ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى — دولقۇن قادىر
![]() دولقۇن قادىر 1973-يىلى لوپنۇر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغان. 1991-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركىي تىللار فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئوقۇغان. 1996-يىلى ئوقۇشىنى تاماملاپ، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. 2005-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە بېيجىڭ خېمىيە-سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇھىت پەنلىرى بويىچە ماگىستېر ئاسپرانتلىق دەرسلىرىنى تاماملىغان. 2008-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان. 2011-يىلى 5-ئايدا، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ كەسىپ ئەندىزىسى ۋە كاپالەت سىستېمىسى تەتقىقاتى» ناملىق دوكتورلۇق دېسىرتاتسىيەسىنى ياقلاپ، ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ ماقالىسى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2011-يىللىق «مۇنەۋۋەر ماقالە نامزاتى» غا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ ھازىر، مىللەتلەر نەشرىياتىدا كاندىدات ئالىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىمەكتە. دولقۇن قادىرنىڭ ئوقۇش تارىخى بىر ئۈزلۈكسىز يېڭىلىققا ئىنتىلىش جەريانىدۇر. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش جەريانىدا، فاكۇلتېت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن فاكۇلتېتتىكى ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، ئەينى ۋاقىتتىكى «ئۇچقۇن» گېزىتىنى داۋاملىق چىقارغان ھەمدە ئەدەبىيات سالونى ئۇيۇشتۇرغان. «ئۇچقۇن»گېزىتى گەرچە ئاددىي باسما بىلەن ئاز مىقداردا بېسىلسىمۇ، شۇ ۋاقىتلاردا خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى باشقا مىللەت ۋە چەت ئەل زىيالىيلىرى بىلەن كەڭ ئارىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغان ھەمدە ئىزدەنگەن. شۇ جەرياندا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى ھەققىدە كۆپ ئويلىنىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا ئىجتىمائىي پەنلەردىن باشقا كەسىپلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ بەك ئاز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى تەخىرسىز كەسىپلەرنىڭ بىرى بولغان مۇھىت كەسپىنى ئۆگىنىش ئىرادىسىگە كەلگەن. ئېنىقكى، تىل-ئەدەبىيات كەسپىدىن چىققان ئادەم ئۈچۈن مۇھىت كەسپىنى ئۆگىنىش — چوڭ سەكرەش ھەم مۈشكۈل بىر جەريان. دەسلەپتە دولقۇن قادىر تەپەككۇر ئۇسۇلىدا تەبىئىي پەنلەر كاتىگورىيىسىگە تەۋە بولغان بۇ پەنگە ئۆتۈش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا يولۇققان. ئەمما كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نەشرىياتچىلىق خىزمىتىدە ئىگەللىگەن قانۇن، ئىقتىساد پەنلىرى ھەققىدىكى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، مۇھىت پەنلىرىدە ئىجتىمائىي پەنلەر نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ، دۆلىتىمىزدە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان ئايلانما ئىقتىساد نەزەرىيەسىنى نۇقتىلىق ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان. دولقۇن قادىر 2007-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئىمتىھانىغا قاتناشقان. تىزىملاتقان كىشىلەر كۆپ، قوبۇل قىلىدىغان سان چەكلىك بولغاچقا، رىقابەت ناھايىتى كەسكىن بولغان. نەتىجىدە بىر نەچچە نومۇرى كاملاپ، دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنماي قالغان. بۇ، دولقۇن قادىرغا ئېغىر زەربە بولغان. لېكىن ئۇ: «ئۆتمىگىچە بولدى قىلمايمەن» دېگەن نىيەتكە كېلىپ يەنە بىر يىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق 2008-يىلى دوكتورلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىقتىسادى تەتقىقات يۆنۈلۈشى بويىچە دوكتور ئاسپرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان. دوكتورلۇقتا ئوقۇش جەريانىدا تەپەككۇر ئۇسۇلى، مېتودولوگىيە جەھەتتە تىل-ئەدەبىيات، مۇھىت پەنلىرىدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىملىق بۆسۈش ھاسىل قىلغان ھەمدە نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئۆز يۇرتىنىڭ ئەمەلىي تەرەققىياتىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىزدەنگەن. 2009-يىلى ۋە 2010-يىلىدىكى تەتىل پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، دوكتور يېتەكچىسى ۋە سەككىز نەپەر دوكتور ئاسپرانتىنى باشلاپ، ئەڭ غەربتىكى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىن باشلاپ، قەشقەر-خوتەن-كورلا-تۇرپان-ئۈرۈمچى لېنىيەسى بويىچە پۈتۈن شىنجاڭنى ئايلىنىپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىپ چىققان ھەمدە «ئۇيغۇر يېزا ئىقتىسادى»، «قىرغىز يېزا ئىقتىسادى» ناملىق ئىككى پارچە كىتاب يېزىپ، دۆلەتنىڭ ئىككى تۈرلۈك «985 تەتقىقات تۈرى» نى تاماملىغان. دولقۇن قادىر يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق ئىلمىي ژۇرناللاردا ئايلانما ئىقتىساد نەزەرىيىسى قاتارلىقلار بويىچە ئون نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. دۆلەت دەرىجىلىك ئۈچ تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان. مەن زىيارەت جەريانىدا، دولقۇن قادىرنىڭ باشقا پەنلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق بىزنىڭ ھازىرقى ئادىمىيەت پەنلىرىدە زۆرۈر بولۇۋاتقان يېڭى تەپەككۇر ئۇسۇللىرىنى ئىگەللەپ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئىشلىتىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى ھەمدە ئۆگەنگەن ئىقتىساد بىلىملىرىنى نەشرىيات ساھەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپىنى تەتقىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. دولقۇن قادىر مىللەتلەر نەشرىياتى قارمىقىدىكى مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نامىدىن ئىلتىماس قىلغان «ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى جەۋھەرلىرى» ناملىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرى دۆلەتنىڭ 12-بەش يىللىق نەشر بۇيۇملىرى پىلانىغا كىردى. ئۇ ئۆزىنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى پىلانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مۇشۇ قۇرۇلۇشنى ئىككى يىل ئىچىدە تاماملاپ، ئاخىرقى ھېسابتا، ‹ئۇيغۇر 12 مۇقامى› ۋە ‹ئۇيغۇر مەشرەپلىرى› دىن كېيىن 3-قېتىمدا ‹ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى› نى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېغىزاكىي ۋە غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىمەن ھەمدە تىزىملىككە كىرگۈزۈشكە تىرىشىمەن».
|