شىزاڭ مۇسۇلمانلىرى پەرھات يۈسۈپ
مەزكۇر ساياھەت خاتىرىسى تىپىدىكى ماقالىنىڭ دۆلىتىمىز ۋە مەركەزنىڭ مىللى - دىننى سىياسىتىنى يورۇتۇپ بىرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقى ھەمدە شىزاڭغا دائىر مەلۇم تونۇشقا ئىگە قىلىدىغانلىقى ئۇچۇن كەڭ دوسلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش مەخسىتىدە يۆتكەپ كىلىندى. كۆپىنچە كىشىلەر شىزاڭنى قەدىمدىن تارتىپ ھەممە كىشى دېگۈدەك زاڭزۇلاردىن تارقالغان بۇددا دىنى (لاما دىنى) غا ئېتىقاد قىلىدىغان سىرلىق ماكان، دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئەسىرلەردىن بۇيان دۇنيا ئۆگزىسىدە ئۆزگىچە خاسلىقى بىلەن يىلتىز تارتىپ ياشاپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلار توپىنىڭ بارلىقىدىن كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ خەۋىرى بولمىسا كېرەك. ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرمۇ يوق دېيەرلىك. بۇددا دىنىي ئىبادەتخانىلىرى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان مۇقەددەس شەھەر لاسادا زاڭزۇلىشىپ كەتكەن روشەن خاسلىققا ئىگە بىر مۇسۇلمانلار توپى بار. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى زاڭزۇلارغا ناھايىتى يېقىن، ئۇلارنىڭ ئوي-مەقسەتلىرىنى راۋان، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەيدىغان تىلىمۇ زاڭزۇ تىلى، ھېيت-بايراملاردا ئەڭ كۆپ كىيىدىغىنى زاڭزۇچە كىيىم، مېھمانلارنى كۈتكەندە ئەڭ بۇرۇن ئالدىغا قويۇدىغىنىمۇ سېرىق ماي چىيى. يەرلىكلەر ئۇلارنى «كاچې» دەپ ئاتايدۇ. بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەجدادى بولغان شىزاڭدىكى ئەڭ بۇرۇنقى مۇسۇلمانلارنىڭ كەشمىردىن كەلگەنلىكى، قەدىمكى زاڭزۇ تىلىدا، كەشمىرنىڭ «كاچې يول» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. ھازىر كىشىلەر ئۇلارنى «شىزاڭ خۈيزۇلىرى» دەپ ئاتايدۇ، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى خۈيزۇ دەپ ئايرىغىنىدىن بولسا كېرەك. مەيلى «كاچې» بولسۇن ياكى «شىزاڭ خۈيزۇلىرى» بولسۇن، زاڭزۇ تىلىنى ئانا تىل قىلغان، ئۆزلىرىنى شىزاڭلىق دەپ قارايدىغان بۇ مۇسۇلمانلارنى «شىزاڭ مۇسۇلمانلىرى» دەپ ئاتاش مۇۋاپىقراق. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادى 8-ئەسىرلەردىلا، تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆچمەن مۇسۇلمانلار كەشمىردىن شىزاڭغا كەلگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، نىكاھ ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مۇسۇلمانلار تۈركۈملەپ لاساغا كېلىپ ماكانلاشقان. ئادەم سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئاخىرى بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە مەھەللە-رايوننى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئالاھىدە كىشىلەر توپى ھەققىدە چوڭقۇرراق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، مەن لاسادا مۇخبىرلىق قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئالدى بىلەن بۇددا دىنى مۇرتلىرى تەلپۈنىدىغان مۇقەددەس جاي «داجاۋ ئىبادەتخانىسى» غا ئانچە يىراق بولمىغان لاسا كونىشەھەر رايونىنىڭ خېبالىن يولى بۆلىكىدىكى لاسا چوڭ مەسچىتىگە يېتىپ باردىم.
![]() ئاپتور لاسا چوڭ مەسچىتى ئالدىدا باكو كوچىسىدىن شەرققە قاراپ 100 مېتىرچە ماڭغاندا، قەدىمكى زاڭزۇ ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر ئارىسىدىن مەسچىت ئۈستىدىكى مۇنارغا قادالغان ھىلال ئاي كۆزگە چېلىقىدۇ. مەسچىتنىڭ دەرۋازىسى ياغاچتىن ياسالغان راۋاق شەكىللىك دەرۋازا بولۇپ، ئۈستىگە ئەرەبچە، زاڭزۇچە، خەنزۇچە يېزىقتا «شىزاڭ لاسا چوڭ مەسچىتى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان. ھويلا ئىچىدىكى تاملارنىڭ كۆپىنچىسى زاڭزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبى بويىچە بېزەلگەن بولۇپ، قويۇق ئىسلام دىنى ۋە يەرلىك بىناكارلىق سەنئىتى بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇ مەسچىت بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس زېمىنىغا جايلاشقان بولغاچقا، بىناكارلىق ئۇسلۇبى جەھەتتە قۇببىسىمان ئۆگزىنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپلا قالماستىن، يەنە شىزاڭنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا ئىشلىتىلىدىغان رەڭلەر ۋە نەقىشلەر بىلەن بېزىلىپ، لاسانىڭ ئومۇمىي بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، دىن، مەدەنىيەتنىڭ بىر-بىرىگە ماسلاشقان ھالدا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى تولۇق نامايەن قىلىنغانىدى. مەسچىتنىڭ ئىمامى ياقۇپ ئاخۇن بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. لاسادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ياقۇپ ئاخۇن ئېگىز بوي، قاڭشارلىق، كۆزلىرى يوغان، قويۇق ساقال قويۇۋالغان، كىلىشكەن كىشى ئىدى. سېپى ئۆزىدىن يەرلىك مۇسۇلمان ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ زاڭزۇچە، خەنزۇچە، ئەرەبچىنى پىششىق بىلىدىكەن. ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن كىشى چەت ئەللىك دەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ياقۇپ ئاخۇن بىزنى باشلاپ مەسچىتنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرغاچ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ![]() ئاپتور مەسچىت ئىمامى ياقۇپ ئاخۇننى زىيارەت قىلماقتا ![]() زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر مەسچىت ئىچىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا — ھازىر لاسادا يەرلىك مۇسۇلماندىن تەخمىنەن 5000 كىشى بار، سىرتتىن شىزاڭغا تىجارەت، خىزمەت قىلغىلى، ئوقۇغىلى كەلگەن مۇسۇلمانلار 100 مىڭدىن ئاشتى. ھازىر شىزاڭدا يەتتە مەسچىت بار (بەشى لاسادا، رىكازې ۋە چاڭدۇدا بىردىن بار) بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ تۈرلۈك دىنىي پائالىيەت ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، لاسا مەسچىتى شىزاڭدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت بولۇپ، مىلادى 10-ئەسىردە سېلىنغان، كېيىن نۇرغۇن قېتىم رېمونت قىلىنغان. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دىنىي سىياسىتى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، 2001-يىلى يەنە بىر قېتىم رېمونت قىلىنغان. ئادەتتە مەسچىتكە ناماز ئۆتىگىلى كېلىدىغان مۇسۇلمانلار 250 تىن 300 گىچە، جۈمە نامىزىغا كېلىدىغانلارنىڭ سانى 3000 غا يېتىدىكەن. بىزگە ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە بارغان لاسا شەھەرلىك تەرجىمە-تەھرىر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما دىڭمۇ يەرلىك مۇسۇلمان ئىدى. ئۇ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: — شىزاڭ ئازاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى، لاسادا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى يىمەك-ئىچمەك، تىككۈچىلىك، ئۇن تارتىش قاتارلىق ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىناتتى، ھازىر بولسا ھەر خىل كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. مائارىپ، تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، شىزاڭدا مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن يەرلىك مۇسۇلماندىنلا ئىككىسى بار. مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىشنى مىسالغا ئالساق، گەرچە 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن خىراجەت كەتسىمۇ، ھەجگە بېرىشقا تىزىملىتىۋاتقانلار يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە. ![]() ئاپتور لاسا شەھەرلىك تەرجىمە-تەھرىر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما دىڭنى زىيارەت قىلماقتا ![]() ئاپتور شىزاڭلىق موماي بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى بىز مەسچىتتە 70 ياشتىن ئاشقان بىر موماينى ئۇچرىتىپ قالدۇق. ئۇ ئازادلىقتىن ئىلگىرىلا مەككىگە بارغان ئىكەن، يېقىندا يەنە بىر قېتىم بېرىپتۇ. ئۇ سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ، زاڭزۇچە كىيىمىنى كىيىپ، بىز بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. ![]() ئاپتور مۇسۇلمانلار مەھەللىسىدە مەسچىتتىن چىقىپ، ئەتراپتىكى كوچىغا يەنە بىر قېتىم كۆز يۈگۈرتتۇق. مەسچىت بولغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ يەر «مۇسۇلمانلار مەھەللىسى» بولۇپ شەكىللەنگەنىدى. قەدىمكى زاڭزۇچە ئىمارەتلەر ئاساس قىلىنغان كوچىدا «مۇسۇلمانچە» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋېۋىسكىلار قەدەمدە بىر ئۇچرايتتى. ئاق دوپپا كېيىۋالغان ئەرلەر، ياغلىق ئورىۋالغان ئاياللارمۇ ئۇچراپ تۇراتتى. — زاڭزۇلاردىن تارقالغان بۇددا دىنىنىڭ مەركىزىدە بۇ بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلارنىڭ ماكانلىشىپ يىلتىز تارتىشى ھەمدە زاڭزۇلارغا ئوخشاش باراۋەر سىياسىي، ئىقتىسادىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇپ، دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئەركىن ئېلىپ بارالىشىنىڭ ئۆزىلا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، باراۋەرلىكى، ئىناقلىقنىڭ ئىسپاتى، — دەيدۇ ياقۇپ ئاخۇن. ![]() ئاپتور مۇسۇلمانلار مەھەللىسىدىكى ئامما بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە لاسا مەسچىتىدىن ئايرىلىپ، چۈشكە يېقىن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ شىزاڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭدۈينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بۇددالا سارىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، داڭلىق لالۇ نەم يېرى بويىدىكى «كاچې لىنكا»غا يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەردە شۇنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش كېرەككى، زاڭزۇ تىلىدا «لىنكا» باغچا دېگەن مەنىدە. بۇ يەرمۇ مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرالغۇلىرى، قەبرىستانلىق ۋە ئىككى مەسچىت بار ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 16-ئەسىردە، كەشمىردىن شىزاڭغا كەلگەن بىر ئاخۇن 5-ئەۋلاد دالاي لامادىن ماكانلىشىشقا جاي تەلەپ قىلغان، دالاي لاما ئادەم ئەۋەتىپ بۇ يەردىن ئەتراپقا قارىتىپ ئوقيا ئاتقۇزغان، ئوقيا چۈشكەن دائىرىنى ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ئايرىپ بەرگەن. بۇ يەرنىڭ غەربىي ۋە شەرقىدە ئىككى مەسچىت بار بولۇپ، ئارىلىقى نەچچە ئون مېتىرلا كېلىدىكەن. مەسچىتنىڭ جەنۇبى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بولۇپ، قەبرە قوپۇرۇلمايدىكەن. پەقەت يەرلىكنىڭ ئۈستىگە قەبرە تېشى ئورنىتىلىپ، قازا قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تۇغۇلغان ۋە قازا قىلغان يىل، ئاي، كۈنى يېزىپ قويۇلىدىكەن. ![]() ![]() «كاچى لىنكا» دا يارىشىملىق زاڭزۇچە كىيىم كىيىۋالغان، چىرايى ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىغان خەدىچە خانىم بىزنى كۈتۈۋالدى. ئۇ پونكىت باشلىقى ۋاڭ دۈينىڭ دوستى، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان مەھمۇد سەيىدنىڭ ئايالى ئىكەن. خۇشاللىنارلىقى شۇكى، بۇ يەردە توي بولۇۋاتقانىدى، خەدىچە خانىم بىزنى تويغا تەكلىپ قىلدى. توي بولۇۋاتقان جاي «كاچى لىنكا» نىڭ شەرقى جەنۇبىدا بولۇپ، بىر كىچىك ئىشىكتىن چىقىشىمىزغىلا، ئالدىمىزغا قۇببىسىمان ئۆگىزىلىك راۋاق كۆرۈندى. راۋاقنىڭ ئوڭ تەرىپىگە بىر ئابىدە قوپۇرۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە ئەرەبچە، زاڭزۇچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە تۆت خىل يېزىقتا ئەينى يىللىرى 5-ئەۋلاد دالاي لامانىڭ «ئوقيا ئېتىپ يەر ئايرىپ بەرگەنلىكى»گە ئائىت قىسقىچە تارىخ يېزىلغانىدى. راۋاقنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئېتىلىش ئالدىدا تۇرغان ئوقيا، ئوقيانىڭ ئاستىغا «1650» دېگەن رەقەم ئويۇلغان بولۇپ، كىشىلەرگە بۇ زېمىننىڭ تارىخىدىن خەۋەر بېرەتتى. بىز سۈرەتكە تارتىۋاتقاندا، پونكىت باشلىقى ۋاڭ دۈينىڭ دوستى مەھمۇد سەيىد ۋە بۈگۈن تويى بولۇۋاتقان يىگىتنىڭ ئاتىسى ئابدۇل ھەلىم يېتىپ كەلدى، بىز ئۇلارنىڭ كەينىدىن ھويلىغا كىردۇق. باشقا مىللەتلەرنىڭ تويى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شىزاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تويى تولىمۇ تىنچ ئۆتىدىكەن. ئەرلەر بىر چەتتە قېنىق سېرىق ماي چېيىنى ئىچىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدىكەن. زاڭزۇچە كىيىملەرنى كىيگەن ئاياللار مەيلى چوڭ-كىچىك ياكى قېرى-ياش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يېمەكلىك تەييارلاش بىلەن ئالدىراش ئىكەن. توي كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈۋاتقىنى پەقەتلا ئۇلارنىڭ بايراملىق كىيىملىرى، كۈلكە جىلۋېلىنىپ تۇرىدىغان چىرايلىرى ۋە بوشقىنە قويۇلۇۋاتقان ھىندىستان، پاكىستان ناخشىلىرى ئىدى. تويى بولۇۋاتقان يىگىتنىڭ ئاتىسى ئابدۇل ھەلىم ناھايىتى پاراڭچى ئىكەن. بۈگۈن ئۇنىڭ ئوغلىنى «ياتلىق» قىلىدىغان كۈنى بولغاچقا، پارىڭىمىزمۇ تەبىئىيلا شىزاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ توي ئادىتىدىن باشلاندى. ئۇ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: — شىزاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ تويى ئۆزگىچىلىككە ئىگە. قىز تەرەپ يىگىت تەرەپكە ياتلىق بولسا، يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە «ياتلىق» بولسىمۇ بولىدۇ. بۇنى ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ. توي ئادەتتە ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۈگۈنكى توينى ئېلىپ ئېيتساق، ئوغلۇمنى قىز تەرەپكە «ياتلىق» قىلىدىغان بولغاچقا، بىرىنچى كۈنى قىز تەرەپ ئۆيدىكىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئەتىگەندىلا يىگىت تەرەپنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىر كۈن تۇرۇپ، يىگىت تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ ئىككىنچى كۈنى يىگىت تەرەپ قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، قىز تەرەپنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلىپ، رەسمىي ئۆيلۈك بولىدۇ. توي مۇراسىمى ئادەتتە ئۆيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئادەم كۆپ ۋاقىتلاردا، باغچىغا بىر نەچچە چىدىر تىكىپ، مېھمان كۈتۈۋېلىنىدۇ. توي مۇراسىمىدا ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ، ناخشا ئېيتىدىغان، ئۇسۇل ئوينايدىغان مۇراسىممۇ بولمايدۇ، مېھمانلار كۈن بويى بىر تەرەپتىن پاراڭلاشقاچ، بىر تەرەپتىن نازۇ-نېمەتلەرگە ئېغىر تىگىشىدۇ. ![]() ئاپتور شىزاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ تويىغا قاتناشماقتا پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئالدىمىزغا ھورى چىقىپ تۇرغان گۆش، پۇرچاق، پىشلاق قىيمىلىق مانتىلار كەلتۈرۈلدى. بۇمۇ ئۇلارنىڭ توي-تۆكۈن يىغىلىشىدا مېھمان كۈتۈۋالىدىغان ئالاھىدە يىمەكلىكى ئىكەن. تويغا كەلگەن، شىزاڭ مۇزىيىدا ئىشلەيدىغان ئەلى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: —شىزاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ تويدىكى يېمەكلىكىمۇ ئۆزگىچە. ئادەتتە ناشتىغا چىقىرىلىدىغىنى — «ساۋىنا» يەنى خېمىر ئىنچىكە سوزۇلۇپ مايدا داغلاپ پىشۇرۇلۇپ، سۈتكە چىلاپ ئىچىلىدىغان بىر خىل تاتلىق يېمەكلىك. چۈشتە چىقىرىلىدىغىنى —گۆش، پۇرچاق، پىشلاق قىيمىلىق مانتىلار. كەچتىكىسى — ئاساسلىقى پولو. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، پولو كالا-قوي گۆشى، سەۋزە، پىيازنى مايدا قورۇپ، گۈرۈچ بىلەن دۈملىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە يېمەكلىكى. لېكىن شىزاڭ مۇسۇلمانلىرى ئەتكەن پولونىڭ ئاتىلىشى ئوخشاش بولسىمۇ، ئېتىلىشى ۋە خۇرۇچلىرى ئوخشىمايدىكەن. ئۇلار پولونى سېرىق ماي بىلەن قورۇپ دۈملەيدىكەن. سەۋزە، پىياز قاتارلىق خۇرۇچلىرىمۇ بولمايدىكەن. قوتاز گۆشىمۇ ئايرىم پىشۇرۇلىدىكەن. ئۇلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىزاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ يەنە نۇرغۇن ئۆزگىچە يېمەكلىكلىرى بار ئىكەن. بايا تىلغا ئالغان «ساۋىنا»، «پولو»دىن سىرت، يەنە «خالو»، «سالان»، «بىلىلى» دەپ ئاتىلىدىغان تائاملىرى بار ئىكەن. قانداق يىمەكلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سېرىق مايدىن ئايرىلالمايدىكەن. بۇمۇ بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ شىزاڭ جەمئىيىتىگە چوڭقۇر سېڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەززىلىك مانتىغا ئېغىز تېگىپ، چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋېلەنگەن قىز-يىگىتكە چىن كۆڭلىمىزدىن بەخت تىلىگەندىن كېيىن، مەھمۇد سەيىدنىڭ ئۆيىگە باردۇق. مېھماندوست خەدىچە خېنىم بىزگە «ساۋىنا»تەييارلاپ قويغانىكەن. ئۇلارنىڭ ساپ زاڭزۇ پوسۇنىدا بېزەلگەن، نۇرغۇن ئىسلام دىنى بىزەكلىرى ئېسىلغان مېھمانخانىسىدا ھەممە نەرسە ئىللىق، يېقىملىق كۆرۈنەتتى. مەھمۇد سەيىد ۋە خەدىچە خېنىم پېنسىيەگە چىققانىكەن. فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن چوڭ قىزى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلىدىكەن، ئوغلى چەت ئەلدە ئوقۇيدىكەن، كىچىك قىزى شىزاڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدىكەن. مەھمۇد سەيىدنىڭ چىرايىدىن ھازىرقى تۇرمۇشىدىن رازىمەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. — مەن لاسادا چوڭ بولغان، ئۆزەمنى سىرتتىن كەلگەن دەپمۇ ھېس قىلىپ باقمىغان. مەن شىزاڭلىق، بىزنىڭ زاڭزۇلار بىلەن ئېتىقادىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن باشقا جەھەتتىن ئاساسەن پەرقىمىز يوق. بىز بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەت قىلىمىز، ئۆز ئارا ياردەم بىرىمىز، بىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىز ناھايىتى بەختلىك ئۆتمەكتە. ئاسمىنى كەڭ شىزاڭ ئۇلارغا تاتلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ، كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تېخىمۇ كۆپ ئۈمىدلەرنى ئاتا قىلغانىدى. بىز «كاچې لىنكا»دىن ئايرىلدۇق، لېكىن مەھمۇد سەيىدنىڭ يۈرەك سۆزلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلايتتى. «بىپايان چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدە دىنىي ئىناقلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ خۇشپۇراق گۈللىرى داۋاملىق پورەكلەپ ئېچىلغاي!» دېدىم ئىچىمدە. جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىدىن ئېلىندى
|