باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۈركلەر ئۆتكىلى خارابىسى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-24 16:40 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۆگەن دەريا ئېغىزىغا جايلاشقان تۈركلەر ئۆتكىلى خارابىلىكتىكى سېپىل ئۇزاق يىللىق بوران-چاپقۇننى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۈ

تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۈركلەر ئۆتكىلى خارابىسى

 

توقسۇ ناھىيەسىدىكى ئۆگەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا تۈركلەر ئۆتكىلى خارابىلىكى بار. بۇ خارابىلىكنىڭ سېپىلى كېسەكتىن قوپۇرۇلغان بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدۇ، قېلىنلىقى بىر مېتىر كېلىدۇ. بۇ خارابىلىك يېقىنقى زامانلارغا كەلگەندىلا ئاندىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

فىرانسىيەلىك ئالىم پېللىئوت 1907-يىلى تۈركلەر ئۆتكىلى خارابىلىكىنى تۇنجى قېتىم بايقىغان ھەم بۇ خارابىلىكتىن بۇت، تام رەسىمى، ساپال قاچا-قۇچا، قەدىمكى پۇل، مىس تامغا، سانسكرىت يېزىقى، كۈسەن يېزىقى ۋە خەنزۇ يېزىقىدىكى 200 نەچچە پارچە خەت-ئالاقە قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قازغان. 1986-يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋاڭ بىڭخۇا بۇ خارابىلىكنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈپ، بۇ خارابىلىكنى «يېڭى تاڭنامە. جۇغراپىيە تەزكىرىسى»نىڭ 43-جىلتىدا خاتىرىلەنگەن 7-، 10- ئەسىرلەرگە خاس تۈركلەر ئۆتكىلى دەپ بېكىتكەن. «يېڭى تاڭنامە. جۇغراپىيە تەزكىرىسى» ناملىق كىتابتا سۈي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە غەربىي تۈركلەر قۇدرەت تېپىپ، غەربىي يۇرتنى كونترول قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن. ئەينى ۋاقىتتا كۈسەن، كىنگىت، سۇلى قاتارلىق غەربىي يۇرت بەگلىكلىرى غەربىي تۈركلەرنىڭ كونتروللۇقىدا ئىدى. مىلادى 640-يىلى تاڭ سۇلالىسى قوچۇ رايونىدا ئەنشى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى قۇرغان. مىلادى 648-يىلى تاڭ سۇلالىسى ئەنشى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى كۈسەنگە كۆچۈرگەندىن كېيىن، غەربىي تۈركلەرنىڭ قايتا ھۇجۇم قىلىپ كېلىشىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، چۆلتاغنىڭ غەربىي شىمال ئېتىكىدىكى يەر تۈزۈلۈشى تار بولغان ئۆگەن دەريا ئېغىزىغا ئۆتكەل قۇرۇپ، بۇ ئۆتكەلگە تۈركلەر ئۆتكىلى دەپ نام بەرگەن. ئەينى يىللاردا تۈركلەر ئۆتكىلى يولۇچىلار چوقۇم ئۆتىدىغان مۇھىم ئۆتكەل بولغان. 1993-يىلى توقسۇ ناھىيەسى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ بۇ خارابىلىككە چوڭ مەرمەر تاشتا خاتىرە مۇنار تىكلىدى.

ئۆگەن دەريا ئېغىزىغا جايلاشقان تۈركلەر ئۆتكىلى خارابىلىكتىكى سېپىل ئۇزاق يىللىق بوران-چاپقۇننى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۈگۈنكى كۈندە قەدىمىيلىكىنى ساقلاپ، يەنىلا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

شىنجاڭ گىزىتىدىن ئېلىندى.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىڭىزغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ تۇرامسىز؟ [ 2011-08-24 17:29:10 ]
[تارىخى بىلىملەر] چىراغ مەدەنىيىتىمىزدىن نەمۇنىلەر [ 2011-08-24 17:27:32 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ئويۇنى__پاپۇز [ 2011-08-24 17:26:06 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] كېپىنەكنىڭ تۈس ئۆزگەرتەلىشىنىڭ سىرى ئېچىلدى [ 2011-08-24 17:21:13 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] شىزاڭ مۇسۇلمانلىرى [ 2011-08-24 17:00:44 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلارنىڭ خورەك تارتىشىغا سەل قارىماڭ [ 2011-08-24 16:57:04 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئائىلە تەربىيەسىدىكى يوسۇنلار [ 2011-08-24 16:54:00 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تەربىيەسى [ 2011-08-24 16:51:32 ]
[تارىخى بىلىملەر] پۇلدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان؟ [ 2011-08-24 16:42:22 ]
[تارىخى بىلىملەر] تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۈركلەر ئۆتكىلى خارابىسى [ 2011-08-24 16:40:53 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر