پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تەربىيەسى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-24 16:51 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
قائىدە-يوسۇن بىلمەيدىغان ئەدەبسىز بالىلار چېقىلسا، كىشىلەر ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەيىبلەيدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تەربىيەسى

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئائىلە ئىستىلىغا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قاراشقا ئادەتلەنگەن. چۈنكى، ئۇلار ئائىلە ئىستىلىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشىنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىشى ياكى ۋەيران بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەرقانداق بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسى شۇ ئائىلىنىڭ ئورتاق ئىستىلى بەلگىلىگەن دائىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا ئائىلە تەربىيەسى مۇنداق ئىككى مۇھىم مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، ئەخلاقىي تەربىيەگە ئەھمىيەت بىلەن قاراش؛ يەنە بىرى، ئائىلە شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىشتىن ئىبارەت.

ئائىلە ئەزالىرىغا ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىدە كۆز قارىشىدا «ئاتىنىڭ ئىزى بالىغا قالىدۇ» دېگەن ئەقىدە ناھايىتى كۈچلۈك. شۇ سەۋەبتىن قائىدە-يوسۇن بىلمەيدىغان ئەدەبسىز بالىلار چېقىلسا، كىشىلەر ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەيىبلەيدۇ. «چاقتا گۇناھ يوق، شادىسى بۇزۇق قىزدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق» دېگەن ماقال ئەنە شۇ ئەنئەنىۋى قاراشتىن چىققان.

ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يۈرگۈزۈلىدىغان ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ مەزمۇنى ۋە دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئومۇمەن ئائىلە ئەزالىرىنى ئەمگەكچان، راستچىل، ئۆزئارا كۆيۈمچان، ئاق كۆڭۈل، ئەقىل–پاراسەتلىك، ئىنساپلىق قىلىپ تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوغۇل بالىنى تەربىيەلەشنى ئاساسەن ئاتا، قىز بالىنى تەربىيەلەشنى بولسا ئانا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا بولغۇچى ئوغلىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ، جەمئىيەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىدىغان سورۇنلارغا بىرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئۆيگە مېھمان كەلسە، بالىسىنى چاقىرىپ مېھمانغا ئەدەپ بىلەن سالام بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. مېھماننىڭ قولىغا سۇ بېرىشنى مەقسەتلىك ھالدا بالىغا تاپشۇرىدۇ ۋە باشقىلار. ئۇيغۇرلار نەزىرىدە قىز بالا باشقا ئائىلىگە «بالا» بولىدىغان بولغاچقا، قىز بالىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئۆي تازىلىقى، كىر-قات يۇيۇش، تاماق ئېتىش، تىكىمچىلىك قاتارلىق ئىشلارنى ئۆگىتىدۇ.

دېمەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئائىلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتكۈل ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-يوسۇنلار بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دىلىغا پۈتۈلگەن «خاتىرىسىز ئاساسىي قانۇن» دۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇ تارىختىن بۇيان بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادەت سۈپىتىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئائىلە قائىدە-يوسۇنلىرىغا خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەش ۋە چەكلەش رولىنى ئويناپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.

ئۆمەرجان سىدىقنىڭ «سۆيۈملۈك يۇرتىمىز» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىڭىزغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ تۇرامسىز؟ [ 2011-08-24 17:29:10 ]
[تارىخى بىلىملەر] چىراغ مەدەنىيىتىمىزدىن نەمۇنىلەر [ 2011-08-24 17:27:32 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ئويۇنى__پاپۇز [ 2011-08-24 17:26:06 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] كېپىنەكنىڭ تۈس ئۆزگەرتەلىشىنىڭ سىرى ئېچىلدى [ 2011-08-24 17:21:13 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] شىزاڭ مۇسۇلمانلىرى [ 2011-08-24 17:00:44 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلارنىڭ خورەك تارتىشىغا سەل قارىماڭ [ 2011-08-24 16:57:04 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئائىلە تەربىيەسىدىكى يوسۇنلار [ 2011-08-24 16:54:00 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تەربىيەسى [ 2011-08-24 16:51:32 ]
[تارىخى بىلىملەر] پۇلدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان؟ [ 2011-08-24 16:42:22 ]
[تارىخى بىلىملەر] تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۈركلەر ئۆتكىلى خارابىسى [ 2011-08-24 16:40:53 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر