىلار ئەركە، ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىۋالىدىغان، مەنمەنچى، شەخسىيەتچى بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئامراقلىق چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.

بالىلار ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرايدۇ، ئاتا-ئانىلىرىنى ھەممە ئىشتا ئۈلگە قىلىدۇ. ھازىر كۆپ قېسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆيدە تېلېۋىزورنىمۇ قويمايدۇ، بالىلىرى تاپشۇرۇق ئىشلەپ بولغىچە يېنىدا ئولتۇرىدۇ. بۇنداق قىلىنسا بالىلار ئۆگىنىشتە تېز ئالغا باسىدۇ. لېكىن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى باھانە قىلىپ، بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە دېگەندەك كۆڭۈل بۆلەلمەيدۇ، بۇنداق ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى تازا ياخشى بولمايدۇ.

نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان يەنە بىر تەرەپ شۇكى، بالىلارنى ئۆزى قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىماسلىق، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك كېرەك. بەزى ئاتا-ئانىلار مەكتەپنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ئاز كەلگەندەك بالىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ئاشسۇن، دەپ بالىلىرىنىڭ تەبىئىي تالانتى، ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۇلارنى زورمۇ زور تۈرلۈك كۇرۇسلارغا بېرىدۇ. بۇنىڭدا بەزى بالىلار ئاز-تولا بىر نېمە ئۆگىنىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ دېگەن يېرىدىن چىققان بىلەن، نۇرغۇن بالا بۇنىڭدىن بېسىم ھېس قىلىدۇ. بۇمۇ بالىلاردا ناچار پىسخىك ھالەتنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدا بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، قىزىقىشىنى ئاساس قىلىش كېرەك، تاشنى تاياققا تاڭغان بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. بالىلارنى بالىلار باغچىسى، ھايۋانات باغچىسى، مۇزىي، كۈتۈپخانا، كىتابخانىلارغا پات-پات ئاپىرىپ تۇرۇش، ئۇلارنىڭ ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشىگە پايدىلىق.

ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە كۆيۈمچان، ئېغىر-بېسىق بولۇشى، ھە دېسىلا ئۇرۇش-تالاش قىلماسلىقى لازىم، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۇرۇشماسلىقى، ئائىلە مۇھىتى بالىلاردا ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم تەرەپ ھېسابلىنىدۇ.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تارىخى بىلىملەر] ئەينى يىللاردا ئۇيغۇرلاردا كىتاپپۇرۇشلۇق [ 2012-02-07 23:05:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھەيۋەتلىك ۋە يىگانە تارىم [ 2012-02-07 23:01:13 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ماۋزېدوڭنىڭ ئون بالىسى [ 2012-02-07 23:00:07 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ش ئۇ ئا ر پارتىكوم 8- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ روھىدىن ق [ 2012-02-07 22:58:19 ]
[تارىخى بىلىملەر] 2- دۇنيا ئۇرىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زادى قانچىلىك [ 2012-02-07 22:56:43 ]
[تارىخى بىلىملەر] جوڭگۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا نىمە ئۈچۈن قەرز بۇلۇپ قالغ [ 2012-02-07 22:54:07 ]
[قانۇن تۇزۇم] شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش ن [ 2012-02-07 22:47:31 ]
[تارىخى بىلىملەر] كىشىنى چۆچۈتىدىغان شاڭخەي قۇراللىق توپىلىڭى [ 2012-02-07 22:44:49 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى تارىخى خاتى [ 2012-02-07 22:42:22 ]
[تارىخى بىلىملەر] ماخۇسەن قوشۇنلىرىنىڭ خوتەن خەلقىگە قىلغان زوراۋان [ 2012-02-07 22:39:40 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر