پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

يالغۇز پەرزەنتلەرگە قان

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-28 17:36 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
يالغۇز پەرزەنتلەرگە قانداقنۇقتىلارداتەربىيە بېرىش كېرەك ؟ پىلانلىق تۇغۇتسىياسىتىنىڭ يولغا

 

يالغۇز پەرزەنتلەرگە قانداقنۇقتىلارداتەربىيە بېرىش كېرەك ؟

 

پىلانلىق تۇغۇتسىياسىتىنىڭ يولغاقويۇلۇشىغا ئەگىشىپ ، جەمئىيەتتە يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەر كۆپەيدى . مەلۇمكى ، ئاتا - ئانا بولغۇچىنىڭ  - 1مۇددىئاسى پەرزەنتلىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەش ، چۈنكى پەرزەنت بىر ئائىلىنىڭ كەلگۈسى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكىجەمئىيەت ، خەلق ۋەپۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ، ئۇنداق بولسا ، بۇنداق يالغۇز پەرزەتلىك ئاتا - ئانىلار بالا تەربىيىسىدە زادىقانداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك ؟ 
ئەدەپ - ئەخلاق تەربىيىسى:
ھازىر يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەردە ئاتا - ئانىلار ماددىيجەھەتتىكى شارائىتلارنىتولۇقلاپ بەرگەچكە ، بالىلار ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا ئادەتلىنىپقالىدىغان ئەھۋاللارشەكىللەندى . نەتىجىدە يالغۇز پەرزەنتلەردە ئۆزىنىلا مەركەزقىلىدىغان ، ھەتتا ئاتا - ئانىسىنىمۇ كۆزگە ئىلمايدىغان ، مەنپەئەت ئۈچۈنھەممىنى قۇربان قىلىدىغان يامانسۈپەتلىك ئۆسمىلەر بىخ سۈرۈشكەباشلىدى . تېخىمۇ يامىنى شۇكى ، شەخسىيەتچىلىكيالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ روھىدۇنياسىنى چىرماپ ، ھەممە ئىشتا شەخسىيەتچىلىكئىدىيىسىنى تەرغىپقىلىدىغان بولۇۋالدى . بۇ خىل يامان يۈزلىنىشكە ۋاقتىدا چەكقويۇلمىسا ، ئائىلە - جەمئىيەت زور زىيانلارنى تارتماي قالمايدۇ . شۇڭا ئاتا - ئانىلاريالغۇز پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئەخلاق جەھەتتە يېتىلدۈرۈشكەئەھمىيەتبېرىشى كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل ئىبرەتلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپبېرىش ، ئۆزىدىكى ۋە باشقىلاردىكى ئارتۇقچىلىقلارنى ئۈلگە قىلىش ۋەبالىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىنتەربىيىلىنىشىنىچىڭ تۇتۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك .
ئادەم جىسمانىي جەھەتتە ساغلام بولۇپلا قالماستىن ، پىسخىكا جەھەتتىنمۇساغلام بولۇشىكېرەك . يېتىلگەن ئەقلىي قابىلىيەت ، ئۇلۇغۋار غايە ، مۇستەھكەم ئىرادە ، ئالىيجاناپ روھ ، ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت ئادەمنى بۈيۈك نەتىجىلەرگەيېتەكلەيدۇ .« پولات قانداقتاۋلاندى » ناملىق روماننىڭ قەھرىمانىپاۋىل كورچاگېنبۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى . شۇڭا بالىلارغا كېچىكىدىن تارتىپلا پىسخىكاتەربىيىسى بېرىشئۇلارنىڭھايات ئۇلىنى سالغانغا باراۋەر . ھازىر بالىلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى ئېغىربولغاچقا ، ئۇلارداجىمغۇرلۇق ، ئۆزىنى ئۆزى بەنت قىلىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپقېلىۋاتىدۇ ، بۇ خىل ئەھۋاليالغۇز پەرزەنتلەردە تېخىمۇ ئېغىر . بۇ خىل ئەھۋالغايولۇققان ئاتا - ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆزىدە بىر قەدەر مۇكەممەل پىسخىكتەربىيەبىلىملىرىنى ھازىرلاپ ، بالىلارنىڭ ئىدىيىسى ، كۆز قارىشى ، خىيالى ، كەيپىياتىقاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرگە كۆڭۈل بولۇشى ، ئۇلار بىلەن كۆپرەكسىردىشىپ ، ئۇلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ، ئۇلاردا ساغلامپىسخىكىنى يېتىلدۈرۈشىكېرەك
بىخەتەرلىك ، قوغدىنىش تەربىيىسى:
شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ ، ئولتۇراق ئۆيلەر ئومۇميۈزلۈكبىنالاشتى ، ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىزدىكى قولۇم - قوشنىلار ئۆز - ئارا كۆز - قۇلاقبولۇشىدىغانئىشلار يوقىغىلى تۇردى . شۇڭا ئاتا - ئانىلار يالغۇزپەرزەنتلىرىگە ئۆيىدە يالغۇزقالغاندا گاز ئوچاق ، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى ئىشلىتىشۋە باشقا خەتىرى چوڭنەرسىلەرگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشئارقىلىق ، ئۇلارغا ئائىلە بىخەتەرلىكتەربىيىسى بېرىشى كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقابالىلارغا ئوغرى - يالغان ، ئالدامچىلاردىنساقلىنىش تەربىيىسىنىمۇ بېرىشى لازىم . ئاتا - ئانىلار يەنە يالغۇز پەرزەنتلىرىگەجەمئىيەت چۈشەنچىسىنى بېرىپ ، ئۇلارنىڭ سىرتتىمۇ بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىشىنى ، ئالدامچىلارنىڭكەينىگە كىرىپ قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلماسلىقىنىبىلدۈرۈشىكېرەك
مۇستەقىللىق تەربىيىسى:
ھازىر ئائىلىلەردە يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ھەممىلا ئىشتائاتا - ئانىسىغا تايىنىدىغان ، يول كۆرسىتىپ تۇرمىسا ، بىرەر ئىشنىمۇستەقىل ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان خاراكتېرشەكىللىنىشكە باشلىدى . بۇخىل خاراكتېرنىڭ شەكىللىنىشى باللارنىڭ ئائىلىدىكىپائالىيەتلىرىبىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ، شۇڭائائىلە تەربىيىسىدە ئاتا - ئانىلارپەرزەنتىگە ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ياردەم بېرەلمەيدىغانلىقىنىئېنىق تونۇتۇپ ، ئۇلارداكىچىكىدىن تارتىپ ئۆزىگە تايىنىشنى شەرەپ ، دەپبىلىدىغان ئىجادچان روھنىيېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك
گەپ - سۆزدىكى ئەدەپ - قائىدە تەربىيىسى:
تىل قەلبنىڭ ئەينىكى ، پەرزەنت تەربىيىسىدە گەپ - سۆزدىكىئەدەپ - قائىدەتەربىيىسى ياخشى ئېلىپ بېرىلمىسا ، تۇغۇلىشىدىلاسۈپسۈزۈك « قەلب ئەينەك » غۇۋالىشىپ كېتىدۇ . يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەر بۇنۇقتىغا تېخىمۇدىققەتقىلىشى كېرەك .
ئەلشىر ناۋايى : « سۆزنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ ، ئەمما يالغانسۆزدىنيامانراق تۈر يوقتۇر » دېگەن . پەرزەنتلەرنىڭيالغانچىلىققا ئادەتلىنىپقېلىشى بىر ئاپەت ، بۇ ئاپەتنىڭ ئالدى ۋاقتىدائېلىنمىسا ، بالىنىڭ تەقدىرى مەڭگۈياخشىلانمايدۇ ، شۇڭا ئاتا - ئانىلار پەرزەنتىگە راستچىللىق تەربىيىسى بېرىشنى چىڭتۇتۇشىكېرەك . بىزدە تولا گەپ قىلىدىغان ئادەمنى « ئەدەپسىز ، لاۋزا » دەپقارايدىغان ئادەت بار . شۇڭا ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلەرنى گەپنى قىسقا ، مېغىزلىق قىلىشقا ، مەنىلىك ، ئورۇنلۇق سۆزلەشكە ئادەتلەندۈرۈشى تولىمۇمۇھىم .
ئومۇمەن ، ئاتا - ئانا بولغۇچى يالغۇز پەرزەنتىنىئائىلىنىڭ« كىچىك خاقان » ئىغا ئايلاندۇرۇۋالماي ، ھايات ھەقىقەتلىرىنىچۈشىنىدىغان ، ئۆزىگەتايىنىپ ياشايدىغان ، كىشىلەر بىلەن بولغانمۇناسىۋەتتە سەمىمىيەتنى 1 - ئورۇنغاقويىدىغان ، گەپ - سۆزدەسالماق ، كۆللېكتىپنى ئاۋۋال ، ئۆزىنى كېيىنگە قويۇپئويلايدىغانشەخسىيەتسىز ئادەم قىلىپ تەربىيىلەشكە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىشى كېرەك .

 

مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى .

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دوست بىكەت باشلىقلىرى سەمىگە: [ 2011-07-01 21:35:30 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مەسئۇلىيەتنام [ 2011-07-04 13:28:50 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] مەكتەپ -ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيەتنامە [ 2011-07-04 13:23:38 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 4-يىللىق 2-ماۋسۇم ئونۋىرسال ئىمتىھا [ 2011-06-29 19:17:34 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 4-يىللىق شىنجاڭ 2-ماۋسۇملۇق ئىمتىھا [ 2011-06-29 19:15:55 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 4-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ئىمتىھا [ 2011-06-29 19:10:25 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 4-يىللىق 2-ماۋسۇم ئىلىم-پەن ئىمتىھا [ 2011-06-29 19:07:34 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 2-يىللىق شىنجاڭ 2-ماۋسۇملۇق ئىمتىھا [ 2011-06-29 19:04:09 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 5-يىللىق 2-ماۋسۇم شىنجاڭ ئىمتىھان س [ 2011-06-29 18:47:56 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ھوشيارلىقنى ئۆستۇرۇپ،كىچىككىنە خ [ 2011-06-29 18:44:30 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر