پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىڭىز نېمىشقا گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالدى ؟

يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-29 12:37 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاتا – ئانىلار گەپ ئاڭلىمايدىغان بالىلىرىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە ، ئاشۇ گەپ ئاڭلىمايدى

بالىڭىز نېمىشقا گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالدى ؟

 

بىر قىسىم ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى ئاغرىنىشلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا ھەم بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارغا ھەمسۆھبەت بولغىنىمىزدا  ھەممەيلەن ئۇلارنىڭ تەشۋىشلەنگەن غەمكىن ھالىتىنى كۆرۈپ ، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىپ تەسەللى بەرسەك ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا مايىللىشىپ ئاشۇ گەپ ئاڭلىماس بالىلىرىدىن ئورتاق ئاغرىنىپ ، ئەگەر بىزنىڭ بالىمىزمۇ گەپ ئاڭلىماس بولۇپ قالسا زادى قانداق قىلارمىز ؟ دەپ ئويلىنىپ قالىمىز. كۆپ قىسىم ئاتا ئانىلار بالىلىرىدىكى سەۋەنلىكلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ، گەپ ئاڭلىماسلىقنىڭ سەۋەبىنى ئىلمىي يەكۈنلەپ ، مەسىلىنى مەنبەدىن قېزىشقا ۋە سەۋرچانلىق بىلەن تۈزىتىشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغاچقا ، ئۇزاققا بارماي بالىلىرىدا روشەن ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ ، يەنە قىسمەن ئاتا ئانىلار گەپ ئاڭلىمايدىغان بالىلىرىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە ، ئاشۇ گەپ ئاڭلىمايدىغان بالىلىرىدىن ئۆزلىرىگە باش ئاغرىقى تېپىۋېلىشىپ يۈرمەكتە .

   مەيلى قايسى خىل مىجەز ، قانداق سەۋەنلىكلەرگە ئىگە ،  قانداق خىلدىكى گەپ ئاڭلىمايدىغان بالىلار بولسۇن ، ئۇلار ھامىنى مۇئەييەن جەمئىيەت ، مۇئەييەن شارائىت ئاستىدىكى ئائىلىلەردە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ . دېمەك ، ئۇلاردا گەپ ئاڭلىماسلىقىنىڭ بىخلىنىشى ، يىلتىز تارتىشىمۇ دەل ئاشۇ ئائىلىدە بولىدۇ . شۇڭا بىز ئاتا ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك بەخت يۇلتۇزى ۋە نىجادكارى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنى جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەڭ مۈشكۈل ۋە جاپالىق مەجبۇرىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالغىنىمىز ئۈچۈن ، پەرزەنتتىمىز مەيلى ئائىلە ، مەكتەپ ياكى جەمئىيەتنىڭ قايسى بىر قاتلاملىرىدىن ،  ئوبيېكتىپ ياكى سۇبيېكتىپ ئامىلنىڭ تەسىرىدە بىلىپ بىلمەي ، مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالسا ، ئاتا ئانىلىق مەجبۇرىيىتىمىز ۋە ھېچكىم ئاتا قىلالمايدىغان مېھىر مۇھەببىتىمىز بىلەن ئۇلارغا سەمىمىي ، ئىللىق مۇئامىلىدە بولۇپ ھەم كۆيۈنۈپ ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىشمىز ، ھەرگىزمۇ ئۇلارغا زەربە بولىدىغان ، روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان گەپ سۆز ، ئىش ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقىمىز ، ئۇلارنى چۈشىنىشىمىز ،قوللىشىمىز ، دەردىگە يېتىشىمىز ، بولۇپمۇ ياش پەرقى ، جىنسى ، ئالاھىدىلىكى ، گەپ ئاڭلىماسلىقنىڭ شەكىللىنىشى ،  كونكرېت ئىپادىلىنىشى ، شۇ ۋاقىتتىكى ئىدىيەسى  ، ئىش ھەرىكىتى ، ئۆگىنىشى ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىكى تىپىك ئۆزگىرىش ھالىتى  ، روھىي كەيپىياتى قاتارلىقلارنى ئىنچىكە كۆزىتىپ ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدا ، ئەمەلىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان گەپ ئاڭلىماسلىققا سەۋەب بولغان كونكرېت سەۋەبلەرنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك .

   بىز پەقەت ئاشۇ گەپ ئاڭلىمايدىغان بالىلىرىمىزغا كەڭ ، ئىللىق قۇچاق ئاچساقلا ، ئۇلارنى چۈشەنسەكلا بولىدۇ . مانا بۇ گەپ ئاڭلىمايدىغان بالىلار نۆۋەتتە ئەڭ مۇھتاج بولۇۋاتقان ۋە كەلگۈسىدىمۇ ئەڭ مۇھتاج بولىدىغان مەڭگۈلۈك مەنىۋى ئوزۇق .

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر