ئۆز سۈتى بىلەن بالا ئېمىتىشكە بولمايدىغان ئاياللار
باللىرىنى ئۆز سۈتى بىلەن ئېمىتىش ئانا بولغۇچىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى. لېكىن بالا ئېمىتىش كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم ئىش . ئانا-بالىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتقاندا، تۆۋەندىكىدەك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ بالا ئېمىتىشى مۇۋاپىق ئەمەس. (1) ئۆپكە ، سىل كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار بالىلىرىنى باقسا ياكى ئېمىتىسە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆز سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىشىگىمۇ پايدىسىز. (2) يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار. چۈنكى ئېمىتىش جەريانىدا ئانىلار يۈرىكىنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىدۇ. (3) ئاستا خاراكتېرلىق بۆرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانىلار. (4) تۇتقاقلىق كېسەللىكى بار ئانىلار. (5) جىگەر كېسەللكىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار. جىگەر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار بالا ئېمىتكەندە، بىر تەرەپتىن كېسەللىك بالىنىڭ تېنىگە كىرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئانىلارنىڭ سالامەتلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، يەنە ئۇلارنى سۆيمەسلىكى ۋە ئاغزىدا چايناپ تاماق بەرمەسلىكى لازىم. (6) دىيابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئانىلار. بۇنداق ئانىلار ئالاھىدە ئوزۇقلۇق ۋە ئىنسۇلىن ئارقىلىق داۋالىنىپ كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقىچە بالا ئېمىتمەسلىكى كېرەك. (7) قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن ئانىلار. ئۇلار دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە بالىلىرىنى ئېمىتمەسلىكى كېرەك. (8) سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانىلار. ئۇلار دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ساقىيىشتىن بۇرۇن بالا ئېمىتمەسلىكى كېرەك. (9) جىددى خاراكتېرلىك كېسەللەردىن يۇقۇملانغان ئانىلار. ئۇلار تۈرلۈك دورىلارنى ئىچىۋاتقان مەزگىلدە بالا ئېمىتىشكە بولمايدۇ. (10) گالاكتوزىلىق قان ياكى فېنىل كېتون سىيىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئانىلىرى بالا ئېمىتىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.
|