ئەڭ يىقىملىق سۆز
最好听的话 The best thing ھۈسەنجان نامان
ھەپتىدە ئىككى – ئۈچ قېتىم كىتابخانىلارنى يوقلاپ تۇرۇش ئادىتىم بار. يېقىندىن بۇيان، كىتابخانىلارنى ئارىلاۋېتىپ ئىلگىرى بۇ يەردە ئانچە ئاڭلاپ باقمىغان بەزى سۆزلەرنى پات – پات ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم، يەنى ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى كىتابخانىغا يېتىلەپ كىرىپ ‹‹ئوغلۇم، قايسى كىتابنى ئېلىپ بېرەي؟››، ‹‹قىزىم، قايسى كىتابنى ئېلىپ بېرىمەن؟ ئۆزىڭىز ياقتۇرغان كىتابنى تاللاڭ››، ‹‹بالام، ماۋۇ كىتاب بەك ياخشىكەن، ئوقۇپ باقامسىز؟›› دېگەنلىرىنى، بالىلارنىڭ ‹‹دادا، ماڭا ئاۋۇ كىتابنى ئېلىپ بېرىڭا››... دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان بولدۇم. ئويلاپ باقسام، بۇلار ئاددىي، ئادەتتىكى سۆزلەر بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇلۇغۋار ئىستىقبال نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان‹‹ئەڭ يېقىملىق سۆز›› ئىكەن. كىتابخانىغا بالىلىرىنى ئەكىرگەن ئاشۇ ئاتا ئانىلار، ئاتا ئانىلىرىغا ئەگىشىپ كىتابخانىغا كىرگەن ئاشۇ ئوماق بالىلاردىن تولىمۇ پەخىرلەندىم. ماڭا بۇ بالىلار كەلگۈسىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولىدىغاندەكلا تۇيۇلدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاق قەغەزدەك غۇبارسىز قەلبىگە تۇنجى بولۇپ كىتابخۇمارلىقنىڭ گۈللىرى چېكىلگەنىدى. ھازىرقى جەمئىيەتتە بالا تەربىيىلەشكە قويۇلىدىغان تەلەپ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئوڭ تاناسىپ ھالدا كۈچىيىپ بارماقتا. شۇڭا بالىلارنىڭ قەلبىگە كىتابخۇمارلىقنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىش كەلگۈسىگە تۇتاشقان يولنىڭ تۇنجى پەلەمپىيىنى قوپۇرغان بىلەن باراۋەر. كىچىكىدىن باشلاپ بوش ۋاقىتلىرىدا كىتابخانىنى چۆرگىلەپ چوڭ بولغان بالىلار بىلەن كىتابخانىنى كۆرۈپ باقمىغان بالىلارنىڭ كېيىنكى ھايات مۇساپىسى، دۇنيا قارىشى، كىشىلىك قىممەت قارىشىدا پەرق بولىدۇ. بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى، ئومۇمىي خەلقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى بولغان مائارىپقا، جۈملىدىن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ كىتابخۇمارلىقىغا باغلىق. بالىلاردا كىچىكىدىنلا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرسەك، ئۇلار تەدرىجىي ھالدا كىتابخۇمارلىقىدىن ئىبارەت ئىچكى تەربىيە ئېنېرگىيىسى ئارقىلىق ئۆزىگە كېرەكلىك بىلىمگە ۋە شۇ ئارقىلىق توغرا دۇنيا قاراشقا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرالايدىغان، ئۆزىنى ئۆزى يېتەكلىيەلەيدىغان، شۇنىڭدەك ئۆزىنى ھەم جەمئىيەتنى ئاكتىپ چۈشىنىدىغان، مۇستەقىللىق ئېڭى كۈچلۈك، يۇقىرى ساپالىق ئادەم بولۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار بالا تەربىيىلەشتە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ‹‹ئەڭ يېقىملىق سۆز››نىڭ رولىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. بۇ ‹‹ئەڭ يېقىملىق سۆز›› بالام بىلەن ئوتتۇرىمىزدا بولۇنغانمۇ يوق؟ دېگەن سوئالنى ئۆزىگە قويۇپ بېقىشى كېرەك. كۆچەتنىڭ قانداق دەرەخ بولۇشى پەرۋىشكە باغلىق. بالىلار ئوخشاش تۇغۇلىدۇ، ئاتا – ئانىلارنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ياخشى يامان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى تەربىيە مۇھىتىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئۈچ ۋاخ تامىقى جايىدا بولسا، كىيىم كېچىكى تولۇق بولسىلا بولدى، دەپ قارايدۇ. كىتابخانىغا باشلاپ بېرىشنىڭ ئورنىغا بالىسىنى قاتار چاي، ھاراق سورۇنلىرىغا باشلاپ بارىدىغان ئاتا ئانىلارمۇ يوق ئەمەس... دىققەت قىلىدىغان بولساق، ھەرقانداق بىر مەشھۇر ئەربابنىڭ شەخسىي ئارخىپىدا كىتاب ئوقۇشقا ئامراق، كىتابنى قەدىرلەيدىغان ئېسىل تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئۇنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىدە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بىر ئادەم ئىگىلىگەن بىلىمنىڭ ھەممىسىلا مەكتەپتە، دوسكا ئالدىدا ئۆگەنگەن بىلىم بولماستىن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن بىلىملەرمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۆزى ئۆگەنگەن بىلىم ئۆزى چايناپ يېگەن ناندەك تەملىك، مەززىلىك، سىڭىشلىك بولىدۇ. بالىلاردىكى كىتاب ئوقۇش ئادىتىمۇ ئۇلاردىكى ئەڭ ياخشى ئادەت، شۇنداقلا پارلاق كەلگۈسىگە سېلىنغان ئۇل! ھەرقانداق ئاتا ئانا پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما قانداق قىلغاندا شۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ؟ بەزىلەر مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشقا سەل قارايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ كىتابخانىلارغا كۆپرەك ئاپىرىپ، ئۇلاردا كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. ‹‹ئەڭ يېقىملىق سۆز›› ئاتا ئانىلارنىڭ دائىم ئېسىدە بولۇشى كېرەك. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|