مائارىپ روزغارچىلىقى ئاتا – ئانىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ مۇھەممەد تۇراپ ھازىر ئېلىمىزدە پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇش خىراجىتى ئائىلىلەرنىڭ ئاساسلىق چىقىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بىر ئادەتتىكى ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر پەرزەنتلەر ئۈچۈن مائارىپ روزغارچىلىق پىلانى تۈزۈلسە، ئۇ ھالدا پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇشتا ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئوقۇشى ئۈچۈن بانكىغا قويغان ئامانەت پۇلى ئومۇمىي ئامانەت پۇلىنىڭ %30ىگە يېقىنلىشىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش چىقىمى ۋە تۇرالغۇ چىقىمىدىن كۆپ بولغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش خىراجىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى تەييارلاش بېسىمى ئېغىر. شۇڭا ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرگە ئىلمىي ئۇسۇلدا ئوقۇش خىراجىتى تەييارلاش ئۈچۈن، روزغار باشقۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشى تولىمۇ زۆرۈر. ھازىر ئوقۇتۇش خىراجىتىنى تەييارلاش ئۇسۇللىرىدىن مائارىپ پۇل ئامانىتى كەسپى، مائارىپ سۇغۇرتىسى ۋە مۇقىم سوممىلىق قەرەللىك فوندقا مەبلەغ سېلىش كەسپى قاتارلىقلار بار. مائارىپ پۇل ئامانىتى ئەڭ بىخەتەر مەبلەغ سېلىش تۈرى مائارىپنىڭ روزغار باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئېھتىياجىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر بانكىلار يولغا قويغان مائارىپ پۇل ئامانىتى كەسپى ئەڭ بىخەتەر ۋە ساغلام مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق پۇل ئامانەت قويۇش ئۇسۇلى مائاشى تۆۋەن ئائىلىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. پۇلنى بانكىغا پارچە ئامانەت قويۇپ توپ ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغاچقا، ‹‹تاما – تاما كۆل بولۇر›› دېگەندەك پۇل ئاز – ئازدىن يىغىلىپ كۆپىيىدۇ. پۇل ئامانەت قويۇش قەرەلىنى پەرزەنتلەرنىڭ يېشى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ بېكىتىش كېرەك. ئادەتتە، ئالتە يىللىق مائارىپ پۇل ئامانىتى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 4 – يىللىقىدىن يۇقىرى يىللىقلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار نامىدا ھېساب ئېچىشقا ماس كېلىدۇ، ئۈچ يىللىق مائارىپ پۇل ئامانىتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلار نامىدا ھېساب ئېچىشقا ماس كېلىدۇ، بىر يىللىق مائارىپ پۇل ئامانىتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 2 – يىللىقىدىن يۇقىرى يىللىقلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار نامىدا ھېساب ئېچىشقا ماس كېلىدۇ. مائارىپ پۇل ئامانىتىدە ئۆسۈم تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. مائارىپ پۇل ئامانىتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئوخشاش مەزگىللىك پۇل ئامانىتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ. مائارىپ سۇغۇرتىسى روزغار باشقۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاتا – ئانىلار مائارىپ پۇل ئامانىتىدىن باشقا يەنە مائارىپ سۇغۇرتىسىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ھازىر نۇرغۇن سۇغۇرتا شىركىتى مائارىپ سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويدى. مائارىپ سۇغۇرتىسى روزغار باشقۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئارتۇقچىلىقنى ھازىرلىغان بولغاچقا، مائارىپ سۇغۇرتىسىنىڭ خەۋپ – خەتىرى بانكىنىڭ مائارىپ روزغارچىلىق مەھسۇلاتىغا قارىغاندا كىچىك بولىدۇ. مائارىپ فوندى سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئايرىم سېتىۋالغىلى بولمايدىغان سۇغۇرتىنى نىسبەتەن تۆۋەن باھادا سېتىۋالغىلى بولىدۇ. مائارىپ سۇغۇرتىسىنى بالا قانچە كىچىك ۋاقتىدا سېتىۋالسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. كۆپ ساندىكى مائارىپ فوندى سۇغۇرتىلىرى يەنە بالىلارنى ياخشىراق داۋالىنىش ۋە تاسادىپىي يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بەزى سۇغۇرتا شىركەتلىرى مائارىپ سۇغۇرتىسىنى بېجىرگەنلەرنى بالىلارنىڭ تاسادىپىي ھادىسە سۇغۇرتىسى كاپالىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. ئاتا – ئانىلار مائارىپ فوندى سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالغاندا، ئەڭ ياخشىسى، قوشۇمچە ئىقتىدارى بار مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ، كەلگۈسىدىكى مائارىپ فوندى ئېھتىياجىنى پىلانلاش بىلەن بىللە، ئاتا – ئانىلارنىڭ كېيىنكى ئەندىشىسىنى ھەل قىلىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلۈش ئىشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، نۆل ياشتىن توققۇز ياشقىچە بولغان بالىلار 12 ياشقا كىرگەندە ئاساسىي سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ %10ىنى ئېلىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى فوندى قىلسا، 15 ياشقا كىرگەندە ئاساسىي سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ %15ىنى ئېلىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى فوندى قىلسا، 18ياشقا كىرگەندە ئاساسىي سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ %25ىنى ئېلىپ، ئالىي مەكتەپ مائارىپى فوندى قىلسا، 25 ياشقا كىرگەندە ئاساسىي سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ %50ىنى ئېلىپ، ئىگىلىك تىكلەش فوندى قىلسا بولىدىكەن. مۇقىم سوممىلىق قەرەللىك فوندقا مەبلەغ سالغاندا ئاز – ئازدىن كۆپ مەبلەغ توپلىغىلى بولىدۇ مۇقىم سوممىلىق قەرەللىك فوندقا مەبلەغ سېلىش كەسپى مۇئەييەن مەبلەغ سېلىش مەزگىلى ئىچىدە مەبلەغ سالغۇچىنىڭ مۇقىم ۋاقىت ۋە مۇقىم سوممىدا مەلۇم فوند مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىش كەسپىنى كۆرسىتىدۇ. مۇقىم سوممىلىق قەرەللىك فوندقا مەبلەغ سېلىش كەسپى خەۋپ – خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بولغان تۆۋەن مائاشلىقلارغا ماس كېلىدۇ. مۇقىم سوممىلىق قەرەللىك فوندتا مەبلەغ سالغۇچىلار مەلۇم ۋاقىتتا بوش تۇرۇپ قالغان مەبلەغلىرىنى قەرەللىك ۋە مۇقىم سوممىدا فوند سېتىۋېلىشقا سېلىش ئارقىلىق مەبلەغنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ ھەم بايلىق توپلايدۇ. بۇنداق كەسىپتە مەبلەغ مۇددەت بويىچە سېلىنغاچقا، سالغان مەبلەغنىڭ تەننەرخى ئوتتۇرىچە بولغانلىقتىن، خەۋپ – خەتەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە تارقاقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. دېمەك، مائارىپ روزغارچىلىقى ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلان بولۇپ، ياش ئاتا – ئانىلار ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مائارىپ روزغارچىلىق مەھسۇلاتىنى تاللاپ، پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى زور سوممىلىق مائارىپ چىقىم ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرسە بولىدۇ.
|