بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش
![]()
ئىسسقلىق ئۆرلەش . بوۋاقلارغا ئىسسىقلىق ئۆرلىگەندە ، پۇراقسىز، رېئاكسىيە قىلمايدىغان سوپۇن ياكى يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن يۇيۇش كېرەك . بوۋاقنىڭ ئىسسىقلىق ئۆرلىگەن جايلىرىنى تاتىلاپ يارا قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىسسىقلىق يارىغا ئايلانسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. ئۇپىنىڭ ئادەتتە قوغداش رولى بولىدۇ. بوۋاقلارنى يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇپىلاش كېرەك . ئىسسىقلىپ پىشىپ بولغان بولسا،ئۇپا سۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. چىقان چىقىش . باش كۈزدە بوۋاقلاردا چىقان كۆپ كۆرۈلىدۇ. چىقان چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە ئېغىز ئادۇرۇشقا پايدىلىق بولغان ئىختىئول قاتارلىق مەلھەملەرنى ئىشلىتىش، يىرىڭ چىقىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە مۇۋاپىق مىقداردا مەلھەم ئىشلىتىش،چىقان چوڭ بولسا ، داۋالاشنى قوبۇل قىلىش ، ناۋادا ئەھۋال ئېغىر بولسا، ئانتىبىيوتىكلارنى ئىشلىتىش كېرەك . بوۋاقلاردىكى چىقاننى سىقىشتىن ، مىكروبلارنىڭ قانغا ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك . چاققاق . چاققاق قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ چېقىۋېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ . ئادەتتە چاققاقنىڭ ئۇچى سۇلۇق قاپارتمىلىق بولىدۇ. بەزىدە سۇلۇق قاپارتما جىددىي خارەكتېرلىك بولىدۇ. شۇڭا دەل-دەرەخلىك،ئوت-چۆپلۈك، نەم، قۇرت-قوڭغۇزلار بار جايلارغا ئامال بار بوۋاقلارنى ئاپارماسلىق كېرەك . ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى سۈرۈش . نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ياز كۈنلىرى بوۋىقىنى سىرتلارغا ئاچىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بوۋاقلارنى سىرتقا ئاچىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى سۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشق ا، كۈنلۈك ئېلىۋېلىپ، كۈچلۈك كۈن نۇرىدىن ساقلاش، ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسى ۋە نەملىكىنى مۇۋاپىق قىلىش، تەر سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى بولغان پاختا رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيگۈزۈش،شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش كېرەك. ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن ئېلىندى.
|