باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

مىللى ھۆنەر - سەنئەت --- كەلپىن قوشۇقى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-27 11:25 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
قوشۇق دەستىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 سانتىمېتىردىن 20 سانتىمېتىرغىچە كېلىدۇ. قوشۇق بېشى بىرقەدەر چوڭ ۋە چوڭقۇرراق بولۇپ ، دىئامېتىرىنىڭ ئ

مىللى ھۆنەر - سەنئەت --- كەلپىن قوشۇقى

 


 

قوشۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ بىرى.  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قوشۇقچىلىق  ھۈنەر- سەنئىتى  ئۇزۇن  يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇلارنىڭ ئىچىدە  كەلپىن قوشۇقى ئاپتونوم رايونمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياسىلىۋاتقان  ۋە ئىشلىتلىۋاتقان قوشۇقلار بىلەن كۆپ جەھەتتىن  ئۆزگىچە  پەرقلەنگەچكە، يېقىندا شەرەپ بىلەن  ئاپتونوم  رايون بويىچە غەيرىي مادددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىپ، كەلپىندىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا  زور شان - شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق بەخىش ئەتتى.

 


 

كەلپىن   قوشۇقىنىڭ  ئاپتونوم   رايونىمىزنىڭ  باشقا جايلىرىدىكى قوشۇقلار بىلەن  پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ  كەلپىننىڭ  يەرلىك  ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان تەبىئىي ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ.  قوشۇق  دەستىسىنىڭ  ئۇزۇنلۇقى  15 سانتىمېتىردىن 20  سانتىمېتىرغىچە كېلىدۇ. قوشۇق بېشى بىرقەدەر چوڭ ۋە چوڭقۇرراق بولۇپ ، دىئامېتىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت- بەش سانتىمىتىر كېلىدۇ. قوشۇق دەستىسى  بىلەن بېشى   تۇتىشىدىغان  ئورنى  ئۆزگىچە  نەقىشلەنگەن  بولۇپ بەكمۇ نەپىس كۆرۈنىدۇ. يېڭى ياسالغان قوشۇقلار سەل ئاقۇش بولۇپ، قانچە ئۇزۇن ئىشلەتكەنسېرى شۇنچە قىزغۇچ  كۆرۈنىدۇ. مەلۇم  سەۋەبلەردىن سۇنۇپ كەتمىسىلا   ئادەتتە   100 يىل   ئىشلىتىلسىمۇ     ھېچقانداق   بۇزۇلۇش   ئالامتى كۆرۈلمەيدۇ. قوشۇق  ياساشقا  ئادەتتە  ھەرە،  پالتىچاق  كاشكات قاتارلىقلار  ئىشلىتىلىپ پۈتۈنلەي قول ئەمگىكى  ئارقىلىق ياساپ چىقىلىدۇ. قوشۇق ياساشتا  ئالدى بىلەن  ئەلا  سۈپەتلىك  ئۆرۈك ياغىچى   تەييارلىنىدۇ.  ئاندىن  ئۆرۈك ياغىچى  15 سانتىمېتىردىن 20 سانتىمېتىرغىچە ئۇزۇنلۇقتا  يەتتە  سانتىمېتىر  كەڭلىكتە  كەسلەپ پارچىلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن پالتىچاق بىلەن ياغاچ  تەكشى  تۈزلەنگەندىن  كېيىن قوشۇق بېشى قىسمى  چوڭ، دەستە قىسمى كىچىكرەك قىلىپ قوشۇق جازىسى شەكىللىنىدۇ. ئاندىن كېيىن ئاتالگا بىلەن  قوشۇق  بېشى  قىسمى چىرايلىق ئويۇلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا كاشكات بىلەن قوشۇق بېشى ۋە دەستىسى چىرايلىق ياسىلىپ سېلىقلاشتۇرۇلىدۇ- دە، ئۆلچەملىك قوشۇق  پۈتۈپ چىقىدۇ، بىر  كۈندە تېخنكىدا يېتىلگەن بىر  ئادەم  100 دانە  ئەتراپىدا  قوشۇق پۈتتۈرەلەيدۇ. كەلپىن  قوشۇقىنىڭ  ياسىلىش  جەريانىدا  ھېچقانداق  خىمىيىۋى تەركىب قوشۇلمايدۇ. قوشۇقنىڭ  رەڭگى  تەبىئىي قىزغۇچ  بولۇپ، چىرايلىق، زىيانسىز  يېشىل مەھسۇلات، بەدەنگە ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق، ساپ، نەپىس قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتى ھېساپلنىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەلپىن ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار  ناھىيىلىك پاتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، بۇ خىل  ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىنى قوغداش  ۋە سىرتقا  نامايەن  قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت  گۇرۇپپىسى قۇرۇپ،  ناھىيەنىڭ  ئەنئەنىۋى  قوشۇق  ياساش  تېخنىكىسىنى  ئەۋلادمۇ  ئەۋلاد  داۋاملاشتۇرۇپ  كەلگەن  نۇقتىلىق  يېزا-  گەزلىك  يېزىسىنى  ئاساسىي  نۇقتا  قىلىپ،  ئەنئەنىۋى  قوشۇق  ياساش  تېخنىكىسى  ۋە قوشۇققا  مۇناسىۋەتلىك زور تارىخىي  ماتېرىياللارنى  توپلىدى.  قوشۇق  ياساش  سايمانلىرىى  تەكشۈرۈپ  تەتقىق  قىلدى ۋە  مەخسۇس  ئارىخىب ئامبىرى  قۇردى. شۇ ئاساستا  ناھىيىنىڭ يەرلىك ئەنئەنىۋى، ئۆزگىچە  قوشۇقچىلىق  تېخنىكا، ھۈنەر- سەنئىتىنى ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم  رايون دەرىجىلىك  قوغدىلىدىغان  غەيرى  ماددىي  مەدەنىيەت مىراسى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىپ، ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايون  دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراس  ئېتىراپنامىسىگە  ئېرىشتى. بۇنىڭ   بىلەن  نۆۋەتتە   كەلپىن  ناھىيىسىنىڭ  بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى  ئۈنۈملۈك  قوغدىلىپ، بۇ ناھىيىنىڭ ئېسىل يەرلىك مەدەنىيەت مىرسىغا  ۋە ساياھەت  بايلىقىغا  ئايلاندى. كەلپىن قوشۇقىنىڭ رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى  جايلىرىغا  سېتىلىش  مىقدارىمۇ  كۈنسايىن ئاشماقتا.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارغا ناركوز ئىشلەتكەندە ئۆگىنىشكە تەسىر يېتى [ 2011-10-26 14:52:16 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گ [ 2011-10-26 14:50:31 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] يېڭى بايقاشلار [ 2011-10-26 14:48:49 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھتىماللىقى چ [ 2011-10-26 14:47:22 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مائارىپتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى باسقۇچقا كىر [ 2011-10-26 14:45:59 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] «ئائىلە ۋە بالىلار مىجەزى» [ 2011-10-26 14:42:23 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇنۋانى ئېلىشقا كىرەكلىك ماتىريا [ 2011-10-26 13:47:47 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] دادا، ئاپا، سىلەرگە سۆزۈم بار [ 2011-10-14 16:22:27 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە قانداق قاراش كېرەك [ 2011-10-14 16:20:59 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئالىياسكىدا بالىلار دەرس تاشلىسا ئاتا – ئانىسى جا [ 2011-10-14 16:17:20 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر