پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ئويغۇرمىدى ئەسلى بالڭىز...

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-14 21:13 مەنبەسى: ئاپتورى: قارقاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالڭىز قوش تىللىق بولسۇن.لىكىن ئانا تىلنى ئەڭ ياخشى بىلسۇن.

ئاشخانىدا تاماق ساقلىغاچ،
نەزەر سالدىم ئۇياق - بۇياققا.
يان ئۈستەلدە بولۇنغان گەپلەر،
كىرىپ قالدى"قېلىن"قۇلاققا.


"چىسا"دېدى بالىغا ئايال،
"بۇچى"دېدى بالىسى باتناپ.
يىگىن دېدى"كاۋرو"بولسىمۇ.
بالىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ.

"خې چا"قىلغىن جېنىم بالام دەپ،
چاي ئۇزاتتى ئانا بالىغا.
ھەيران بولۇپ توۋا دىيىشتۇق،
قوش مىللەتلىك ئاتا - ئانىغا.

كاۋاپنىمۇ يېمىدى بالا،
"چى خەنباۋ"دەپ چىقاردى جىدەل.
بۇ ناجىنىس دىئالوگلارغا.
چىدىيالماي تۆلىدىم بەدەل.

‏‏-جېنىم ھەدە، دىدىم قوپۇپلا،
(ئازات قىلاي دېدىم قۇلاقنى).
ساۋاپ ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز،
بېقىۋېلىپ خەنزۇ بوۋاقنى.

‏-ئاڭلاپ قويۇڭ ئۇ مېنىڭ بالام،
دېدى تىللاپ بارمۇ كۆزىڭىز.
بېشىم ئېگىپ دېدىم كەچۈرۈڭ،
ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز.

تىللاپ كەتتى ئەڭ مەينەت تىلدا،
تۆكمەك بولدى مېنىڭ يۈزۈمنى.
گەپ ياندۇرماي تاماقنى يېدىم،
دەۋەلغاچقا يۈرەك سۆزۈمنى.

كۈلۈپ كەتتى كۈلەلىگەنلەر،
ئەيىپلەشتى مېنى بەزىسى.
چىقىپ كەتتىم يامان ئەمەسمۇ،
خوتۇن خەقنىڭ تىلى تەنىسى.

كۈلۈڭ دوستۇم قاقاقلاپ كۈلۈڭ،
يازغىنىمنىڭ يوقتۇر يالغىنى.
سېسىق تىللار مەن بىلەن كەتتى،
سوۋغام بولسۇن سىزگە قالغىنى ...

مەنبە:http://www.guzalbay.tk دىن ئېلىندى.
 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

قارقاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئويغۇرمىدى ئەسلى بالڭىز... [ 2011-06-14 21:13:37 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] يىراق مۇساپىلىق ئۇقۇتۇش قۇبۇللاش [ 2011-05-19 15:54:43 ]
[باشقا رەسىملەر] قىزقارلىق چ چ ئىپادىلىرى [ 2011-05-18 12:52:17 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ھەممىباپ كامىرا قوزغاتقۇچ سېستىمى [ 2011-05-18 11:05:07 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
قارقاش تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-05-15 03:05 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-06-19 19:06
تەۋسىيەلەر