باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرىمەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

گابائىن خانىم ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇر شۇناسلىقى— گابا

يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-24 16:32 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى نىسبەتەن بالدۇر باشلانغان ۋە تەتقىقات نەتىجىسى مولراق دۆلەت.

گابائىن خانىم ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇر شۇناسلىقى گابائىن خانىم

 

تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىق خاتىرە كۈنىگە

ئىمىنتاجى تۈرگۈن

 

شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى نىسبەتەن بالدۇر باشلانغان ۋە تەتقىقات نەتىجىسى مولراق دۆلەت. گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىرى ئارىسىدا ئاننا مارىيا فون گابائىن خانىمنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتى دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .

گابائىن خانىم دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان ئاتاقلىق تۈركولوگ، ئۇيغۇرشۇناس، شۇنداقلا تۈركىي تىللىرى، بولۇپمۇ قەدىمكى زامان تۈركىي تىللىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرتىلى، شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىن، گۈزەل سەنئىتىنى ئۆمۈر بويى تەتقىق قىلغان ئالىم. ئۇ 1901يىلى گېرمانىيەنىڭ مورچېنىگېن (ھازىر فىرانسىيە تەۋەسىدە) رايونىدا تۇغۇلغان. 1920يىلى بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاتاقلىق تۈركولوگ ۋە خەنزۇشۇناس ئالىم فرانكىي ۋە ۋىلھېلىم باڭ قاتارلىق پىروفېسسورلاردىن تۈركىي تىللىرى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقى ۋە خەنزۇشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن، 1926 يىلى خەنزۇ تىلى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تەشكىللەنگەن ‹‹گېرمانىيە تۇرپان ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى››نىڭ تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1928-يىلى «مانى دىنىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان شامان ئىلاھى ھەققىدىكى رىۋايەتتىن پارچە» ناملىق ئەسىرى بىلەن تەتقىقات ساھەسىگە رەسمىي قەدەم قويغان. 1929-يىلىدىن 1934-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇستازى ۋىلھېلىم باڭ بىلەن ئالتە توملۇق «تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى»نى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما پارچىلار ھەققىدە تەتقىقات» (1930-يىلى) قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

گابائىن خانىم 1931 يىلى بېيجىڭغا كېلىپ، بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»نى ۋە 1933-يىلى كۈزدە پارىژدىكى گۇيمېت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» نىڭ يەنە بىر نۇسخىسىنى تەتقىق قىلغان، 1935-يىلى «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالىدىكى خەت چەكلەر» قاتارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدۇرغان، كېيىن يەنە «قەدىمكى زامان تۈركىي تىللىرى گرامماتىكىسى» ( 1941 يىلى) ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان. ئۇنىڭ بۇ كىتابى قەدىمكى تۈركىي تىللار ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسلىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى، شۇنداقلا شۇ ساھەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئەسەر، دەپ قارالماقتا.

  گابائىن خانىم 1949-يىلىدىن باشلاپ ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇئەللىم بولغان. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا «تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى» ناملىق ئەسەرنىڭ 8 ، 9 ، 10-توملىرىنى مۇستەقىل يېزىپ نەشر قىلدۇرغان، 1957 يىلى مايىنزى (مائىنز) شەھىرىدە ساقلىنىۋاتقان «مايتىرى سېمىتنىڭ ئۇچرىشىشى»نى نەشىر قىلدۇرغان، 1961-يىلى بۇ ئەسەرنىڭ شەرقىي بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر قىسمىنى تېپىپ نەشىر قىلدۇرغان. ئۇ يۇقىرىقىلاردىن باشقا، خەلقئاراغا مەشھۇر ئەسىرى «تۈركىي مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئاساسلىرى»، «قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «قەدىمكى كۈسەن ئەدەبىياتى» قاتارلىق مەخسۇس ماقالىلىرىدە قەدىمكى تۈركىي تىللارنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلغان.

گابائىن خانىم تۈركىي تىللار بويىچىلا ئەمەس، بەلكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ مۇتەخەسسىستۇر. 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 50-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىدا شەھەرلەرنىڭ رولى» (1949-يىلى)، «ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى تارىخى» (1952-يىلى)، «بۇددا دىنى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا» (1954-يىلى) قاتارلىق مۇھىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇرغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ تۇرپاننىڭ ماددىي مەدەنىيىتى، دىنىي ئەھۋالى ۋە سەنئەت بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلغان. بۇ چاغلاردا ئۇ «قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە يۈرۈش تۇرۇش ئادەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات»، «تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان يازما يادىكارلىقلارنىڭ مەنبەسى»، «قەدىمكى تۇرپان رايونىنىڭ مەتبەچىلىك تېخنىكىسى»، «قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر»، «تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان قوليازمىلارنىڭ تارىخىي دەۋرى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بۇددا نومى ئابىدارما كۇشاۋاردى شاستىر»، «تۇرپاندىن تېپىلغان قىستۇرما سۈرەتلىك كىتابئوتتۇرا ئاسىيا كىشتىگاربىھا (بۇدساتۋا) ئېتىقادى»، «قوچۇ ئۇيغۇرلىرىدا مەدەنىي ھايات»، «تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان ئارخات تېپىدىكى تۇتاش تام رەسىملىرى»، «قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى» (1961يىلى)، «بايان ئۇسۇلىدا تەسۋىرلەنگەن تۇرپان سەنئىتىسۆز ۋە ئوبراز» (1979يىلى)، «كۇچادىن بامىيانغىچە بولغان رايونلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» (1977يىلى)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» (1980يىلى)، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر مەركىزىنىڭ ئۆتۈكەن شەھىرىدىن قوچۇ شەھىرىگە يۆتكىلىشىگە نەزەر» (1982يىلى)، «تارىم ۋادىسىدىن قېزىۋېلىنغان ئوتتۇرا ئەسىر تام رەسىملىرىدىكى ئورتاقلىق ۋە خاسلىق» (1983يىلى)، «يىپەك يولى بويىغا جايلاشقان تارىم ۋادىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبى ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرى» (1986يىلى)، «قەدىمكى ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتىدىكى ھەيكەلتاراشلىق» (1987يىلى)، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئۇيغۇرلار تەتقىقاتى» دېگەندەك مۇھىم ئەسەر ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

گابائىن خانىم تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەنلا چەكلەنمەي، يەنە «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئات مەدەنىيىتى ۋە چەۋەندازلىق» (1965 يىلى)، «ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا ئىران دىنلىرىنىڭ تەسىرى» (1977-يىلى)، «ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىق تەتقىقاتىغا مۇقەددىمە» (1979 يىلى)، «يىراق قەدىمكى تۈركلەرنىڭ دالا ۋە شەھەر ھاياتى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى»، «1000 يىل ئاۋۋالقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوردا-قەسىرلىرى»، «تارىختىكى ھايۋانلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قىيا تاش سىزمىلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى»، «دىن تارقاتقۇچى بۇددىست تۈركلەر»، «قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ۋاقىت ھېسابلاش ۋە خاتىرىلەش سىستېمىسى»، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر»، «ئۇيغۇر خاقانلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى»، «تۈركىي خەلقلەردە رەڭ ئاتالغۇلىرىنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى»، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ يازما مەدەنىيىتى ۋە مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئېسىلزادىلىرىنىڭ ئۈچ قىرلىق باش كىيىملىرى»، «مەدەنىيەت ئۇقۇمى ھەققىدە قىسقىچە مۇھاكىمە››، ‹‹قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ پوتا تۈرلىرى توغرىسىدا»، «قاتلىما شەكلىدىكى يۇمۇلاق كىگىز چېدىرلار توغرىسىدا دەسلەپكى تەكشۈرۈش»، «سوغدى يېزىقىدىكى قەدىمكى تۈركىي تېكىستلەر» قاتارلىق ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدۇرغان.

ئۇ يەنە ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركولوگىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بۇددا دىنشۇناسلىقى بويىچە پىروفېسسور ۋە گېرمانىيە ئورال ئالتايشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى، «ئورال ئالتايشۇناسلىق يىلنامىسى»نىڭ مەسئۇل باش مۇھەررىرلىك لاۋازىملاردا بولغان ھەم تۈركولوگىيە جەھەتتىكى ئاجايىپ تۆھپىلىرى بىلەن تۈركىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلىنغان، نۇرغۇن تۈركشۇناسلارنى يېتىشتۈرگەن. 1971يىلى خەلقئارا ئالتايشۇناسلىق جەمئىيىتى دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

گابائىن خانىم 1982يىل 8ئاينىڭ 30كۈنىدىن 9ئاينىڭ 18كۈنىگىچە ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار ساھەسىدىكىلەرگە «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيانقى تۈركىي تىللاردىكى يازما يادىكارلىقلىرى»، «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويما رەسىم سەنئىتى ۋە جۇڭگو»، «خەلقئارا ئورال-ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەت ئەھۋالى» دېگەن تېمىلاردا ئىلمىي دوكلات بەرگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىمىز ئالىملىرىدىن گېڭ شىمىن، ئىبراھىم مۇتئىي ۋە ئۇيغۇر سايرانىلار بىلەن ئىلمىي سۆھبەت ۋە مۇھاكىمىلەردە بولغان.

تۈركولوگىيە، ئۇيغۇرشۇناسلىق، تۇرپانشۇناسلىق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرگەن ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئىجتىھاتلىق ئالىم گابائىن خانىم 1993يىل 1ئاينىڭ 15كۈنى ۋاپات بولغان . ئۇنىڭ ۋاپاتى بۇ پەنلەر ساھەسى بويىچە چوڭ يوقىتىشتۇر. ئالىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇر پىكىرلىك ئىلمىي ماقالىلىرىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇش، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتتا ئۇنىڭ ئىزىدىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ مېڭىش ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىمىزدىكى مۇھىم ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.

شىنجاڭ گىزىتىدىن ئېلىندى.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر