پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسەئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئوقۇتقۇچىلار قىلسا بولمايدىغان سۆ

يوللانغان ۋاقتى: 2011-02-20 11:51 مەنبەسى: ئاپتورى: keysarjan كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق ، ئۇزاق مۇددەتلىك ، مۇرەككەپ بىر خىزمەت .شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلدىغان تەلەپلەرمۇ ناھايىتى

ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق ، ئۇزاق مۇددەتلىك ، مۇرەككەپ بىر خىزمەت .شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلدىغان تەلەپلەرمۇ ناھايىتى ئىنچىكە ۋە كۆپ .ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆتكەن دەرسىلائوقۇغۇچىلارغاتەسىر قىلىپلا قالماستىن بەلكى دەرسخانىدا ئىشلەتكەن ھەربىر ئېغىز سۆزىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچى بولغان كىشى چىراي ئىپادىسى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپلا قالماستىن ،يەنە چوقۇم تىلنىڭ گۈزەل ،چىن ،سەمىمىي قىزغىن بولۇشىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك .شۇڭا ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىلىشقاتىگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنىڭ نىمە ئىكەنلىكى توغۇرسىدا تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كىرەك.

1.بالىلارنىڭ كەمچىللىكىنى مۇقۇملاشتۇرىدىغان ،بىرلا يەكۈن بىلەن ھەممىنى ئىنكار قىلىۋىتىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك كىرەك.

بەزى ئوقۇتقۇچىلار مەلۈم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كەمچىللىكىنى بايقاپ قالسا ،پۇرسەت بولسىلا ئۇنى ئېغىزغا ئالىدۇ.ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇنى ئۆزگەرمەس نوقتا دەپ قاراپ ،بىر تەرەپلىمە سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ.مەسىلەن :«ئەمدى سەندە ئۆمۈد يوق»«سەن ياخشى بولالىساڭ كۈن غەرىپتىن چىقىدۇ»«مەن سېنىڭ بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم»دېگەندەك .بۇنداق سۆزلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدۇ.ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى ھىسياتنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.

2.بەزى بالىلارغا چاپان ياپىدىغان ،بەزى بالىلارنىڭ ئەيىۋىنى ئاچىدىغان سۆزلەرنى قىلىشىتىن ساقلىنىش.

كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلاردادەرىستە ياخشى ،چىرايلىق بالىلارنى ياخشى كۆرىدىغان ئەھۋال كۆرۇلۇپ تۇرىدۇ.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەزىلىرى بۇنداق بالىلارنىڭ ئەيىۋىنى سىنىپتا ياپىدىغانغائالدىرايدۇ.مەسىلەن :«سەنغۇ ئېمتىھاندىن ئۆتۇپ كىتەتتىڭ ،بىراق سېنىڭ سىنىپتىكى ۋەزىپەڭ ئېغىر»«بۈگۈن ئەجەپ كېچىكىپ قاپسەنغۇ ،ئۆيدە جىددى ئىشىڭ چىقىپ قالغان ئوخشىمامدۇ»دىسە دەرستە ناچار ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا «يەنەشۇ تېلۋۇزۇر كۆرۇپ ئۆيدە لاپچىيىپ ئولتۇرغانسەن تايىنلىق »دەپ ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەيلا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.بەزى ئوقۇغۇچىلار سۇئالغا تولۇق جاۋاپ بىرىۋەتسە «تالانىت ئىگىسىدە سەن »دېگەندەك كۆپتۇرمە گەپلەرنى قىلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن دەرستە ياخشى بالىلاردا ئاسانلامەغرۇرلىنىش ،ناچار ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇتقۇچى بىلەن قارىشلىشى ،چۈشكۈنلىشىش پىسخكىسى شەكىللىنىپ قىلىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ نورمال ئوقۇتۇش خىزمىتىگە تەسىر يېتىدۇ.

3.قوپال سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .

بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەمچىللىكىنى تۈزۇتۈش مەقسىتىدە تەربىيە ئىلىپ بارماقچى بولغاندا بىر قىسىم قوپال سۆزلەرنى ئىشلىتىپ سالىدۇ.مەسىلەن :«سۆرەلمە»«تاسما»«دىتى يوق »«قاپاق كاللا»ئۇندىن باشقا لەقەم خاراكتىرلىك سۆزلەرنىمۇ ئىشلتىشتىن ساقلىنالمايدۇ.مەسىلەن:«ھوي ،قارىۋاي »«ئۈگدەك»«كالىدەك پۇشۇلدىما»«چاپاق»دېگەندەك .بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەبىي قەلبىگە ئىنتايىن يامان تەسىر بىرىدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچى بۇنداق سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم.قوپاللىق تىلدىكى ئەڭ يامان ئۆسمە.ئوقۇتقۇچى بۇتەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك.

4.ئۆزىنى كۆككە كۆتۇردىغان ماختايدىغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

بەزى ئوقۇتقۇچىلار سىنىپتا ئۆزىنىڭ ئوقۇغان مەكتىۋى ،ئائىلە تۇرمۇشى ھەققىدە سۆزلەپ سالىدۇ.ھەتتا ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىدىكى بەزى بىر تەرەپلەرنىمۇ سىنىپتا دەيدۇ.بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ئۆسۇپ يېتىلىشىدا بەلگىلىك يامان تەسىر بىرىدۇ.شۇڭائوقۇتقۇچى بۇنداق سۆزلەرنى قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش ،قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى قەتئىي قىلماسلىق كىرەك.

5.ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق چۈشەنچەبىرەلمەيدىغان ،چەك-چېگىرىسى ئېنىق ئايرىلمىغان ،بەزى سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك كىرەك.

بەزى ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتكەن چاغدا«بەلكىم ،مومكىن ،ئاساسەن »دىگەندەك ئېنىق ئەمەس سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ.بۇنداق سۆزلەر كۆپ ئىشلىتىلسە ئۆتمەكچى بولغان دەرس تۇغۇرسىدىكى ئوقۇمنىڭ ئوقۇغۇچىلارغاتوغرايەتكۈزۇلىشىدە بەلگىلىك يامان تەسىر بىرىدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچى ۋاقتىنچە ھەل قىلالمىغان تىمىلارئۈستىدەئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماسلىق ،دەرسخانىدائېنىق بولمىغان سۆزلەرنى قىلىپ چۈشۈنىكسىزلىك پەيداقىلماسلىق لازىم.

6.ئاغزى بېسىقماي ئەزمىلىك قىلىپ سۆزلەشتىن ھەزەر ئەيلەش.

دەرس ئۆتۈش جەريانىداقۇرۇق گەپ سىتىش ،قىممىتى بولمىغان سۆزلەرنى قىلىش ،ئارتۇقچە دەرس مەزمۇنىنى بىيىتىشقا ياردە م بىرەلمەيدىغان سۆزلەرنى قىلىش ،ئورۇنسىزماقال-تەمسىللارنى ،ھىكمەتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش ،ئوخشىتىشلارنى قالالمىقان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم .بەزى ئىشلاردا ئوقۇتقۇچى كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن دەرس ۋاقتىنى ئىگەللەپ شۇ ئىشنىڭ يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە سۆزلەيدۇ.بۇمۇ ئوقۇغۇچىلاردا بىر خىل ئوقۇتقۇچىدىن زىرىكىش تۇيغۇسى بىرىدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچى دەرس ۋاقتىدا ئاممىباپ چۈشۈنۈشلىك قىلىپ سۆزلەش ،ئارتۇقچە سۆزلەرنى قىلىپ ئەزمىلىك قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم

 مەنبەسى: مەكىت دولانلىق تورى(www.dolanlik.com) تېما ئادىرىسى:http://www.dolanlik.com/a/edu/jy/2011/0217/417.html

تەھىرلىگۇچى:تۇرسۇنجان

keysarjanنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى] ئوقۇتقۇچىلار قىلسا بولمايدىغان سۆ [ 2011-02-20 11:51:41 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
keysarjan تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-08-11 23:08 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2010-09-05 13:09
تەۋسىيەلەر