پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىلارغا كىتاب سىتىۋالغاندا......

يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-27 10:55 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
توققۇز ئايلىقتىن بىر ياشقىچە بولغان بالىلار: بۇ ياشتىكى بالىلارغا رەڭلىك رەسىملىك كىتاب ئېلىپ بېرىش كېرەك.

  بالىلارغا كىتاب سىتىۋالغاندا......

 

بالىلارغا كىتاب سېتىۋالغاندا قارىغۇلارچە سېتىۋىلىشقا بولمايدۇ. چوقۇم بالىلارنىڭ يېشى، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، چۈشىنىشلىك، قىزىقارلىق كىتابلارنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. كىتابنىڭ مەزمۇنىنى بالىلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگەرتىش لازىم. توققۇز ئايلىقتىن بىر ياشقىچە بولغان بالىلار: بۇ ياشتىكى بالىلارغا رەڭلىك رەسىملىك كىتاب ئېلىپ بېرىش كېرەك. رەسىملەر بالىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشقا ۋە ئوخشاش بولمىغان جىسىملارنى تونۇشىغا پايدىلىق.

بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلار: بۇ ياشتىكى بالىلارغا ئۆي، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ھايۋانات، ئويۇنچۇق قاتارلىق ئۇلارغا بىر قەدەر تونۇش بولغان نەرسىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملىك كىتاب ئېلىپ بېرىش كېرەك. كىتابنىڭ رەسىمى ئاددىي، رەڭگى ئوچۇق، مۇۋاپىق مەنزىرە كىرىشتۈرۈلگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى.

ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلار؛ بۇ ياشتىكى بالىلارغا مەزمۇنى ئاددىي، قىزىقارلىق، قىسقا ھېكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بالىلارغا تونۇشلۇق بولغان شەيئىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىتابلارنى تاللاپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. قىسقا ھېكايىلەرنى ئوقۇپ بەرسە، بالىلارنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.

ئۈچ ياشتىن تۆت ياشقىچە بولغان بالىلار: بۇ ياشتىكى بالىلارغا ئىنچىكە مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىتابلارنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. كىتابتىكى مەزمۇنلار چوقۇم بالىلار قىلالايدىغان ئىشنى، ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇشى كېرەك.

تۆت ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلار: بۇ ياشتىكى بالىلارغا ھېكايە تۈسى بار، ۋەقەلىكى قىزىقارلىق چاتما رەسىملىك كىتاب، ھايۋانلار توغرىسىدىكى ھېكايە كىتاب ۋە بالىلار چۆچەكلىرىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك، بەش ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار: بۇ ياشتىكى بالىلارغا مەزمۇنى قىزىقارلىق، رەسىملىك ھېكايە كىتاب ئېلىپ بېرىش لازىم.

مەنبە:رادىئو تورى

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى ۋە ئالدى [ 2011-08-27 11:58:57 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] كىچىك بالىلار يالاڭ ئاياغ ئوينىسا تېخىمۇ ساغلام بو [ 2011-08-27 11:54:37 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى — دولقۇن قادىر [ 2011-08-27 11:46:00 ]
[تارىخى بىلىملەر] مىللى ھۆنەر - سەنئەت --- كەلپىن قوشۇقى [ 2011-08-27 11:25:39 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلارغا زىيادە يۇقۇرى تەلەپ قويۇش زىيانلىق [ 2011-08-27 11:13:09 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلارغا كىتاب سىتىۋالغاندا...... [ 2011-08-27 10:55:20 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] پەرزەنت بىلەن تەڭ ئۆسۇپ يىتىلىش [ 2011-08-27 10:48:57 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] يەتتە خىل ئىرسىيەت كېسەللىكى ئانىدىن بالىغا تارقى [ 2011-08-19 17:24:57 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دائىم ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلارغا پايدىلىق كۆكتا [ 2011-08-19 17:21:39 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] دادا،ئانا يۈرەك سۆزۈمنى ئاڭلاپ قويۇڭلار! [ 2011-08-19 17:18:53 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر